|
ئايدىڭكۆل — جۇڭگو قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسى . تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ سەل جەنۇبىدىكى ئەڭ پەس ئويمانغا جايلاشقان .كۆل يۈزى دېڭىز يۈزىدىن155 مېتىر تۆۋەن ، كۆلنىڭ ئەڭ تۆۋەن يېرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەنلىكى 161 مېتىرغا يېتىدۇ ، ئۇ دۇنيا بويىچە 3– ئورۇندا تۇرىدىغان پەس يەر ھېساپلىنىدۇ ، ئايدىڭكۆلنىڭ يەنە جۆلوخۇەن ، ئاي نۇرى كۆلى دېگەندەك ناملىرى بار . كۆل ئويمانلىقىنىڭ شەرىقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 50 كىلومېتىر ، جەنۇپتىن شىمالغا كەڭلىكى ئون كىلومتىر ، كۆلىمى تەخمىنەن 450 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ ، شىمالىي كەڭلىك ′ 41°42 ~ ′ 38°42 شەرقىي ئۇزۇنلۇق′ 20°89 ~ ′ 13°89 قا جايلاشقان . گېئولوگىيىلىك تارىختا ئايدىڭكۆل خېلى چوڭ كۆل بولغان . تۇرپان ئويمانلىقىدىكى بوستانلىقلاردا سۇدىن پايدىلنىشنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ، كۆل سۈيى پەقەت يەر ئاستى ئېقىنلىرى ئارقىلىقلا تولۇقلىنىدىغان بولدى.شۇڭا ئايدىڭكۆل تىپىك يەر ئاستى سۈيىنىڭ تېشىپ چىقىشىدىن شەكىللەنگەن كۆل ھېساپلىنىدۇ . كۆل سۈيىنىڭ مىنېراللىشىش دەرىجىسى 120گرام/ لىتىر ، سۈيىنىىڭ تىپى تۇزلۇق كۆلگە كىرىدۇ ، شورلۇق چۆل لاندىشافتى كۆرۈنۈشىدە ، كۆلدە ئاساسەن تاش تۇز، مىرابىلىت ، سۇسىز مىرابىلىت قاتارلىق مىنېراللار بار .

‹‹ شىنجاڭ ئېنسىكلوپېدىيىسى ›› دىن ئېلىندى
|