باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>شىنجاڭنىڭ ئومومىي ئەھۋالى
ئۈرۈمچى دەرياسى
2007- 09- 13 17:46 تەڭرىتاغ تورى

     

       ئۈرۈمچى دەرياسى — شىمالىي تەڭرىتاغدىكى تەڭرى Ⅱ چوققىسىدىن باشلىنىدۇ ، تاغ ئېغىزىدىن چىققاندىن كېيىن ئۇلانبايغا كىلىپ ئاندىن ئۇدۇل شىمالغا قاراپ ئېقىپ ئۈرۈمچى رايونىنى كېسىپ ئۆتۇپ ، مىچۈەن ناھىيىسىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى دۇڭداۋ خەيزىگىچە بارىدۇ . دەريانىڭ ئومۇمىي ئوزۇنلۇقى 214 كىلومېتىر، ھەۋزىسىنىڭ كۆلىمى 5803 كوۋادرات كىلومېتىر ، يىللىق ئېقىن مىقدارى 237 مىليون كۇبمېتىر كىلىدۇ . دەريانىڭ تاغ ئېغىزىدىن چىققاندىن كېيىن نەنسەن ، دۇڭسەنلەرگە يىغىلغان سۈيى ۋە تۇدۇڭخابا دەرياسىنىڭ سۈيى بىلەن قوشۇلۇپ ھاسىل قىلغان سۇ مىقدارى جەمئىي 596 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ ، ھەممىسى ئۆستەڭ ۋە سۇ ئامبارلىرىغا باشلىنىدۇ . ئۇلانباي سۇ ئامبىرىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدىكى ئەسلى دەريا يولى ھازىر ئۆزگەرتىلىپ ساي يولى قىلىپ ياسىلىپ ، دەريا سۈيى تىنىچلىق ئۆستىڭى ئارقىلىق تۆۋەن ئېقىنغا ئۇزىتىلدى . دەريانى بويلاپ ئۇلانباي ، خۇڭيەنجى ، ‹‹1– ئاۋغۇسىت ››،مېڭجىن قاتارلىق تۆت سۇ ئامبىرى ياسالدى . بۇ سۇ ئامبارلىرىنىڭ ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 108 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ .

( مۇھەررىر : مامۇتجان )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ