|
باغراش كۆلى— جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تۇزسىز كۆلى. قارا شەھەر دەرياسىنىڭ ئاخىرى ، كۆنچى دەرياسىنىڭ باشلىنىش مەنبەسى. قارا شەھەر ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ، جۇغراپىيىلىك ئورنى شىمالىي كەڭلىك′ 14°42~ ′ 56°41 شەرقىي ئۇزۇنلۇق′ 25°87 ~ ′ 40°86. «خەننامە . غەربىي رايون تەزكىرىسى»دە «قارا شەھەر كۆلى» دەپ ،«سۇ تەپسىراتلىرى . دەريالار جىلتى » دە « دۇنخۇڭپۇ» دەپ، «غەربىي دىيار سۇ يوللىرى» دا « باغراچ كۆلى » دەپ ئاتالغان . ئۈزۈلۈپ ئولتۇرۇشقان كۆل. كۆلنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 55 كىلومېتىر.كۆلنىڭ سۇ ئورنىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىگى 1048 مېتىر كېلىدىغان ۋاقىتتا ، كۆلنىڭ كۆلىمى 990 كۋادرات كىلومېتىر ، سىغىمچانلىقى 8 مىليارد 150 مىليون كۇپ مېتىرغا يېتىدۇ. سۇنىڭ ئوتتۇرچە چوڭقۇرلۇقى 8.15 مېتىر ، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 16.5 مېتىر . ھازىرقى كۆل ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ:چوڭ كۆلنىڭ كۆلىمى 980 كۋادرات كىلومېتىر ، كىچىك كۆلنىڭ كۆلىمى 100 كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق، كىچىك كۆل ئەتراپىدىكى قۇمۇشلۇق كۆل ھەم سازلىق تەخمىنەن 300 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ . كۆل سۈيى ئاساسەن قارا شەھەر دەرياسى تەرىپىدىن تۇلۇقلىنىدۇ. باغراش كۆلى ئوتتۇرھال ئوزۇقلۇقى تىپىدىكى كۆل بولۇپ، سۇ جانلىقلىرىدىن لەيلىمە جانلىقلار ، سۇ ئاستى جانلىقلىرى ، لەيلەپ يۈرگەن جانلىقلار ، ئەركىن ئۈزۈپ يۈرگۈچى جانلىقلار بار. ھازىر پۈتۈن كۆلدە 24 خىل بېلىق تۈرى بار ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىقتىسادى بېلىق تۈرى 18 خىل بولۇپ ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 2000 توننىدىن ئاشىدۇ. سازلىق رايونىدىن ئەڭ سۈپەتلىك قومۇش چىقىدۇ، ئۇنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 300 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ، باغراش كۆلى ئادەتتە 12–ئايدا مۇز تۇتىدۇ. مۇز تۇتۇش مەزگىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 93 كۈن بولۇپ، مۇزنىڭ قېلىنلىقى 0.8 مېتىردىن بىر مېتىرغىچە ,ئەڭ قېلىن بولغاندا 1.2 مېتىرغا يېتىدۇ. باغراش كۆلى ھازىر داڭلىق ساياھەت ئورنى .
‹‹ شىنجاڭ ئېنسىكلوپېدىيىسى ›› دىن ئېلىندى
|