باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>شىنجاڭنىڭ ئومومىي ئەھۋالى
قارا شەھەر دەرياسى– كۆنچى دەرياسى
2007- 08- 08 15:10 تەڭرىتاغ تورى

     

       قارا شەھەر دەرياسى— كۆنچى دەرياسى     شىمالىي تەڭرىتاغلىرىدىكى يىلان قابىرغا تېغىنىڭ جەنۇبىي يانباغرىدىن باشلىنىدۇ . دەريا شەرىقتىن غەربكە قاراپ ئېقىپ ، كىچىك يۇلتۇز ئويمانلىقىدىن ئۆتۈپ بايىنبۇلاققا يېتىپ بېرىپ ، ئاندىن جەنۇبقا بۇرۇلۇپ چوڭ يۇلتۇز ئويمانلىقىغا ئېقىپ كىرىدۇ . دەريا 130 گىرادۇس بۇرۇلۇپ ، يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىپ شەرىققە قاراپ كۆكتېكە تېغى ، خورا تېغىنىڭ شىمالىي چېتىنى بويلاپ ئېقىپ ئاندىن قىيپاش شەرقىي جەنۇبقا قاراپ ئاقىدۇ؛ خوستايشىلدىن ئۆتكەندىن كېيىن 170 كىلومېتىردىن ئارتۇق كېلىدىغان تار جىلغىلىق دەريا بۆلىكىگە كىرىدۇ ، سۇ يۈزىنىڭ يانتۇلۇقتىن چۈشۈشى ‰5~‰10 بولۇپ، ئومومىي تۆۋەنلەش پەرقى 1169 مېتىرغا يېتىدۇ بۇ جاي سۇ ئېنېرگىيىسى مەركەزلەشكەن بۆلەك ھېساپلىنىدۇ .دەريا ئېقىنى داشەنكو گىدرولوگىيە پونكىتىنىڭ تۆۋەنكى قىسمدا 20 كىلومېتىر ئاققاندىن كېيىن ، تاغ ئېغىزىدىن چىقىپ قارا قاش ئويمانلىقىغا كىرىدۇ دەريانىڭ ئويمانلىق ئىچىدىكى ئۇزۇنلۇقى 100 كىلومېتىردىن ئارتۇق ، قارا قاش ناھىيە بازىرىنىڭ تۆۋىنىگە 11 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى بورانسۇ تۇغۇنىدىن ئۆتكەندە دەريا يولى ئىككى تارماققا بۆلىنىدۇ ؛ شەرقىي تارماق باغراش كۆلىگە قۇيۇلىدۇ ، غەربىي تارماق كىچىك باغراش كۆلىگە قۇيۇلىدۇ . يۇقىرىقى دەريا بۆلىكىنىڭ ئومومىي ئوزۇنلۇقى 560كىلومېتىر بولۇپ ، قارا قاش دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ ، ئويمانلىقنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى سېرىقسۇ جىلغىسى ، چىندىخوزا دەرياسى ۋە چاغانتۇڭگى دەريالىرىمۇ باغراش كۆلىگە قۇيۇلىدۇ.  ئادەتتە بۇ ئۈچ تارماق كىچىك دەريامۇ قارا قاش دەرياسى ھەۋزىسىگە كىرىدۇ . باغراش كۆلىنىڭ غەربىدىن ئېقىپ چىققان ئېقىن كۆنچى دەرياسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ . قارا قاش دەرياسىنىىڭ داشەنكو گىدرولوگىيە پونكىتىدە ئۆلچەنگەن سۇ كۆلى 19 مىڭ 22 كۋادرات كىلومېتىر ، ھەۋز ئىچىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ كۆلىمى 444 كۋادرات كىلومېتىر ، مۇزلۇقلارنىڭ يىللىق ئېرىگەن سۇ مىقدارى 481 مىليون كۇپ مېتىر بولۇپ دەريانىڭ يىللىق ئېقىن مىقدارى 3 مىليارد 290 مىليون كۇپ مېتىرنىڭ %14.6 ىنى ئىگىلەيدۇ. يىللىق قۇم–لاتقا مىقدارى 0.198 كىلوگرام كۇپ مېتىر ، يىللىق قۇم ئېقىتىش مىقدارى 650 مىڭ توننا ، سۈيىنىڭ مېنراللىشىش دەرىجىسى 243 مىللىگىرام/ لىتىر .

‹‹ شىنجاڭ ئېنسىكلوپېدىيىسى ›› دىن ئېلىندى

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ