باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>شىنجاڭنىڭ ئومومىي ئەھۋالى
 لوپنۇر كۆلى
2007- 08- 08 16:00 تەڭرىتاغ تورى

     

سۈنئىي ھەمرادىن تارتىلغان لوپنۇر كۆلى ئىزى

      لوپنور كۆلى  —  تارىم دەرياسىنىڭ ئاخىرى قۇيۇلىدىغان ، مۇڭغۇل تىلىدا سۇ يىغىلىدىغان كۆل دېگەن مەنىدە . تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى لوپنۇر ئويمانلىقىنىڭ مەركىزىي قىسمىغا جايلاشقان جۇڭگونىڭ قەدىمكى كىتاپلىرىدا ‹‹ئويمان سازلىق›› ،‹‹ شور سازلىق›› دېيىلگەن كۆل قىرغاقلىرىدا تۇز ئۇچاستىكىلىرى كەڭ تارقالغان . ‹‹ خەننامە.غەربىي رايون تەزكىرىسى ››دە :غەربىي رايوننىڭ ‹‹جەنۇپ–شىمال تەرەپلىرىدە چوڭ تاغلار بار ئىكەن ، ئوتتۇرسىدا دەريا بولۇپ ، شەرىققە ئېقىپ فۇچاڭ كۆلىگە قويۇلىدىكەن ، كۆل ئەتراپى شورلۇق سازلىق ئىكەن ›› دەپ بايان قىلىنغان . چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە لوپنۇر كۆلى دەپ ئاتالغان . ھازىر   خەرىتىدىكى لوپنۇر كۆلى(شىمالىي كەڭلىك ′ 03°40 ~ ′ 40°40 شەرقىي ئۇزۇنلۇق  ′ 25°90 ~  ′ 03°40 ) ۋە تېتىما كۆلى ( شىمالىي كەڭلىك′ 20°39 ~ شەرقىي ئۇزۇنلۇق′ 25°88)قاتارلىقلار مەۋجۈت ئەمەس . تېتىما كۆلىمۇ 20–ئەسىرنىڭ 80– يىللىرىنىڭ باشلىرىدا قۇرۇپ كەتتى . لېكىن تارىم دەرياسىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى دېگەن بۇ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇمدىكى.لوپنور كۆلى يوقىلىپ كەتمىدى . ئۇنىڭ يىقىنقى جۇغراپىيىلىك ئورنى داشىخەيزى سۇ ئامبىرى بولۇپ ، شىمالىي كەڭلىك ′ 35°40 –شەرقىي ئۇزۇنلۇق ′ 30°87 قا جايلاشقان . 

 ‹‹ شىنجاڭ ئېنسىكلوپېدىيىسى ›› دىن ئېلىندى 

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ