باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
ئېرىتىش دەرياسى
2007- 08- 07 17:17 تەڭرىتاغ تورى

ئېرىتىش دەرياسى

      ئېرىتىش دەرياسى —     شىنجاڭنىڭ ئالتاي تاغلىرىنىڭ شەرقىي بۆلىكىدىكى چىگىرتاي داۋىنىدىن باشلىنىپ ، كۆكتوقاي ، بورۇلتوقاي ، ئالتاي ، بۇرچىن ، قابا قاتارلىق بەش ناھىيە ، شەھەردىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. دەريانىڭ باشلىنىش مەنبەسىدىن دەريا ئېغىزىغىچە بولغان ئومومىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 4248  كىلومېتىر ، ھەۋزىسىنىڭ كۆلىمى 1 مىليون 643 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، قازاقىستان ئارقىلىق شىمالىي مۇز ئوكيانغا قۇيۇلىدىغان جۇڭگودىكى بىردىنبىر خەلقئارالىق دەريا ھېسلپلىنىدۇ . تارماق ئېقىنلىرى  شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ ئېقىپ ، تارغاقسىمان ھالدا غول ئېقىنغا قۇيۇلىدۇ . ئاساسلىق تارماق ئېقىنلىرى شەرقتىن غەربكە قارپ قۇۋ ئېرىتىش دەرياسى  قايىرتى دەرياسى ، قارا ئېرىتىش دەرياسى ، قىران دەرياسى بۇرچىن دەرياسى قابا دەرياسى قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىللىق ئېقىن مىقدارى  رەت تەرتىپ بويىچە : 700 مىليون 70 مىڭ كۇپ مېتىر ،700 مىليون 850 مىڭ كۇپ مېتىر ، 1مىليارد 790 مىليون كۇپ مېتىر ، 600 مىليون 50 مىڭ كۇپ مېتىر ، 4 مىليارد 200 مىليون كۇپ مېتىر ، 2 مىليارد 150 مىليون كۇپ مېتىر ، 380 مىليون كۇپ مېتىر، قۇۋ ئېرتىش دەرياسى بىلەن قايىرتى دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ .دەريانىڭ باشلىنىش مەنبەسىدىن دۆلەت چېگرىسىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 633 كىلومېتىر ، ھەۋزىسىنىڭ كۆلىمى 57 مىڭ 290 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. تاغلىق رايونلارنىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىشى بىر قەدەر كەڭ ، يەر يۈزىنىڭ ئېقىن سۇلارنىڭ يالىشىغا ئۇچرىشى يېنىكرەك بولغانلىقتىن ھەر قايسى تارماق ئېقىنلاردا دەريا سۈيىنىڭ تەركىبىدە قۇم مىقدارى ئاز ، سۇنىڭ مېنېراللىشىش دەرىجىسى پەقەت 52.3~144 مىللىگرام بولۇپ، بىر قەدەر ياخشى يۇمشاق سۇ ھېساپلىنىدۇ .

 ‹‹ شىنجاڭ ئېنسىكلوپېدىيىسى ›› دىن ئېلىندى

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ