|
قەشقەردە ئۆرپ- ئادەت ساياھىتى جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى بىلەن جاھان ساياھەتچىلىرىنىڭ قەلب تارىنى چېكىۋاتقان ئۆزگىچە مىللىي خاسلىققا ئىگە بىر سىرلىق ساياھەت ئورنى بار. ئۇ دەل- جانقورغاندۇر.
جانقورغان— قەشقەر شەھىرى يارباغ كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، قەدىمىي شەھەر قەشقەرنىڭ كۆزنەك ساياھەت نوقتىلىرىنىڭ بىرى. بۇ جاي تۈمەن دەرياسىغا يېقىن ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، ھېيتگاھ مەيدانىغىمۇ يېقىن. بۇ جايدىكى بۇلاقبېشى (توققۇز ئەجدىھار بولىقى)نىڭ سۈزۈك سۈيى شىرىلداپ ئېقىپ ساياھەتچىلەرگە ئۆزگىچە زوق ئاتا قىلىدۇ. يار ئۈستىگە جايلاشقان بۇ ساياھەت ئورنىغا مول مەدەنىيەت مىراسلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، بۇ جاي قەدىمىي سۇلى خاندانلىقىنىڭ خان ئوردىسى تۇرۇشلۇق مۇھىم جاي بولغان، مىلادى10- ئەسىردە قاراخانىلار خاندانلىقى بۇ جايدا ئوردا قۇرغان. جۇڭگو تارىخىدىكى نۇرغۇن خانلىقلار بۇ جايدا ئەسكەر تۇرغۇزغان.
ئېگىز يار ئۈستىگە جايلاشقان بۇ ئورۇندىكى كىچىك- تار، ئەگرى- توقاي سىرلىق كوچىلار بىلەن يار لېۋىگە رەت- رەت سېلىنغان نەچچە يۈز يىللىق ئىمارەتلەر ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ خاسلىقىنى جۇلالاندۇرۇپ تۇرىدۇ. نۆۋەتتە، جانقورغانلىقلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئائىلە ساياھىتى، ساياھەت بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش- سېتىش ئىشلىرىنى يولغا قويۇپ، مىللىي ناخشا- ئۇسسۇل ئەترىتى قۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلماقتا.
مەشھۇر سەيلىگاھلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان جانقورغان سەيلىگاھى ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ، بۇ ساياھەت ئورنىنىڭ يوللىرىنى قاتتىقلاشتۇرۇش، خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئەسلىسىگە ۋارسلىق قىلغان ئاساستا پوختىلاش، ساياھەت يىتەكچىلىرىنى سەپلەش، تەربىيىلەش قاتارلىق بىر قاتار خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، جانقورغاننى ساياھەتچىلەر قىزىقىپ كۆرىدىغان جايغا ئايلاندۇردى.
·يەركەن ناھىيىسىدىكى ئىگەرچى سۇ ئامبىرى ساياھەت باغچىسى-- زەرەپشان دەريا ئېقىن باشقارمىسىغا تەۋە ئىگەرچى سۇ ئامبىرى باشقۇرۇش پونكىتىغا قاراشلىق بولۇپ، بۇلتۇردىن بۇيان، بۇ پونكىت ئىگەرچى سۇ ئامبىرىنىڭ يەكەن دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى 50 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە مەنزىرىلىك چوڭ سۇ ئامبىرى بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، بۇ ئامبارنىڭ تەسىر دائىرسىنى كېڭەيتتى ھەمدە يەكەن ناھىيىسىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشتىكى ئېتبار بېرىش سىياستىنىڭ تۈرتكىسىدە 2 مىليون 650 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 4000 كوۋادىرات مېتر كۆلەمدە تۈرلۈك يېمەك- ئىچمەك دوكانلىرى ۋە توققۇز يۈرۈش مېھمانخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ‹‹ مۇقام مىللىي ئۆرپ- ئادەت ئىستىراھەت باغچىسى››نى قۇرۇپ چىقتى. بۇ باغچە قۇرۇلغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ساياھەتچىلەرنى ئەلا مۇلازىمەت، بىخەتەر ساياھەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، 10 نەپەر ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى تۈرلۈك مۇلازىمەت ۋە قوتقۇزۇش بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلىدى. ماتۇرلۇق ۋە ماتۇرسىز قېيىقلارنى رېمۇنت قىلىپ، تەقلەپ قويغاندىن باشقا، راۋاق ئەتراپى، بېلىق تۇتۇش رايونى ۋە سۇ ئامبىرى رايونلىرىغا 360 كوۋادىرات مېتىر كۆلەمدە 18 دانە ياغاچ سۇپا ئورنىتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىشنى قولايلاشتۇردى. بۇ يىل 7- ئاينىڭ ئوتتۇرىغا قەدەر بۇ باغچا كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 5000 ئادەم (قېتىم)غا يەتتى.
·‹‹ ئالتون توغراق›› سەيلىگاھى-- 2003- يىلىدىن بۇيان، پوسكام ناھىيىسى ساياھەتچىلىك قۇرۇلۇشىغا 20 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، كۆلىمى 18 مىڭ 200 مودىن كۆپرەك كىلىدىغان ئىپتىدائىي ئورمانلىق ئاساسىدا 24 مىڭ 680 مو مەنزىرە رايونىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، خاسلىقنى گەۋدىلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش تەلىپى بويىچە ‹‹ ئالتون توغراق›› ئورمان باغچىسى قۇرغان بولۇپ، بۇجاي ھازىر ساياھەتچىلەرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك سەيلىگاھىغا ئايلاندى.
بۇ باغچا قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى تەرىپىدىن ‹‹A3 ›› دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، ئورمانچىلىق مىنستىرلىكى تەرىپىدىن ‹‹ ئالتون توغراق ئورمان باغچىسى›› دېگەن نامغا ئېرىشتى. باغچا قۇرۇلغاندىن بۇيان، مۇلازىمەتتە ساياھەتچىلەرگە يۈزلىنىپ، ‹‹ ئالتۇن توغراق›› يۈرۈشلۈك قۇرۇمىلىرىنىڭ تۈرىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ ھەمدە ئۆزگىچە ئۇسلۇپ بىلەن پىشۇرۇلغان ‹‹ ئالتۇن توغراق›› بېلىق كاۋىپى، ‹‹ ئالتۇن توغراق›› تونۇر كاۋىپى، غاز كاۋىپى، كەپتەر كاۋىپى، توشقان كاۋىپى قاتارلىق 30 خىلدىن ئارتۇق يۈرۈشلۈك كاۋاپنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى نامايەن قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئېھتىياجىنى قاندۇردى. بۇ باغچا بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 50 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، بۇ تۈردە بەلگىلىك ئۈنۈم ياراتتى.
|