باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>شىنجاڭنىڭ ئومومىي ئەھۋالى
سۇ بايلىقى
2007- 07- 26 16:00 تەڭرىتاغ تورى

       سۇ بايلىقى –  مۇئەييەن رايون دائىرىسى ئىچىدە ئاتموسفېرادىن يەر يۈزىگە چۈشۈپ ئېگىز تاغلاردىكى مۇزلۇقلاردا قاتتىق ھالەتتە ساقلانغان ياكى كۆللەردە ، سۇ ئامبارلىرىدا سۇيۇق ھالەتتە ساقلىنىۋاتقان ۋە ياكى يەر يۈزىدە  سىرغىم شەكىللەندۈرۈپ ئېقىۋاتقان يەر ئۈستى سۇلىرى ۋە يەر ئاستىغا سىڭىپ يەر ئاستى سۈيى بولۇپ، شەكىللەنگەن سۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ كۆرسىتىدۇ .شىنجاڭنىڭ ئاتموسفىرا ھۆل يىغىننىڭ يىللىق ئومومىي مىقدارى 254 مىليارد 600 مىليون كۇپ مېتىر بولۇپ ، بۇ پۈتۈن شىنجاڭدىكى 85 مىليارد 700 مىليون كۇپ مېتىر سۇ بايلىقىنى ھاسىل قىلىدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە يەر ئۈستى سۇ بايلىقىنىڭ ئومومىي مىقدارى 79 مىليارد 400 مىليون كۇپ مېتىر يەر ئۈستى سۈيى بىلەن تەكرارلانمايدىغان يەر ئاستى سۇ بايلىقىنىڭ مىقدارى 6 مىليارد 300 مىليون كۇپ مېتىر ، بۇنىڭغا دۆلەت سىرتىدىن ئېقىپ كىرىدىغان 8 مىليارد 800 مىليون كۇپ مېتىر دەريا ئېقىن مىقدارىنى قوشقاندا ، ئەمەلىي پايدىلىنىشقا بولىدىغان سۇ بايلىقىنىڭ ئومومىي مىقدارى 94 مىليارد 500 مىليون كۇپ مېتىر كېلىدۇ.شىنجاڭنىڭ يەر ئۈستى سۇ بايلىقىنىڭ زامان ۋە ماكان جەھەتتىكى جايلىشىشى تولىمۇ تەكشى ئەمەس .پەقەت ھۆل–يېغىن ئارقىلىقلا تۇلۇقلىنىدىغان دەريالاردىن ھاسىل بولىدىغان يەر ئۈستى سۇ بايلىقىنىڭ مولچىلىق مەزگىلى 4~8–ئايلاردا كېلىدۇ، زور مىقداردىكى مۇزلۇق سۇلىرى ئارقىلىق تۇلۇقلىنىدىغان دەريا ئېقىنلىرىنىڭ مولچىلىق مەزگىلى 6~9–ئايلاردا كېلىدۇ، مۇزلۇقلار يەر ئۈستى سۇ بايلىقىغا نىسبەتەن ئۇزۇن مۇددەتلىك تەڭشەش رولىغا ئىگە . تۈزلەڭ رايونلاردىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ %83.5 ى يەر ئۈستى سۇلىرىنى مەنبە قىلىدۇ، ئۇنىڭ مولچىلىق مەزگىلى يەر ئۈستى سۈيىنىڭكىدىن كېيىنرەك بولۇپ، كېچىكىش مەزگىلى ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولىدۇ. سۇ بايلىقىنىڭ ماكان جەھەتتىكى تارقىلىشىدا تاغلىق رايونلاردا كۆپ، تۈزلەڭلىكلەردە ئاز بولۇشتەك ئالاھىدىلىك بار . ئالتاي ، تەڭرى تېغىدىكى ئەڭ زور يىللىق ھۆل يېغىن مىقدارى 800~1000 مىللىمېتىرغا ؛ پامىر ، كوئېنلون تاغلىرىدىكى يىللىق ھۆل يېغىن مىقدارى ئەڭ چوڭ بولغان رايونلاردا 400~600 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ.

      دەريالار ئاساسەن تاغلىق تەڭرىتاغ، ئالتاي تېغى ۋە كوئېنلون تاغلىرىدىن شەكىللەنگەن . يەر ئاستى سۇلىرى ئاساسەن تاغلىق رايونلاردىكى يەر ئۈستى سۇلىرىنىڭ سىڭىشىدىن كەلگەن .تۈزلەڭ رايونلارنىڭ يەر ئاستى سۇلىرى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگەيەر ئاستى سۇ بايلىقى بولۇپ ،ئۇنىڭ زاپىسى 38 مىليارد 300 مىليون كۇپ مېتىر ، بۇنىڭ ئىچىدە 6 مىليارد 300 مىليون كۇپ مېتىرى ھەر يىللىق تەبئىي ھۆل يېغىندىن تۇلۇقلىنىدۇ.32 مىليارد كۇپ مېتىرى يەر ئۈستى سۇلىرىنىڭ كۈنلۈك ئېچىشقا بولىدىغان مىقدارى 25 مىليارد 200 مىليون كۇپ مېتىرغا بارىدۇ، نۆۋەتتە يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئومومىي ئىشلىتىلىش مىقدارى 7 مىليارد 800 مىليون كۇپ مېتىر بولۇپ ،ئېچىشقا بولىدىغان سۇ بايلىقى مىقدارىنىڭ %31.3 ىنى ئىگىلەيدۇ .

 ‹‹ شىنجاڭ ئېنسىكلوپېدىيىسى ›› دىن ئېلىندى

 

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ