|

ئۈزۈم كوچىسى
تۇرپان شەھىرىدىكى دۇنياغا داڭلىق ئۈزۈملۈك كوچىسىنىڭ ئەسلى نامى ‹‹ ياشلار يولى›› بولۇپ، 1985- يىلى ياسالغان. 2000- يىلى 28 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، قايتا رېمونت قىلىپ ياسالغاندىن كېيىن ‹‹ياشلار يولى پىيادىلەر كوچىسى›› دەپ ئاتالغان. بۇ كوچىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1800 مېتىر بولۇپ، كونا شەھەر يولى، مەدەنىيەت يولى، بوستان يولى ۋە نۇرلۇق يولىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان شەھەر پىيادىلەر كوچىسى، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە بىردىنبىر شەھەر ئۈزۈم كوچىسىدۇر.
ئۈزۈملۈك كوچىسى ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم ياسالغان. كەڭلىكى 20 مېتىردىن ئاشىدىغان مەركىزىي غول كوچا ۋە ئۇنىڭ ئىككى يىقىدىكى پىيادىلەر كوچىسىغا تىكلەنگەن تۆمۈر جازىلار ئۇزۇنغا سوزۇلغان يېشىل پەردىنى تىرەپ، بىر چوڭ، ئىككى كىچىك ئۈزۈم كارىدۇرىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۈزۈملۈك كوچىسىدا ماڭسىڭىز، يېشىل يوپۇرماق، ھەر خىل رەڭلىك ئۈزۈملەر بىلەن بىزەلگەن ئۈزۈم بارىڭى سىزگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. رەڭلىك گرانت تاش ياتقۇزۇلغان يول يۈزى، سۈت رەڭلىك باراڭ تۈۋرۈكلىرى قاتارلىقلارنىڭ لايىھىلىنىشى ئۆزگىچە بولۇپ، ھەم زامانىۋى تۈسكە ھەم مىللىي ئۇسلۇبقا ئىگە. شەھەرنى باغۋارانلاشتۇرۇشتىكى بۇ ئۆزگىچە خاراكتېرگە ئىگە قۇرۇلۇشنىڭ جۇڭگودىمۇ، ھەتتا دۇنيادىمۇ تەڭدىشى يوق بولۇپ، چېگرا شەھەردىكى يارقىن بىر مەنزىرە دېيىشكە بولىدۇ.
تۇرپان شەھىرىدىكى ساياھەت- مەدەنىيەت مەيدانى 1997- يىلى 8- ئايدا پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغان بولۇپ، 25 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، كۆلىمى 205 مو كىلىدۇ. بۇ مەيدان كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇنىۋېرسال مەيدان بولۇپ، 3 ئىقتىدار رايونىغا ئايرىلغان: شەرق تەرىپى ئارام ئېلىش رايونى، ئوتتۇرا قىسمى يىغىلىش ئۆتكۈزۈش رايونى، غەرب تەرىپى سودا رايونىدۇر.

يىغىلىش ئۆتكۈزۈش مەيدانى پۈتكۈل مەيدان يۈزىدىن 155 سانتىمېتىر پەس ئېلىنغان مەركىزىي مەيدان بولۇپ، شەكلى ئېللىپىسقا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 5350 كوۋادىرات مېتىر، پائالىيەت مەركىزىنىڭ كۆلىمى 2800 كوۋادىرات مېتىر بولۇپ، 4000 تاماشىبىن سىغىدۇ. رەئىس سەھنىسىدە 200دىن كۆپرەك ئەزىز مېھمان ئولتۇرالايدۇ. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىككى يىقىدىكى قاپارتما نەقىشلەردە يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار تۇرپاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى ھەمدە مىللىي ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئويۇلما شەكىلدىكى مەيدان بولۇپ، ئايدىڭكۆلنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتىر تۆۋەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان.
شەرق تەرەپتىكى ئارام ئېلىش رايونىدا چىملىقلار يېيىلىپ ياتقان، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، ئۈزۈم كوچىسى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ‹‹ قۇملۇقتىكى ئاي›› ناملىق مىس ھەيكەلدە تۇرپانلىقلارنىڭ مىللىيچە سازلىرىنى چېلىشىپ ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىۋاتقان مەنزىرە يارىتىلغان. 13 مۆچەلنى ئاساسىي تېما قىلغان، ئاق مەرمەردىن ياسالغان ھەيكەللەر مەركىزىي يولنىڭ ئىككى يېقىدا قاتار تېزىلىشىپ تۇرىدۇ.
كىچە پەردىسى يېيىلىشى بىلەن مەيداندىكى رەڭگارەڭ نىئون چىراغلار بىلەن مەيدان ئەتراپىدىكى ئېگىز بىنالارنىڭ زىننەت چىراغلىرىنىڭ نۇرلىرى ئۆز ئارا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. مەيداننىڭ مەركىزىدىكى مۇزىكىلىق فونتاندىن لەرزان مۇزىكىغا ماس ھالدا سۇلار ئېتىلىپ چىقىپ، خىلمۇ- خىل رەڭلەر دۇنياسىنى پەيدا قىلىدۇ.
|