|

باغراش كۆلى
كۆل سۇ بايلىقى – شىنجاڭنىڭ كۆللىرى ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ : بىر تۈرى ئېگىز تاغ كۆللىرى . مەسلەن قارا كۆل ،ئاچچىق كۆل،سايرام كۆلى ،قاناس كۆلى ،بۇغدا كۆلى قاتارلىقلار ؛ يەنە بىر تۈرى تۈزلەڭلىك كۆللىرى ،مەسلەن باغراش كۆلى ،ئېبنۇر كۆلى . 1 كۋدرات كىلومېتىردىن چوڭ كۆللەردىن 139 ى بار ، ئۇلارنىڭ ئومومىي كۆلىمى 504.4 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، مەملىكىتىمىز بويىچە كۆللەر ئومومىي كۆلىمىنىڭ %73 ىنى ئىگىلەيدۇ. باغراش كۆلى مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆلى بولۇپ، بايىنغۇلىن ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىگە جايلاشقان ،چىگرا ئاتلىغان ، سۈيى يۆتكىلىپ تۇرىدىغان كۆل . ئۇ ئىلگىرى تاتلىق سۇلۇق كۆل ئىدى ،ئۇنىڭ مىنېراللىشىش دەرىجىسى كۆلگە ئېقىپ كىرىگەن سۇنىڭ ئاز–كۆپلىكىگە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. كۆل سۈيىنىڭ كۆلىمى 972 كۋادرات كىلومېتىر ، سۇ سىغىمچانلىقى 7 مىليارد 740 مىليون كۇپ مېتىر . قارا شەھەر دەرياسى ئۇنىڭ ئاساسلىق سۇ تۇلۇقلاش مەنبەسى ،كۆل سۈيىنىڭ ئېقىپ چىققان قىسمى كۆنچى دەرياسىنى ھاسىل قىلىدۇ . بېلىقچىلىق ، ساياھەتچىلىك ، قۇمۇش پىشىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى زور تەرەققىيات يۇشۇرۇن كۈچىگە ئىگە .

سايرام كۆلى
سايرام كۆلى تەڭرىتاغنىڭ غەربىي بۆلىكىدىكى كۆكدارچىن تېغىدىكى ئېگىز تاغ ئويمانلىقىنىڭ ئىچىگە جايلاشقان . كۆلنىڭ كۆلىمى 454 كۋادرات كىلومېتىر ، سۇ مىقدارى 21 مىليارد كۇپ مېتىر كېلىدۇ . بۇ كۆل بورتالا مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ داڭلىق مەنزىرە رايونى . كۆل سۈيىنىڭ خىمىيىلىك كومپونېنتى بىر قەدەر يۇقرى بولۇپ ، بىر تۇيۇق شورلۇق كۆل ھېساپلىنىدۇ . ئېبنۇر كۆلى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي بۇرجىكىگە جايلاشقان ،كۆلنىڭ كۆلىمى 522 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ ، سۇ مىقدارى يىلمۇ يىل ئازىيىپ بارماقتا ، ھازىر بۇ كۆل تۇزلۇق كۆلگە ئايلىنىپ قالدى . ئۆلۈڭگۈر كۆلى بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى تەۋەسىگە جايلاشقان . كۆلنىڭ كۆلىمى 736 كۋادرات كىلومېتىر ، سۇ سىغىمچانلىقى 9 مىليارد كۇپ مېتىر كېلىدۇ، ئۆلۈڭگۈر دەرياسىنىىڭ سۈيى قۇيۇلغانلىقتىن ، كۆل سۈيى ئازراق تۇزلۇق . ئۇ شىنجاڭنىڭ داڭلىق بېلىقچىلىق بازىسى . قاناس كۆلى شىنجاڭدىكى بىر قەدەر چوڭ تاتلىق سۇلۇق كۆل بولۇپ ، بۇرچىن ناھىيىسى تەۋەسىگە جايلاشقان ، كۆلىمى 45 كۋادرات كىلومېتىر ، سۇ سىغىمچانلىقى 5 مىليارد 380 مىليون كۇپ مېتىر كېلىدۇ. كۆل رايونىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، ساياھەتچىلىك جەھەتتە بىر قەدەر چوڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە
‹‹ شىنجاڭ ئېنسىكلوپېدىيىسى ›› دىن ئېلىندى
|