|
مۇزلۇق سۇ بايلىقى – شىنجاڭنىڭ مۇزلۇق بايلىقى ئىنتايىن مول، مۇزلۇقلارنىڭ كۆلىمى 22 مىڭ 184.83 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت مۇزلۇقلىرى ئومومىي كۆلىمىنىڭ %37.8 نى ئىگىلەيدۇ ، مۇزلۇقلارنىڭ زاپىسى 2455.5513 كۇپ كىلومېتىر بولۇپ، سۇغا سۇندۇرغاندا 1 تىرىلليون 908 مىليارد 720 مىليون كۇپ مېتىر سۇغا توغرا كېلىدۇ.مۇزلۇقلار ھەر يىلى شىنجاڭنىڭ دەريا ئېقىنلىرىغا 17 مىليارد 179 مىليون سۇ تۇلۇقلاپ تۇرىدۇ .بۇ شىنجاڭدىكى دەريالارنىڭ ئومومىي ئېقىم مىقدارىنىڭ %19.48 ىنى ئىگىلەيدۇ .مۇزلۇقلار ئاساسەن كوئېنلۇن تاغ سىستېمىسى (قارا قۇرۇم تېغى، كوئېنلۇن تېغى، پامىر ئېگىزلىكى ۋە ئالتۇن تاغلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە تەڭرىتاغ سىستېمىسىغا مەركەزلەشكەن . مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىش جەھەتتىكى يىللار ئارا ئۆزگىرىشى بىر قەدەر تۇراقلىق بولۇپ، دەريالارنىڭ يىللىق ئېقىم مىقدارىنى كۆپ يىللىق تەڭشەش رولىغا ئىگە ،بۇ ھال شىنجاڭنىڭ سۇغىرىشقا تايىندىغان دېھقانچىلىقنىڭ تەرەقىياتىنى ئىشەنچىلىك سۇ بايلىقى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تەڭرىتاغ سىستېمىسىدىكى مۇزلۇق سۇ
ئالتاي تاغ سىستېمىسىدىكى مۇزلۇق سۇ بايلىقى – ئالتاي تاغ سىستېمىسىنىڭ مۇزلۇق تەسىرى مەركىزى دوستلۇق چوقىسىغا جايلاشغان بولۇپ، قاپلاش كۆلىمى 293.20 كۋادرات كىلومېتىرغا زاپىسى 16.49 كۇپ كىلومېتىرغا يېتىدۇ، ھەريىلى بۇرچىن دەرياسىنى ئېرىگەن سۇ بىلەن تۇلۇقلاش مىقدارى 387 مىليون كۇپ مېتىر بولۇپ ،بۇرچىن دەرياسىنىىڭ يىللىق ئېقىم مىقدارىنىڭ %9.1 ىنى ئىگىلەيدۇ .
تەڭرىتاغ سىستېمىسىدىكى مۇزلۇق سۇ بايلىقى – تەڭرىتاغ مەملىكىتىمىزدىكى ئاساسلىق مۇزلۇقلار جايلاشقان رايون، مۇزلۇق كۆلىمى 9200 كۇۋادىرات كىلومېتىر ، زاپىسى 1010 كۇپ كىلومېتىردىن يۇقىرى بولۇپ،يىللىق ئېرىگەن سۇ بىلەن تۇلۇقلاش مىقدارى ھەر يىلى 5 مىليارد كۇپ مېتىرغا يېتىدۇ ؛ شىمالىي ئېتىكىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ ئىلى ،تېكەس دەريالىرىنى يىللىق ئېرىگەن سۇ بىلەن تۇلۇقلاش مىقدارى 1 مىليارد 957 مىليون كۇپ مېتىرغا يېتىدۇ .تەڭرىتاغنىڭ ئىككىنچى ئورۇندىكى مۇزلۇق تەسىرى مەركىزى شىمالىي تەڭرىتاغنىڭ ئىرەنقابىرغا تېغىغا جايلاشقان ،ئۇنىڭ ئېتىكىدىكى مۇزلۇقلار قاش دەرياسى ،كۈنەس دەريالىرىنى يىلىغا 603 مىليون كۇپ مېتىر ئېرىگەن سۇ بىلەن تۇلۇقلايدۇ ،ئۇنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى مۇزلۇق تاسىرقاي دەرياسى ،ماناس دەرياسى، قورغاس دەرياسى، بايانغول دەرياسى ،كۈيتۈن دەرياسى ،چىگىشور دەريالىرىنى يىلىغا 1 مىليارد 71 مىليون 900 مىڭ كۇپ مېتىر ئېرىگەن سۇ بىلەن تۇلۇقلايدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا ،يەنە كىچىكرەك تۆت مۇزلۇق تەسىرى مەركىزى بار بولۇپ، ئۇلار بېگجىنتاۋ تېغى، تىڭگىر تېغى ،بوغدا تاغلىرىنىڭ ئاساسىي چوققىلىرى ئەتراپىغا ۋە قارلىق تاغدىكى تۆمۈرتى چوققىسىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان .

كوئېنلۇن تاغ سىستېمىسىدىكى مۇزلۇق سۇ
كوئېنلۇن تاغ سىستېمىسىدىكى مۇزلۇق سۇ بايلىقى – كوئېنلۇن تېغى ،قارا قۇرۇم تېغى ،پامىر ئېگىزلىكى ۋە ئالتۇن تاغلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.مۇزلۇقلارنىڭ كۆلىمى 12 مىڭ 695.65 كۋادىرات كىلومېتىرغا زاپىسى 1428.39 كۇپ كىلومېتىرغا يېتىدۇ، دەريالارنى يىلىغا 7 مىليارد 247 مىليون كۇپ مېتىر ئېرىگەن سۇ بىلەن تۇلۇقلايدۇ .بۇ تاغ سىستېمىسىدا بىر قانچە مۇزلۇق تەسىرى مەركىزى بار .يەكەن دەرياسى ،تېزناپ دەرياسى ، كۈسەن دەرياسى ۋە گەز دەريالىرىنى يىلىغا 4 مىليارد 144 مىليون كۇپ مېتىر ئېرىگەن سۇ بىلەن تۇلۇقلايدۇ . يۇرۇڭقاش دەرياسى ،قاراقاش دەرياسى، كېرىيە دەرياسى ،چەرچەن دەريالىرىنى يىلىغا 2 مىليارد 971 مىليون كۇپ مېتىر ئېرىگەن سۇ بىلەن تۇلۇقلايدۇ
‹‹ شىنجاڭ ئېنسىكلوپېدىيىسى ›› دىن ئېلىندى
|