باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>ساياھەت>>سەيلىگاھلار
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قىسىم سەيلى- ساياھەت نۇقتىلىرى
2007- 08- 15 11:57 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

       داۋانچىڭ— مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ قاتناش لىنىيىسىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ. تارىخىي ئۇزۇن قەدىمكى بازار. داۋانچىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تارىختا ھەر خىل كۈچلەر تالىشىپ تۇرىدىغان، ئەسكەر تۇرغۇزغان ھەربىي قورغان بولۇپ كەلگەن ۋە خېلى كۆپ قەدىمكى ئېزلار ساقلىنىپ قالغان. كېيىن، بۇ بازار ‹‹ داۋانچىڭ›› ناملىق خەلق ناخشىسى بىلەن تونۇلۇپ، ‹‹ داۋانچىڭنىڭ يېرى قاتتىق، تاۋۇزى تاتلىق، داۋانچىڭدا بىر يارىم بار، قەمبەرخان ئاتلىق›› دېگەن مېسرالار بىلەن ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى- سىرىتىدىكىلەرگە ياد بولۇپ كەتكەن.

       يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭنىڭ يۇقىرىقىدەك ئەۋزەللىكلىرىنى چىقىش قىلىپ، ساياھەتچىلىكنى ئېچىش ئىستىراتېگىيىسىنى يولغا قويدى. تۇرپان ساياھەتچىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا زور ھەسسە قوشقان ‹‹ غەربىي رايون›› ساياھەت شىركىتى داۋانچىڭغا مەبلەغ سېلىپ، ئەسلىدىكى بازار ئاساسىدا ‹‹ داۋانچىڭ قەدىمكى بازىرى›› ساياھەت نوقتىسىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ بازار پۈتۈنلەي ھەربىي قورغان شەكلىدە ياسالغان، ئېگىز سېپىل، ھەيۋەتلىك قوۋۇق، پوتەي، زەمبىرەك، ئەسكەرلەر تۇرالغۇسى، ئاتخانا قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. يەنە قەمبەرخاننىڭ ئۆيى، مەيخانا، ۋاڭ لوبىڭ سارىيى، مىللىي قول ھۈنەر بۇيۇملىرى سارىيى، دېھقان ئائىلىلىرى، چېدىر قاتارلىقلار ياسالغان. بۇ يەردە ئەسلى بار بولغان، تاڭ، چىڭ دەۋرلىرىگە مەنسۇپ بولغان بوغاز قەدىمكى شەھىرى خارابىسىمۇ بۇ بازارغا ئۆزگىچە سېھرىي كۈچ ئاتا قىلغان.

       پۈتۈن بازار ۋە كوچىلار قەدىمكى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىدا ياسالغان، ئەنئەنىۋى تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن زىننەتلەنگەن بولۇپ، كىشىگە نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقى تۇرمۇش مۇھىتىغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بازارنىڭ شىمالىنى كېسىپ ئۆتىدىغان، سۈيى شارقىراپ ئېقىپ تۇرىدىغان ھەيۋەتلىك ئۆستەڭ، ئۆستەڭگە سېلىنغان ئاسما كۆۋرۈك، ئەتراپنى ئۆراپ تۇرغان بۈك- باراقسان ئورمانلىق، گۈل- گىياھلار بازارغا ساپ، سالقىن مۇھىت ئاتا قىلغان. بازارنىڭ شىمالىي تەرىپى چوڭ كەتكەن يايلاق، شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان ئېقىنلار، قەدىمكى سۇ چاقپەلىكى، ياغاچ كەپىلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كىشىگە رومانتىك تۇيغۇ بېغىشلايدۇ.

       نۆۋەتتە داۋانچىڭ قەدىمكى بازىرى ئۆزگىچە مەنزىرىسى، تومۇز ئىسىسىقتىكى سالقىن، راھەتبەخش ھاۋاسى بىلەن بارغانسېرى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلماقتا.

      قىزىلتاغ— بەئەينى ئۈرۈمچىنىڭ ماركىسىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. قىزىلتاغ- ئىككىلەمچى دەۋردىكى سۇس بىنەپشە رەڭلىك قۇمتاشتىن تۇزۇلگەن، يەنە كىلىپ ھەر كۈنى سەھەر- كەچقۇرۇندىكى قىزارغان شەپەق نۇرىدا قىزىل رەڭلىك نۇرغا پۇركەنگەچكە قىزارغان تاغ (يەنى قىزىل تاغ) دەپ ئاتالغان. ئەينى يىللىرى كەلكۈن ئاپىتى كۆرۈلگەندە، قىزىلتاغ ‹‹ سۇنى قىسىشتىكى ئىستراتىگىيىلىك تاغ›› قا ئايلانغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىيەنلۇڭ خانلىقى دەۋردە قىزىلتاغقا كۆك كاھىشتا ‹‹ ئەجدەرھا مۇنارى›› ياسالغان بولۇپ، ھىلىھەم قويۇق ئورمانلار ئارسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. بۈگۈنگە كەلگەندە، بۇك-باراقسان دەل -دەرەخ، رەڭگا-رەڭ گۈل- گىياھلار بىلەن بېزىلىپ، ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى تولۇق سەپلەنگەن قىزىلتاغ ئۆزىنىڭ كۆركەم مەنزىرىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ –كېتىۋاتقان ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلىپ، ئۈرۈمچىنىڭ ھۆسنىگە- ھۆسىن، ئىقتىسادىغا كۈچ قوشماقتا. چىگرا رايوننى يېشىللاشتۇرۇش ئۈچۈن تەر تۆكۈپ، ئەجىر سىڭدۈرگەن ئۆتكەن بىر ئەۋلاتنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، قىزىلتاغنىڭ چوققىسىغا ئاق قاشتېشىدا ھەيكەل ياسالغان. قىزىلتاغنىڭ قىزىل رەڭلىك تاش پەلەمپەيلەردىن تاغ چوققىسىغا چىققىنىڭىزدا، ئۈرۈمچى شەھىرى بەئەينى تاپنىڭىز ئاستىدا تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ.

      ئۈرۈمچىدىكى يەنە بىر مەنزىرە نوقتىسى بولغان شۈيموگو مەنزىرە رايونى— ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئۇزۇنلۇقى مىڭ مېتىر كىلىدىغان تار، ئۇزۇن تاغ جىلغىسىغا جايلاشقان. شويموگو مەنزىرە رايونى مەنزىرىسى گۈزەل بولغان سۈزۈك بۇلاق، سۇ مۇنارى، ھەسەن- ھۇسەن كۆۋرۈكى، ئارشاڭ تېغىدىن ئىبارەت تۆت تاغ جىلغىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مەجنۇنتاللار سايە تاشلىغان، رەڭگا-رەڭ گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن، بۈك- باراقسان مەنزىرىسى سىزنى تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكلىرىدىن قانغۇچە ھوزۇرلاندۇرىدۇ. جىلغا ئىچىدە چوڭ- كىچىك نەچچە ئون بۇلاقتىن توختىماي ئېتىلىپ چىقىدىغان سۈزۈك سۇلار يىغىلىپ ئېرىق ھاسىل قىلغان بولۇپ، پىژغىرىم ياز كۈنلىرىدە شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇلار ئايىغى ئۇزۇلمەي كىلىپ – كېتىۋاتقان ساياھەتچىلەرگە سالقىن، ئارامبەخش ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ. قىش كىلىشى بىلەن، جىلغا سىرتىدىكى دەريا سۇيى مۇز بولۇپ قاتىدۇ، ئەمما بۇ يەردىكى بۇلاقلاردىن ھارارەتلىك سۇلار تۇختىماي ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدۇ. شويموگودىكى ئارشاڭ سۇيىنىڭ مۇقىم تېمپىراتۇرىسى سېلتىسىيە 28 گرادۇستىن 30 گرادۇسقىچە بولۇپ، تەركىبىدە كالىي، ناترىي، گۇڭگۇرت، فوسفۇر قاتارلىق ئون نەچچە خىل ئېلېمىنت بار. رىماتىزىم، ساختا رىماتىزىم، سۇڭەك ئۆسۈپ قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، بۇ ئارشاڭغا داۋالىنىش ئۈچۈن كىلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. 

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ