|

تارىم دەرياسى
تارىم دەرياسى – تارىم دەرياسى ھاۋزىسى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريالىرى سۇ سىستېمىسىدۇر . ئۇ تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىن مەركىزىگە قاراپ يىغىلىپ ئاقىدىغان قارا شەھەر دەرياسى – كۆنچى دەرياسى ، دىنار دەرياسى ، ئۆگەن دەرياسى ، ئاقسۇ دەرياسى ، قەشقەر دەرياسى ، يەكەن دەرياسى ، خوتەن دەرياسى كېرىيە دەرياسى ،چەرچەن دەرياسى قاتارلىق توققۇز سۇ سىستېمىسىدىكى جەمئىي 144 دەريانى ھەمدە تارىم دەرياسى غول ئېقىنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . تارىم ھەرياسى ھەۋزىسىنىڭ ئومومىي يەر كۆلىمى 1 مىليون 20 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر (جۇڭگونىڭ سىرتىدىكى ھەۋزىسىنڭ كۆلىمى 23 مىڭ 600 كۋدرات كىلومېتىر ) نوپۇسى 8 مىليون 257 مىڭ . يەكەن دەرياسىنىڭ باشلىنىش مەنبەسى (يەنى تارىم دەرياسىنىڭ باشلىنىش مەنبەسى ) بولغان لاسكوي دەرياسىدىن تېتما كۆلىگىچە تارىم دەرياسىنىڭ ئومومىي ئۇزۇنلۇقى 2437 كىلومېتىر(بۇنىڭ ئىچىدە غول ئېقىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1321 كىلومېتىر ) كېلىدۇ. دەريانىڭ باشلىنىش مەنبەسى رايونىدا ھۆل–يېغىن بىر قەدەر مول بولۇپ ، ئادەتتىكى يىللىق ھۆل–يېغىن مىقدارى 300~900 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، ھەۋز ئىچىنىڭ يىللىق ھۆل–يېغىن مىقدارى 117 مىليارد 300 مىليون كۇپ مېتىر (ھەۋزىسىنىڭ ئوتتۇرچە يىللىق ھۆل–يېغىن مىقدارى 115 مىللىمېتىر ، لېكىن قۇملۇق رايونلىرىنىڭ يىللىق ھۆل–يېغىن مىقدارى ئاران 25~50 مىللىمېتىر ). ئېگىز تاغلاردىكى مۇزلۇقلارنىڭ كۆلىمى 23 مىڭ 320 كۋادرات كىلومېتىر (چەت ئەلدىكى قىسمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )، مۇزلۇق زاپىسى 2 تىرليون 404 مىليارد كۇپ مېتىر مۇزلۇقلارنىڭ يىللىق ئېرىگەن سۇ مىقدارى 17 مىليارد 200 مىليون كۇپ مېتىرغا يېتىپ ، تارىم دەرياسى ھەۋزىسى يەر ئۈستى سۈيى ئومومىي مىقدارى 39 مىليون كۇپ مېتىر (چەت ئەلدىن ئېقىپ كىرگەن سۇ مىقدارى 6 مىليارد 70 مىليون كۇپ مېتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) نىڭ %44 ىنى ئىگىلەيدۇ.ھەۋزىسىنىڭ ھەر قايسى دەريالاردىكى لەيلىمە ماددىلار ئېتتىرىلىپ يۆتكىلىدىغان ماددىلار ، ئېرىگەن ماددىلار ھەمدە بۇ ئۈچۈنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن قاتتىق جىسىملارنىڭ ئومومىي ئېقىن مىقدارى ئايرىم–ئايرىم ھالدا 156 مىليون 600 مىڭ توننا / يىل،31 مىليون 320 مىڭ توننا / يىل ،16 مىليون 570 مىڭ توننا / يىل ، 204 مىليون 500 مىڭ توننا / يىلغا يېتىدۇ. تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۇلىرىنىڭ تەبئىي تۇلۇقلاش مىقدارى 4 مىليارد 455 مىليون كۇپ مېتىر كېلىدۇ . ئېقىننىڭ يىللىق ئۆزگىرىشى بىرقەدەر مۇقىم, لېكىن يىل ئىچىدىكى كەلكۈن كېلىش بىلەن سۇ تارتىلىشنىڭ ئۆزگىرىشى چوڭ بولىدۇ .ھەۋز ئىچىدە ئىنسانلار پائالىيىتى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە تارىم دەرياسىنىڭ غول ئېقىنىدا يەر ئۈستى سۈيى بىلەن مۇناسىچەتلىك بولغان سۇ سستېمىلىرى ئازىيىپ تۆتكە چۈشۈپ قالدى ،يەنە ئاقسۇ دەرياسى ، خوتەن دەرياسى ،كۆنچى دەرياسى ، يەكەن دەرياسىلا قالدى .

تارىم
تارىم دەرياسىنىڭ 1978 يىلدىن 1987 يىلغىچە بولغان ئون يىللىق ئوتتۇرىچە يىللىق ئېقىن مىقدارى جەمئىي 4 مىليارد 956 مىليون كۇپ مېتىر بولغان . تارىم دەرياسىنىڭ غول ئېقىنىدىكى ئالار گىدرولوگىيە پونكىتىنىڭ ئۆلچەپ چىقىشىچە ، 20– ئەسىرنىڭ 30– يىللىرىدىن 80–يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا يەر ئۈستى سۈيى ئېقىن مىقدارى 6 مىليارد كۇپ مېتىردىن ئازىيىپ 4 مىليارد 480 مىليون كۇپ مېتىرغا چۈشۈپ قالغان ، لېكىن ئوخشاش مەزگىلدە تۆۋەنكى ئېقىندىكى قارا گىدرولوگىيە پونكىتىدا يىللىق ئېقىن مىقدارى 4 مىليارد 480 مىليوندىن ئازىيپ 392 مىليون كۇپ مېتىرغا چۈشۈپ قالغان ، نەتىجىدە تۆۋەنكى ئېقىننىڭ ئېكولوگىيىسى ناچارلىشىپ ، دەريا ئېقىنى 280 كىلومېتىر قىسقىرىپ كەتكەن ؛لوپنۇر كۆلى 1972– يىلى ، تېتما كۆلى 1980–يىلى قۇرۇپ كەتكەن . 70– يىللارنىڭ ئاخىرى ھەۋزىسىدىكى كۆللەرنىڭ كۆلىمى 2957 كۋادرات كىلومېتىرغا چۈشۈپ قالدى. چوڭ–كىچىك سۇ ئامبىرىدىن 28ى بولۇپ، سۇ سىغىمچانلىقى 4 مىليارد 660 مىليون كۇپ مېتىر قىلىپ لاھىيلەنگەن بوستانلىقلاردا سۇغۇرۇش كۆلىمى 1 مىليون 660 مىڭ گېكتارغا يېتىدۇ .
‹‹ شىنجاڭ ئېنسىكلوپېدىيىسى ›› دىن ئېلىندى
|