|
كۈنەس دەرياسى — ئىلى دەرياسىنىڭ بىر تارمىقى . يىلان قابىرغا تاغلىرنىڭ جەنۇبىي يانغابرىدىن باشلىنىدۇ . دەريا نارات تېغى بىلەن ئابرال تېغى ئارلىقىدىكى كۈنەس ۋادىسىنى كېسىپ ئۆتۇپ ، كۈنەس نەسىللىك قوي فېرمىسىدا تېكەس دەرياسى بىلەن قوشۇلىدۇ . دەريانىڭ ئوزۇنلۇقى 230 كىلومتىر ، ھەۋزىسىنىڭ كۆلىمى 7707 كۋادرات كىلومېتىر ، زەكتى گىدرولوگىيە پونكىتى ئۆلچىگەن يىغىندى سۇ كۆلىمى 4123 كوۋادرات كىلومېتىر ، دەريانىڭ ئۇزۇنلۇقى 170كىلومېتىر، يىللىق ئېقىن مىقدارى 1 مىليارد 570 مىليون كۇن مېتىر، ھەۋزىسىدىكى ھۆل – يېغىن مىقدارى خېلى يىتەرلىك . بۇ جۇڭگو ئىلى دەرياسى ھەۋزىسى ئىچىدە ھۆل يېغىن مىقدارى ئەڭ كۆپ بىر تارماق ئېقىن ھېساپلىنىدۇ .
|