باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
قاناس كۆلى
2007- 08- 09 11:12 تەڭرىتاغ تورى

 

      قاناس كۆلى – بۇرچىن ناھىيىسى تەۋەلىكىگە جايلاشقان . جۇغراپىيىك كوئوردېناتى : شىمالىي كەڭلىك ′54°48~ ′ 43°48  شەرقىي ئۇزۇنلۇق ′ 10°87 ~  ′ 00°87  قەدىمكى مۇزلۇقلارنىڭ كېڭىيىشچان يېرىلمىنى بويلاپ يۆنىلىشىدىن شەكىللەنگەن مورىنا توسما كۆلى بولۇپ ، بۇرچىن دەرياسىنىىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى چېگرا ئاتلايدىغان كۆل ، كۆل يۈزىنڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىگى 1374 مېتىر ، ئۇزۇنلۇقى 25 كىلومېتىر ، كەڭلىكى 1.6~2.9 كىلومېتىر ، ھىلال ئايسىمان شەكىلىدە؛كۆلنىىڭ كۆلىمى 37.7 كۋادرات كىلومېتىر ، ئەڭ چوڭقۇر يېرى   188.5  مېتىر ، سۈيىنىڭ ئوتتۇرچە چوڭقۇرلىقى تەخمىنەن 90 مېتىر ، سىغىمچانلىقى 4 مىليارد كۇپ مېتىر ، كۆل ئېغىزىدىكى سۈيىنىڭ چىقىش مىقدارى 50 كۇپ مېتىر / سېكۇنت ، كۆل رايونىنىڭ يىللىق ئوتتۇرچە تېمپىراتورىسى℃4– ، يىللىق ھۆل يېغىن مىقدارى 600 مىللىمېتىردىن يۇقىرى . ھەر يىلى 12– ئايدىن كېيىنكى يىلى 5– ئايغىچە كۆل يۈزىدە مۇز تۇتىدۇ . بۇ كۆلنىڭ ئەتراپىدا ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي يانباغرى ئوتتۇرھال تاغلىق ئورمان بەلۋېغى شەكىللەنگەن . كۆل ئەتراپى ئورمانلىق ھەم قۇيۇق ئۆت–چۆپلۈك بولۇپ، بەزىدە قوڭۇر ئېيىق ، بۇغا ،ياۋا چوشقا قاتارلىقلار پەيدا بولۇپ قالىدۇ . كۆلدىن تايمېن بېلىقى ( چوڭ قىزىل بېلىق )، مارىنكا بېلىقى ، نالىم بېلىقى ، ئالتاي ئوستېر بېلىقى سىبىرىيە ياپىلاق بېلىقى قاتارلىق سەككىز خىل قىممەتلىك بېلىق تۈرى چىقىدۇ . 1984– يىلى ئېغىرلىقى 38 كىلوگرام كېلىدىغان بىر دانە سۇس قىزىل رەڭلىك تايمېن بېلىقى تۇتۇۋېلىنغان . كۆل ياقىلىرىدا ئاققۇ، قارا بويۇن تۇرنا ، سىبىرىيە تۇرنىسى قاتارلىقلار بار. قاناس كۆلىنىڭ تاغلىرى ھەيۋەت ، سۈيى سۈزۈك ، ئورمانلىرى قۇيۇق ، يايلاقلىرى گۈزەل بولۇپ، ئىپتىدائىي ئېكولوگىيىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ساقلاپ قالغاچقا ، «شەرىقتىكى ئالپ» دەپ تەرىپلەنمەكتە .

 ‹‹ شىنجاڭ ئېنسىكلوپېدىيىسى ›› دىن ئېلىندى

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ