|
·خوتەن— مېۋە- چېۋە ماكانى. ئەگەر سىز ياز پەسلىدە خوتەنگە ساياھەتكە كەلسىڭىز، مەي باغلاپ پىشقان مېۋە- چېۋىلەر، مەرۋايىتتەك يالتىراپ تۇرىدىغان قىزىل ئۈزۈم، مۇناقى ئۈزۈم، قارا ئۈزۈم قاتارلىقلارغا ئېغىز تېگىپلا قالماي، يەنى ئۇزۇندىن- ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۈزۈم تال كارىدورىنىڭ ئاجايىپ مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنىپ، ئىشچان خوتەن دېھقانلىرىغا ئاپىرىن ئوقىماي تۇرالمايسىز.
خوتەندىكى ئاجايىپ مەنزىرە ئۈزۈم تال كارىدورى — خوتەن دېھقانلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئىجادىيىتى بولۇپ، مەملىكەتنىڭ جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا كەم ئۇچرايدۇ. ئۈزۈم تال كارىدورى ئاساسلىقى يېزا يوللىرىنىڭ ئىككى تەرىپىگە تال كۆچىتى تىكىش، يولنىڭ ئۈستىگە تال باراڭ ياساش ئارقىلىق پەرپا قىلىنغان بولۇپ، يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىدە يولدىن ئۆتكەن كىشىلەر سالقىنلايدىغان، ھاردۇقىنى چىقىرىدىغان جاي ھېساپلىنىدۇ. ئۈزۈم تال كارىدورى دەسلەپتە 1984- يىلى خوتەن ناھىيىسىدە بارلىققا كەلگەن، ئەينى ۋاقىتتا ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 16 كىلومېتىر ئىدى، 1985- يىلى 90 كىلومېتىرغا ئۇزارتىلىپ، 1986- يىلغا كەلگەندە ناھىيە بويىچە ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلدى. ھازىر بۈتۈن ۋىلايەت بويىچە كېڭەيتىلگەن بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 1700 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۈزۈم تال كارىدورىنىڭ ئەمگەك كۈچى سېلىنمىسى ئاز، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، ئېكولوگىيىلىك ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ، يول ئۈستىگە ياسىلىدىغان بولغاچقا، يەرنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.
·خوتەندىكى ئۆزگىچە مەنزىرە ئۈزۈم تال كارىدورى ئاپتونوم رايونىمىز ۋە مەملىكەت بويىچە داڭلىق. 1990- يىلى 8- ئايدا يولداش جياڭ زېمىن خوتەن ۋىلايىتىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە كەلگەندە خوتەن دېھقانلىرى ياسىغان ئۈزۈم تال كارىدورىنى كۆرۈپ، ‹‹ جاھاندىكى ئاجايىپ مەنزىرە›› دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن. بۇ خوتەن خەلقىگە غايەت زور ئىلھام بولغان. ئۈزۈم تال كارىدورى خوتەن روھىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى، خوتەن خەلقىنىڭ ناچار ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا قارشى كۈرەش قىلىپ ياراتقان باغۋەنچىلىك ئىجادىيىتى. ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغۇسى.
·مازار تاغ— مازار تاغنى يەرلىك خەلق قىزىل، ئاق تاغ دەپمۇ ئاتايدۇ. ئۇ تەكلىماكان چۆلىنىڭ غەربىي قىسمىدىن باشلىنىپ، خوتەن دەريا ساھىلىغا تۇتىشىدۇ. قاراقاش ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 210 كىلومېتىر ئەتراپىدا، يېڭىيەر يېزىسىدىن مازار تاغقا بارىدىغان قۇملۇق تاشيولى تاق لېنىيىلىك بولۇپ، ھەر 200 مېتىر ئارىلىقتا بىر ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ياسالغان. يولنىڭ ئىككى چېتى بىپايان قۇملۇق بولۇپ، ئاندا- ساندا قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرى ۋە توغراقلار ئۆسكەن. ئىچكىرىلەپ ماڭغانسېرى ئۇپۇقتا بىر قىزىل سىزىق كۆرۈنىدۇ. بۇ قىزىل سىزىق دەسلەپتە ئۇزۇن كەتكەن كارىدورغا، بارا- بارا ئېگىز سېپىلغا، ئارقىدىن چوققىسىنى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان مازار تاغقا ئايلىنىدۇ. مازار تاغ ئوتتۇرا قىسمىدىن بىر پاسىل سىزىقى بىلەن ئايرىپ قويۇلغاندەكلا بولۇپ، تاغنىڭ ئۈستى تەرىپى قىزىل، ئاستى تەرىپى ئاق كۆرۈنىدۇ. قۇملۇق تاشيولىنىڭ 120 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدە مازارتاغ نىشانىغا بۇرۇلۇپ، 40 كىلومېتىر ئەتراپىدا ماڭغاندىن كېيىن، خوتەن دەرياسى بويلىرىدىكى توغراقلىق ۋە ئانچە ئېگىز بولمىغان مازار تاغ چوققىسى كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ. تۆگىنىڭ لوكىسىدەك تۇتاش كەتكەن قۇم باراخانىلىرى، چەكسىز توغراقلىق ۋە ھەيۋەتلىك خوتەن دەرياسى گىرەلىشىپ ئاجايىپ مەنزىرە ھاسىل قىلىدۇ. تاغ چوققىسىدىكى قەدىمىي قۇرغان ئىزنالىرىنى يىراقتىن غىل- پال كۆرگىلى بولىدۇ.
·دەريا ساھىلى كۆز يەتكۈسىز توغراقلىق بولۇپ، ئويمانلىقلارغا يىغىلغان سۇلار زۇممرەتتەك يالتىراپ تۇرىدۇ. قىزىل تاغ بىلەن ئاق تاغ گىرەلەشكەن جىلغىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، قىيا ئارقىلىق قىزىل تاغ چوققىسىغا چىققىلى بولىدۇ. بۇ چوققىغا قەدىمىي مازارتاغ قورغىنى جايلاشقان بولۇپ، قورغان شىمالىي تەرەپتىكى ئاق تاغ ئېغىزى ۋە جەنۇبىي تەرەپتىكى قىزىل تاغ ئېغىزى بىلەن قوشۇلۇپ ئاجايىپ ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. قورغاننىڭ دەرۋازىسى، كۈزىتىش سۇپىسى، زەمبىرەك سۇپىسى، سېپىل قاتارلىقلار بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلانغان، ئومۇمىي كۆلىمى 841 كۋادىرات مېتىر، قورغان تېمىنىڭ قېلىنلىقى 1.5 مېتىر كېلىدۇ. سېپىل تېمى توغراق ياغىچى، يۇلغۇن، توغراق شېخى قاتارلىقلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ياسالغان. قورغاننىڭ تېگىدە ئامبار بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان لەخمە بار. دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ قارىغاندا، قىزىل تاغ بىلەن ئاق تاغنىڭ پاسىلىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرگىلى، يەرلىك خەلقنىڭ بۇ تاغنى قىزىل، ئاق تاغ دەپ ئاتىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، مازارتاغ قورغىنى بۇنىڭدىن 1500 يىل ئىلگىرى ياسالغان، قورغان خارابىسى ھازىر ‹‹ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى›› دەپ بېكىتىلىپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ساياھەت لېنىيىسىگە ئايلاندى.
·قاراقاش دەرياسى— قارا قۇرۇم تاغلىرىدىن باشلىنىپ 808 كىلومېتىر ئاققاندىن كېيىن، يورۇڭقاش دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ خوتەن دەرياسىنى ھاسىل قىلىدۇ. باش ئېقىنى تاغلار، ئوتتۇرا ئېقىنى تاغ، دۆڭلۈكلەر، تۆۋەن ئېقىنى تۈزلەڭلىكلەر ئارىسىدىن ئاقىدۇ. تاغلار ئارىسىدىكى ئېقىننىڭ ئۇزۇنلىقى 569 كىلومېتىر بولۇپ، باش مەنبەدىن ئۇلۇغئاتا سۇ ئىنشائاتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشىغىچە بولغان ئارىلىق باش ئېقىن ھېساپلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە شەيدۇللانىڭ يۇقىرىدىكى 359 كلومېتىر ئارىلىقتىكى دەريا قىرغىقىنىڭ يانتۇلىقى 20 گىرادۇستىن 60 گىرادۇسقىچە كېلىدۇ. بۇ ئارىلىقتا تىك چوققىلار ئاز، تاغلارنىڭ ئۈستى ئاساسەن تەكشىلىك، يىلبويى قار- مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. شەيدۇللارنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كەڭلىكى بىر كىلومېتىردىن 28 كىلومېتىرغىچە، ئۇزۇنلىقى 130 كىلومېتىر كېلىدىغان مۇزلۇق بار. شەيدۇللادىن ئۇلۇغئاتا سۇ ئىنشائاتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشىغىچە بولغان 230 كىلومېتىر ئارىلىقتا تىك چوققىلىق ھەيۋەتلىك تاغلار جىق ئۇچرايدۇ. بۇ ئارىلىقتا 20دىن كۆپرەك تارماق ئېقىن بار. چوڭ قىيا تاشلار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. دەريا جىلغىسىنىڭ تار يېرى 20 مېتىر، كەڭرەك يېرى 100 مېتىر كېلىدۇ.
ئۇلۇغئاتىدىن قاراقاش دەرياسى كۆۋرۈكىگىچە بولغان 91 كىلومېتىرلىق ئارىلىق ئوتتۇرا ئېقىن بولۇپ، ئىككى تەرىپى تاغ ۋە دۆڭلۈكلەردىن باشقا، قارا قاش ۋە خوتەن ناھىيىلىرىنىڭ تۇتاش كەتكەن باغۇ- بوستانلىقلىرىدۇر. باش ئېقىننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن 6500 مېتىرغىچە، ئەڭ ئېگىز چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 7013 مېتىر كېلىدۇ. ئوتتۇرا ئېقىنىنىڭ ئېگىزلىكى 1300 مېتىردىن 3000 مېتىرغىچە، تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئېگىزلىكى 1100 مېتىردىن 1200 مېتىرغىچە كېلىدۇ. قاراقاش دەرياسىنىڭ كۈنلۈك ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقتارى 69.8 كۇب مېتىر بولۇپ، دەرياغا كەلگەن سۇنىڭ پەسىللەردىكى پەرقى ناھايىتى چوڭ. ئەتىيازدا كەلگەن سۇ يىللىق ئومۇمىي مىقتارىنىڭ % 9.8ىنى، يازدا كەلگەن سۇ % 73.1ىنى، كۆزدە كەلگەن سۇ %13.6ىنى، قىشتا كەلگەن سۇ %3.5ىنى تەشكىل قىلىدۇ.
·ئۇزاق ئەسرلەردىن بۇيان قاراقاش دەرياسىدىن قارا قاشتېشى، سەيۋىرەڭ قاشتېشى، زۇمرەت قاشتېشى، قىزىل قاشتېشى، سېرىق قاش تېشى تېپىلىپ كەلمەكتە. قاراقاش دەرياسى ساھىلىدىكى تۇزاقچى، ئۇچات، كۇسۇي، بوستانتوغراق، ئۇلۇغئاتا قاتارلىق جايلاردىن كېپەك ئالتۇن جىق تېپىلىدۇ. قاراقاش دەرياسىدىن 1945- يىلى بىر ئالماس تېپىلغان. بۇ ئالماس ھازىرغىچە موسكۋا موزېيىدا ساقلانماقتا. 1984- يىلىدىن 1989- يىلىغىچە توزاچىدا كېپەك ئالتۇن ئىزدىگەن كىشىلەرگە يەتتە ئالماس ئۇچرىغان. بىراق ئالماس قېزىلىدىغان كان ئورنى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىغان.
قاراقاش دەرياسىنىڭ سۇ ئېنىرگىيە بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، دەريانىڭ باش ۋە ئوتتۇرا ئېقىنىدا دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى-- كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، سۇ ساقلاش، توك چىقىرىش بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇلۇغئاتا سۇ ئىنشائاتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى بولغان پەيزىۋات سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قاتارلىق چوڭ- كىچىك بەش سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى بار.
|