باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>ساياھەت>>سەيلىگاھلار
ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىكى سەيلىگاھلار
2007- 08- 01 12:20 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

       ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىسى تەۋەلىكىدە ئۆزگىچە سەيلىگاھلار، تارىخي ئىزلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇ ئورۇنلار ھازېر مەملىكەت ئىچى سىرتىدىكى ساياھەرچىلەرنى كۆپلەپ جەلىپ جىلماقتا.

      ▲مارجان بۇلاق سەيلىگاھى: مارجان بۇلاق سەيلىگاھى توشقان دەرياسىنىڭ بويىدا بولۇپ، ناھىيە بازېرىدىن 10 كىلومېتىر يىراقلىقتا. بۇ سەيلىگاھتا سۇ چۆمۈلۈش كۆلى، قېيىق بىلەن ساياھەت قىلىدىغان تەبىئىي مەنزىرە رايونى بار. بۇ يەردىكى مىللىيچە ياسالغان چېدىرلار، مېۋىلىك دەرەخلەردىكى مەي بولۇپ پىشقان ھەر خىل مېۋىلەر، خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ ئەلنەغمىلىرى ساياھەتچىلەرگە ئۆزگىچە زوق بېغىشلايدۇ.

      ▲بېلىق كۆلى سەيلىگاھى: بۇ سەيلىگاھ ئوتبېشى يېزا بازىرىنىڭ غەربىدە بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى بۇ يەردە بېلىق بېقىش ئۈچۈن كۆل چېپىلغان. كېيىن ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەر خىل شارائىتلىرى تولۇق، تۆت ئەتراپى ئورمان بىلەن قاپلانغان، مەنزىرسى گۈزەل، بېلىقلىرىنىڭ تۈرى كۆپ بۇ يەر يېڭى ساياھەت نۇقتىسىغا ئايلانغان.

      ▲سوۋۇتقۇ سەيلىگاھى: سوۋۇتقۇ ئۇچتۇرپاندىكى ئەڭ قەدىمىي سەيلىگاھلارنىڭ بىرى. سوۋۇتقۇ- ئاتنى سوۋۇتىدىغان جاي، دېگەنلىك بولۇپ، سەيلىگاھ ئوتتۇرسىدا ‹‹ تاقا›› شەكلىدە بىر بۇلاق بار. بۇ يەر ھەققىدىكى رىۋايەتلەر ناھايىتى كۆپ. ئارامگاھنىڭ ئوتتۇرسىدا كىلاسسىك شائىرىمىز موللا شاكىرنىڭ مەقبەرىسى بار. ھازىر بۇ يەر ئات بەيگە مەيدانى، شىپاڭ، مېھمانخانا، مەنزېرە نۇختىلىرى بىر گەۋدىلەشكەن زامانىۋىي ساياھەت ئورنىغا ئايلانغان.

      ▲توققۇز بۇلاق سەيلىگاھى: 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە توققۇز بۇلاق ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىكى قەدىمىي، شۇنداقلا تەبىئىي مەنزىرلىك ساياھەت نۇقتىسىدۇر. بۇ يەردىكى قاتار- قاتار بۇلاقلار، قەدىمىي بۈك- باراقسان دەرەخلەر، ھەيۋەتلىك مۆلجەر تېغى بىر گەۋدە بولۇپ، ئۆزگىچە مەنزىرە شەكىللەندۈرگەن. توققۇز بۇلاق 1924- يىلى تۇنجى قېتىم رىمونت قىلىنىپ، كاھىشلىق يول، راۋاقلار ياسالغان. 1939- يىلى لىن جىلۇ 2- قېتىم باغچىنى رېمونت قىلدۇرغان ۋە كېڭەيتكەن.

      ▲جايتاغ سەيلىگاھى: بۇ سەليىگاھ ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىدىكى ئاچاتاغ يېزىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدا. ‹‹ جىگدە يېغىلىقى ›› دىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ سەركەردىسى ئەسمەتۇللا بەگ مۇشۇ توپا تاغنىڭ شەرقىي جەنوبىدىكى ‹‹ تۆپىلىككە›› دەپنە قىلىنغان، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ جاي جايتاغ، دەپ ئاتالغان.

      ▲پەيزى ئېغىز سەيلىگاھى: پەيزى ئېغىز سەيلىگاھى يېڭىئاۋات يېزىسىنىڭ شىمالىدا بولۇپ، بۇ يەرنىڭ تۆت ئەتراپى تاغ، ئوتتۇرىسى بوستانلىق. بۇ جاي ئۆزگىچە تەبىئىيلىكى بىلەن گۈزەل. پەيزى ئېغىز سەيلىگاھىنىڭ جەنوبىدا يېڭى ئايماق قەدىمىي شەھەر خارابىسى بولۇپ، ئۇ ئاپتۇنۇم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكىرلىقلىرىنىڭ بىرى. بۇ خارابە بىلەن پەيزى ئېغىزى سەيلىگاھى بىر گەۋدىلىشىپ، ئالاھىدە ساياھەت ئورنىغا ئايلانغان.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ