باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>شىنجاڭنىڭ ئومومىي ئەھۋالى
شىنجاڭدىكى يەرلەرنىڭ تەبىئىي تىپلىرى
2007- 07- 25 11:44 تەڭرىتاغ تورى

       يەر بايلىقى—    يەر شارى قۇرۇقلىقىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋەت قىسمى بۇلڭپ، ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ ئاساسى ماكانى ۋە بازىسى. تۇپراق–يەرنى تۈزگۈچى ماددى ئاساس،ئەمما يەر قىياپىتى، كېلىمات سۇ رايونى، يېپىنچا ئۆسۈملۈك ،ئورگانىزىم قاتارلىقلارنىڭ ئۇنۋىرىسال تەسىرى يەرنىڭ تۈزلۈشى ۋە ئىشلىتىش يۆنىلىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىش نەتىجىسىدە، يەرلەرنىڭ تەبئىي تۈرگە ئايرىلىش سىستىمىسى ھاسىل بولغان. يەرنىڭ تەبئىي تىپلارغا بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل بىرىنچى دەرىجىلىك يەر تىپىنى ئايرىشنىڭ ئاساسىدۇر. ئوتتۇرا (كىچىك) يەر قىياپىتى، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر تىپى (سۇپ تىپ) ،يەر سىنىپى (تۈرى) قاتارلىقلار بولسا تىپلارغا ئايرىشنىڭ ئاساسىدۇر. شىنجاڭ يەرلىرىنىڭ تەبئىي تىپلىرى يەر قىياپىتى ، تۇپراق ھاسىل بۇلۇش جەريانى ، شۇنىڭدەك جايلىشىش قانۇنىيىتى قاتارلىق شەرتلەرگە ئاساسەن ئىككى دەرىجىگە بۆلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى دەرىجىلىك تىپلاردىن 9ى ، ئىككىنچى دەرىجىلىك تىپلاردىن 27 سى بار.

      قۇتۇپ ئېگىز تاغ يەر تىپى–  ئاساسەن ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 3000 مېتىردىن ئېگىز، تەڭرىتاغنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 3400 (3600) مېتىردىن ئېگىز ۋە كوئېنلون تېغىنىڭ (پامىر ئېگىزلىكى ) ۋە ئالتۇن تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 5000 مېتىردىن ئېگىز رايونغا جايلاشقان.ئۇلارنىڭ تۇپراق تىپى – توڭ تۇپراق ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى سوغۇققا چىداملىق ياتما ئۆسۈملۈكلەرنى ئاساس قىلىدۇ،

       ئېگىز تاغ يەر تىپى–   ئاساسەن تۆۋەندىكى ئورۇنلارغا جايلاشقان : بىرىنچى ،ئالتاي تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىگى 2100~2400 مېتىردىن 3000 مېتىرغىچە كېلىدىغان جايلىرى ئارلىقىغا جايلاشقان بولۇپ،  تۇپراق تىپلىرى تۇندىرا سېغىز تۇپراق ، ئېگىز تاغ قارا تۇپرىقى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى ئېگىز تاغ چىملىقى بىلەن ئوتلاق چىملىقىنى ئاساس قىلىدۇ . ئىككىنچى، تەڭرىتاغ ۋە جۇڭغارنىڭ غەربىدىكى تاغلىق يەرلەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 1800~2000 مېتىردىن ئېگىز رايونلىرى ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 2500~2700 مېتىردىن ئېگىز رايونلار ، بۇ رايونلارنىڭ تۇپراق تىپى ئاساسەن ئېگىز تاغ قارا توپىسى ،تۇندىرا سېغىز توپىسى ۋە ئېگىز تاغ كالتسىيلىق توپىسىدىن ئىبارەت . يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى چىملىقلارنى ئاساس قىلىدۇ، جەنۇبىي ئېتىكى بىلەن شەرقى بۆلۈكىدە چىملىق ، چىملاشقان ئوتلاق ياكى ئوتلاقلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۈچۈنچى، پامىر ئېگىزلىكى –قارا قۇم – كوئېنلۇن – ئالتۇنتاغنىڭ دېڭىز يۈزىدىن (4300) 3500~ (5300) 5000 مېتىر ئېگىز جايلىرى ئارلىقلىرى بولۇپ،   كېلىماتى سۈغاق –قۇرغاق ، تۇپرىقى بىر قەدەر يىرىك ،يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى ئېگىز تاغ ياتما ھالەتتىكى چۆل ئۆسۈملۈكلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. ئېگىز تاغ يەر تىپى تاغلىق رايون چارۋىچىلىقىنىڭ ئاساسلىق يازلىق يايلىقىدۇر .

      ئوتتۇرا تاغ يەر تىپى–  ئاساسەن ئوتتۇرا تاغ بەلبېغىنىڭ ئورمان سىزىقى ياكى ئورمانسىز يەرلەرگە جايلاشقان . بىرىنچى، ئالتاي تېغىدا : تۆۋەنكى چەكتىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى (1500) 1400 مېتىر ئەتراپىدا، تۇپراق تىپلىرىدىن ئاساسلىقلىرى قارا چىلان تۇپراق ، بوز قۇڭۇر تۇپراق ، قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .ئىككىنچى ، تەڭرىتاغدا : شىمالىي ئېتىكىنىڭ تۈۋەن چەكتىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى (2700) 2500 مېتىر ، تۇپرىقى  قۇڭۇر چىلان تۇپراق ، بوز قارا تۇپراقنى ئاساس قىلىدۇ. ئۈچۈنچى، كوئېنلون تېغى (پامىر ئېگىزلىكى) ۋە ئالتۇن تاغلىرىدا :تۆۋەن چەكتىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى (3500) 3000 مېتىر ئەتراپىدا ، قارامتۇل تۇپراق، قارامتۇل چۆل تۇپرىقىنى ئاساس قىلىدۇ.  كوئېنلون تېغىنىڭ شىمالىي بۇلىكىنىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى چۆل ئوتلۇقى ، شەرق بۆلىكىنىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى چۆل ،چۆل ئوتلۇقى قاتارلىقلار . بۇ تاغلىق رايون ئاھالىسىنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بارىدىغان سورۇنى بولۇپ، كۆپۈنچە قىشلىق يايلاق قىلىندۇ، شۇنداقلا پەس تاغدىكى ئەتىيازلىق– كۈزلۈك يايلاقتىن يازلىق يايلاققا يۆتكۈلۈشتىكى ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىك چارۋىچىلىق يەر تىپى ھېساپلىنىدۇ.

      پەس تاغ ئېدىرلىق يەر تىپى – ئاساسەن تۆۋەندىكى ئورۇنلارغا يەنى: بىرىنچى، ئالتاي تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن(1000) 750 ~(1500) 1400 مېتىرغىچە ئېگىز جايلىرى ئارلىقىغا جايلاشقان ، تۇپراق تىپى كاشتان تۇپراق ،قارا چىلان تۇپراق ،قۇڭۇر تۇپراق قاتارلىقلار ؛ يىپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى ئاساسەن چۆل ئوتلۇقى، ئوتلاقتىن ئىبارەت ، ئىككىنچى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكى بىلەن شىمالىي ئېتىكىنىڭ پەرقى بىر قەدەر چوڭ ، شىمالىي ئېتىكىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 1200~600 مېتىر، جەنۇبىي ئېتىكىنىڭ دېڭىز يۈزدىن 1800~1000 مېتىر ئېگىز جايلىرىغا جايلاشقان. ئاساسلىق تۇپراق تىپلىرىدىن بوز چۆل تۇپرىقى ، قۇڭۇر چۆل تۇپرىقى قاتارلىقلار بار ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىدىن جەنۇبىي ئېتەكتەچۆل ۋە چۆل ئوتلۇقى، شىمالىي ئېتەكتە چۆل ئوتلۇقى ۋە ئوتلۇقى بار. ئۈچۈنچى، كوئېنلون، ئالتۇن تاغلىرىدا : دېڭىز يۈزىدىن 2000~1300 مېتىر ئارلىقىدىكى جايلارغا جايلاشقان.  تۇپرىقى قوڭۇر چۆل تۇپىسى ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى چۆللۈكنى ئاساس قىلىدۇ. پەس تاغ ئىدىرلىقلىرى يەرلەرنى ئىشلىتىش جەھەتتە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىشتىن تېرىقچىلىقنى ئاساس قىلىشقا ئۆتۈشتىكى ئۆتكۈنچى بەلباغدۇر.

      قىيپاش دۆڭلۈكلەرنىڭ يەر تىپى – تاغلارنىڭ ئالدىدىكى كەلكۈن چۆكۈندى ۋە ئېقىن چۆكۈندى يانتۇ تۈزلەكلىك قىسمىنى كۆرسىتىدۇ، بۇلار ئاساسەن : بىرىنچى ،ئالتاي تېغىغا ۋە تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان ، تۇپرىقى ئادەتتە كاشتان تۇپراق ،كۈل رەڭ قوڭۇر چۆل تۇپرىقى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى ئاساسەن چۆل ئوتلۇقى ياكى چۆل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىدىن ئىبارەت . ئىككىنچى غۇلجا، چۆچەك قاتارلىق تاغ ئارىسىدىكى ئويمانلىقلارغا جايلاشقان ، تۇپرىقى قارا چىلان تۇپراق ، كاشتان تۇپراق ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى چۆل ئوتلۇقى ياكى ئوتلاقتۇر . ئۈچۈنچىسى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، كوئېنلون ۋە ئالتۇن تاغلىرىنىڭ تاغ ئالدىغا جايلاشقان، تۇپرىقى قوڭۇر چكلا تۇپرىقىنى ئاساس قىلىدۇ. يەر ئىشلىتىشتە بۇلار ئاساسەن ئەتىياز– كۈزلۈك ئوتلاق ۋە چارۋىچىلىق فېرمىسى قىلىنىدۇ. بىر قىسمى سۈنئىي بوستانلىق قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈلدى.

     تۈز يەرلەرنىڭ يەر تىپى –  قىيپاش دۆڭلۈكلەرنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە جايلاشقان ، يەر شەكلى بىر قەدەر تۈز بولۇپ، چوڭ دەريا دېلتىلىرى ، قۇرۇق دېلتا، دەريا جىلغىلىرىدىكى تۈزلەڭلىكلەر ، قەدىمكى تىندۇرما تۈزلەڭلىكلەردىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ، جۇڭغار ئويمەنلىقى بىلەن تارىم ئويمانلىقىنى بويلاپ ھالقىسىمان جايلاشقان . تۇپرىقى، قوڭۇر چۆل تۇپرىقى ، كۈل رەڭ چىلان تۇپراق ، كۈل رەڭ چۆل تۇپرىقى ، شۇنىڭدەك شاخ–شۇمبىلىق نەم تۇپراق، قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى ئاساسەن چۆللۈك بۇلۇپ ، پەقەت دەريا بويى تۈزلەڭلىكلىرىگىلا بەلباغسىمان چۆل ئويمانلىرى جايلاشقان . تۈز يەرلەرنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك يەر تىپلىرىدىن ئاساسلىقى  : چۆل ئوتلۇقى تۈز يەرلىرى، چۆل تۈز يەرلەر، شورلۇق تۈز يەرلەردىن ئىبارەت. تۈز تىپلىرى شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق بوستانلىقلىرى جايلاشقان رايونلاردۇر .

      پەس نەم يەرلەرنىڭ يەر تىپى –  ئاساسلىقى يەلپۈگۈچسىمان ئېقىن چۆكۈندىسى ۋە يەلپۈگۈچسىمان كەلكۈن چۆكۈندىلىرىنىڭ گىرۋەكلىرىگە ، تاشقىن ساھىللىرىغا ، پەس پەلەمپەي يەرلەرگە ۋە كۆل بويىدىكى تۈزلەڭلىكلەرگە جايلاشقان . يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىدىن ئاساسلىقلىرى : چىملىق، ساسلىق تۈرىدىكىلەر،ياكى چاتقاللىقلاردىن ئىبارەت. تۇپراق تىپلىرىدىن : زەي تۇپراق ،يۇشۇرۇن يىتىلگەن تۇپراق ، شورلۇق قاتارلىقلار بار، ئىككىنچى دەرىجىلىك تىپلىرىدىن ئاساسلىقى: چىملىق ۋە ساسلىق پەس نەم جايلار ، شور تۇپراقلىق پەس نەم يەرلەر بار پەس نەم يەرلەر شىنجاڭنىڭ تارىخىدىكى تۈزلەڭ رايونلار چارۋىچىلىقىنىڭ بازىسى بولۇپ، قىشلىق ئوتلاق ياكى تۆت پەسىل يايلاقلىرى جايلاشقان رايونلاردۇر .

      قۇملۇق يەر تىپى–      قۇملۇقنىڭ جايلىشىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بۇلۇپ، تاغلىقلاردىن تۈزلەڭلىكلەرگىچە ھەر خىل يەر تۈزلۈشىدىكى رايونلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇچرايدۇ، لېكىن تارىم ئويمانلىقى بىلەن جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرسىغا ئەڭ مەركەزلەشكەن بولۇپ، يەر تىپى شامالدىن ھاسىل بولغان يەر تىپىغا كىرىدۇ، قۇملۇقلارنىڭ شەكىللىرىدىن : ھىلال ئاي تىپلىق، بىرلەشمە تىپلىق، پىرامىدا تىپلىق ۋە تۈز قۇملۇق يەرلەر بار . تۇپرىقىنىڭ ھەممىسى قۇملۇق تۇپا بۇلۇپ، كۆپ قىسمىدا يېپىنچا ئۆسۈملۈك كەمچىل ياكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكى ناھايىتى شالاڭ . قۇملۇق يەرنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك تىپلىرىدىن تاغلىق ۋە قىيپاش دۆڭلۈكتىكى قۇملۇق يەرلەر بار .

  پايدىلنىشقا بولىدىغان يەر تىپى–  يەردىن پايدىلىنىش ئىنسانلارنىڭ تەبئىي خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن ، مۇئەييەن ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي مەقسەت بويىچە، بىر قاتار بىئولوگىيىلىك ، تېخننىكىلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ، يەرلەرنى دەۋرىيلىك ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك پەرۋىش قىلىپ باشقۇرۇش ۋە تىزگىللەپ ئۆزگەرتىش پائالىيىتىدۇر . شىنجاڭنىڭ پايدىلنىشقا بولىدىغان يەر تىپلىرىنى دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان يەرلەر، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يەرلەر دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بۇلىدۇ. دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان يەر كۆلىمى 63 مىليون 399 مىڭ 400 گېكتار بۇلۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ ئومومىي يەر كۆلىمىنىڭ %38.08 نى ئىگىلەيدۇ. بۇنى يەنە تېرىلغۇ يەر ، باغ يەرلىرى، ئوتلاق يەرلىرى، ئورمان يەرلىرى ، سۇ رايونى دېگەن 5 چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.  قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يەر كۆلىمى 1مىليون 514 مىڭ 700 گېكتار بولۇپ،  پۈتۈن شىنجاڭ ئومومىي يەر كۆلىمىنىڭ %0.91 ىنى ئىگلەيدۇ. بۇنى ئۆز ئىچىدىن يەنە ئاھالىلەر ئولتۇراق يېرى ۋە زاۋۇت–كانلار ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يەر ، قاتناش ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغان يەر، سۇ ئىنشائاتى مۇئەسسەسەلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يەر دېگەن تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

تېرىلغۇ يەرلەر – ھازىر پۈتۈن شىنجاڭدا 4 مىليون 91 مىڭ 851.25 گېكتار تېرىلغۇ يەر بولۇپ،  دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان ئومومىي يەر كۆلىمىنىڭ %6.45 ىنى ئىگلەيدۇ   ئۇ ئاساسەن ھەر قايسى دەريا ۋادىلىرىدىكى بوستانلىقلارغا مەركەزلىك جايلاشقان. تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى سۇغۇرۇلدىغان يەرلەر بۇلۇپ، تېرىلغۇ ئومومىي كۆلىمىنىڭ %89.21ىنى ئىگلەيدۇ.ئۇلار ئاساسەن بىرىنچى سۇغۇرۇشقا تايىندىغان يەرلەر،ئۇلارنىڭ كۆلىمى 77247.42 گېكتار بۇلۇپ ،تېرىلغۇ يەر ئومومىي يەر كۆلىمىنىڭ %1.89 ىنى ئىگلەيدۇ. ئاساسەن مىچۈەن شەھىرى ،ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسى ، ئاقسۇ شەھىرى ، شۇنىڭدەك تارىم دەرياسى ،كۆنچى دەرياسى، كونا شەھەر ناھىيىسى،ئاقسۇ بوز يەر رايونى ، خوتەن دەرياسى بىلەن سۇغۇرۇلدىغان رايونلارغا جايلاشقان. ئىككىنچى ، ئۆلكە يەرلەر . كۆلىمى 3 مىليون 768 مىڭ 175.84 گېكتار بولۇپ، ئومومىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ %92.09 ىنى ئىگلەيدۇ. ئۆلكە يەرلەر شىنجاڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ ئاساسلىق تىپى بولۇپ، ھەر قايسى بوستانلىقلارغا ، ھەر قايسى ۋادىلاردىكى چوڭ–كىچىك دەريالارنىڭ تاغدىن چىقىش ئاغزىدىكى يەلپۈگۈچسىمان ئېقىن چۆكۈندىسى ،كەلكۈن چۆكۈندىسى ياكى ئېقىن چۆكۈندىسى تۈزلەڭلىك رايونلىرىغا ، شۇنداقلا چوڭ دەريا ياقىلىرىدىكى سۇ باشلاش ئاسان يەرلەرگە تارقالغان . ئۈچۈنچى ، نەم يەرلەر . يەر كۆلىمى 217 مىڭ 188.74 گېكتار بولۇپ، تېرىلغۇ يەر ئومومىي كۆلىنىڭ % 5.31 ىنى ئىگلەيدۇ، ئاساسەن شىنجاڭدىكى يىللىق ھۆل–يېغىن مىقدارى 300 مىللىلېتىردىن يۇقرى رايونلارغا، جۈملىدىن ئىلى دەرياسى جىلغىسىنىڭ تاغ ئېتىكىدىكى ئېدىرلىقلارغا ۋە تېكەس جىلغىسى بىلەن مۇڭغۇلكۈرە ئويمانلىقىغا ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكى ۋە ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى پەس تاغ ئېدىرلىقى رايونلىرىغا جايلاشقان. تۆتۈنچى، كۆكتات يەرلىرى، كۆلىمى 29 مىڭ 196.79 گېكتار بولۇپ، تېرىلغۇ يەر ئومومىي كۆلىمىنىڭ %0.71ىنى ئىگلەيدۇ، مەركەزلىك ھالدا ھەر قايسى شەھەر، ناھىيە بازىرى ،يېزا–بازارلارنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان، يېزىلارغىمۇ، پارچە–پۇرات تارقالغان.

       باغ يەرلىرى– كۆلىمى 168 مىڭ 195.52 يەر كۆلىمىنىڭ %0.27 ىنى ئىگلەيدۇ.  ئاساسلىقلىرىدىن : بىرىنچى، مېۋىلىك باغلار ، كۆلىمى 156 مىڭ 30.88 گېكتار بولۇپ، باغ يەرلىرى ئومومىي كۆلىمىنىڭ %92.77 ىنى  ئىگىلەيدۇ. ئاساسەن تۇرپان– قۇمۇل ئويمانلىقىغا ، كورلا–ئاقسۇ رايونلىرىغا، شۇنداقلا ، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، ئىلى ۋىلايەتلىرىگە تارقالغان . ئىككىنچى ، ئۈژمىزارلىق يەرلىرى. كۆلىمى 4845.68 گېكتار بولۇپ ، باغ يەرلىرى ئومومىي كۆلىمىنىڭ %2.88 ىنى ئىگلەيدۇ،  ئاساسەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىگە جايلاشقان . ئۈچۈنچى، قۇلماقلىق ۋە باشقا باغ يەرلىرى ،كۆلىمى 7319.96 گېكتار بولۇپ باغ يەرلىرى ئومومىي كۆلىمىنىڭ %4.35ىنى ئىگلەيدۇ. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش بىڭتۈەنىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرىغا كۆپ تارقالغان.

      ئورمان يەرلىرى – كۆلىمى 6 مىليون 565 مىڭ 972.04 گېكتار بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىدىغان ئومومىي يەر كۆلىمىنىڭ %10.36 ىنى ئىگىلەيدۇ. بىرىنچى، ئورمان بار يەرلەر . كۆلىمى 2 مىليون 332 مىڭ %35.52 ىنى ئىگىلەيدۇ . ئاساسەن تاغلىق رايون ئورمان يەرلىرى ۋە تۈزلەڭلىكلەردىكى ئورمان يەرلىرىدىن تەشكىل تاپقان. تاغلىق رايون ئورمان يەرلىرى ئاساسلىقى غەربىي تەڭرىتاغ ۋە ئالتاي تېغىنىڭ ئوتتۇرا تاغ رايونلىرىغا جايلاشقان ؛ تۈزلەڭلىكلەردىكى ئورمان يەرلىرى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق رايونلىرىغا ،چوڭ دەريا بويلىرىغا ۋە ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسىدىكى كەڭ ئورمان رايونلىرىغا جايلاشقان، تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ توغراقلىق رايونى ساقلانماقتا. ئىككىنچى، چاتقال ئورمىنى، كۆلىمى 2 مىليون 823 مىڭ 348.09 گېكتار بولۇپ ، ئورمان يەرلىرى  ئومومىي يەر كۆلىمىنىڭ %43 ىنى ئىگىلەيدۇ. كەڭ كۆلەمدە تارقالغان بولۇپ، ئاساسەن جۇڭغار ئويمانلىقى ، تارىم ئويمانلىقى ، شۇنداقلا تۇرپان– قۇمۇل ئويمانلىقىنىڭ كەڭ چۆللىرىگە مەركەزلىك جايلاشقان ، ئۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ ئورمان يەرلىرى ئىچىدە 1 مىليون 201 مىڭ 796.47 گېكتار شالاڭ ئورمانلىق بار بولۇپ، ئورمان يەرلىرى ئومومىي يەر كۆلىمىنىڭ %18.3 ىنى ئىگىلەيدۇ؛ بەرپا قىلىنمىغان ئورمان يەرلىرى 56 مىڭ 520.01 گېكتار ، ئورمان ئىزى 146 مىڭ 115.59 گېكتار ، كۆچەتلىك يەر 5935.01 گېكتار.

       ئوت– چۆپلۈك يەرلەر– كۆلىمى 51 مىليون 397 نىڭ 689.67 گېكتار بولۇپ ، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىدىغان ئومومىي يەر كۆلىمىنڭ %81.07 ىنى ئىگىلەيدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە تەبئىي ئوتلاق ( ياخشىلانغان ئوتلاقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) لارنىڭ كۆلىمى 51 مىليون 301 مىڭ 441.70 گېكتار بولۇپ، ئوت– چۆپ يەر ئومومىي كۆلىمىنىڭ %99.81 ىنى ئىگىلەيدۇ. بۇلار ئاساسەن ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە ، تەڭرىتاغنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا ، تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا، شۇنداقلا يەلپۈگۈچسىمان ئېقىن– كەلكۈن چۆكۈندىلىرىنىڭ گىرۋەكلىرىگە ۋە ئېقىن چۆكۈندىسى تۈزلەڭلىكلىرىگە جايلاشقان. سۈنئىي ئوتلاقلارنىڭ كۆلىمى 96 مىڭ 247.97 گېكتار بولۇپ، ئوت–چۆپلۈك ئومومىي يەر كۆلىمىنڭ %0.19 ىنى ئىگىلەيدۇ . بۇلار ئاساسەن ئىلى ۋىلايىتىگە ، ئالتاي ۋىلايىتىگە ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى كەڭ رايونلارغا ۋە قەشقەر ۋىلايىتىگە جايلاشقان.

       سۈنئىي ئوتلاق – ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى تۈرى، سۈنئىي ئۇسۇلدە ياخشىلانغان تەبئىي ئوت–چۆپلەر بولۇپ، ئاساسەن تەبئىي ئۇسۇلدا قاشالانغان ھەر خىل ئوتلاق ( كۈرە) لارنى ۋە سۇغىرىلدىغان ئوتلاقلار ( دەريا جىلغىلىرىنىڭ پەس جايلىرىدىكى چاپمىلىقلار ) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلار جەمئىي 1 مىليون 67 مىڭ گېكتار كېلىدۇ. ئىككىنچى تۈرى ، ئۈستىلەپ تېرىپ ئايروپىلاندا ئۇرۇق چېچىپ ياخشىلانغان ئوتلاقلار بولۇپ ، تەخمىنەن 213 مىڭ گېكتاردىن كۆپرەك كۆلەمگە ئىگە ؛ ئۈچۈنچى تۈرى ، سۈنئىي ئۇسۇلدا بەرپا قىلىنغان ئوت–چۇپ يەرلىرى، يەنى ئېتىز– ئېرىق تەلىپى بويىچە ئۆزلەشتۈرۈلگەن ، ئوت–چۆپ، يەم– خەشەك تېرىشنى ئاساس قىلغان ئوتلاقلار بولۇپ، بەرپا قىلىنغىنى جەمئىي 800 مىڭ گېكتار ، ساقلىنپ قېلىنغىنى 600 مىڭ گېكتاردى ئاشىدۇ.

       ئاھالىلەر ئولتۇراق جايلىرى ۋە زاۋۇت –كانلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن يەرلەر – كۆلىمى 875 مىڭ 123.72 گېكتار بولۇپ، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلگەن ئومومىي يەر كۆلىمىنىڭ %57.78 ىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ تۆۋەندىكى يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بىرىنچى، شەھەر– بازارلار ،كۆلىمى 76 مىڭ 430.19 گېكتار بولۇپ، ئاھالە ئولتۇراق جايلىرى ۋە زاۋۇت–كانلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئومومىي يەر كۆلىمىنىڭ % 8.73 ئىگىلەيدۇ، ھەر قايسى بوستانلىقلارغا مەركەزلىك تارقالغان 216، 217، 315، 314، 312 قاتارلىق دۇلەت يولى بويىغا كەڭ تارقالغان . ئىككىنچى، يىزا ئاھالە ئولتۇراق جايلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئومومىي يەر كۆلىمى 450 مىڭ 600.84 گېكتار بولۇپ ، ئولتۇراق جايلار ۋە زاۋۇت–كانلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئومومىي يەر كۆلىمىنىڭ %51.49 ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇنداق يەرلەر ھەر قايسى بوستانلىقلارغا كەڭ تارقالغان . ئۈچۈنچى، مۇستەقىل زاۋۇت– كانلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئومومىي يەر كۆلىمىنىڭ %9.48 ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇنداق يەرلەر ئاساسەن تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىقتىسادى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان رايونلارغا تارقالغان ، ئۇنىڭدىن قالسا تۇرپان–قۇمۇل ئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقى ، تارىم ئويمانلىقى قاتارلىق رايونلارغا تارقالغان. مۇستەقىل زاۋۇت–كانلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن يەرلەرنىڭ سالمىقى ئەڭ زور . تۆتىنچى ، شورلۇق ئېتىزلار ، كۆلىمى 10 مىڭ 330.27 گېكتار بولۇپ ئاھالە ئولتۇراق جايلىرى ۋە زاۋۇت– كانلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئومومىي يەر كۆلىمىنىڭ %1.18 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئاساسەن جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى ئىبنۇر كۆلى رايونى، ماناس كۆلى رايونىغا جايلاشقان . بەشىنچى، ئالاھىدە ئىشلىتىلگەن يەرلەر ، كۆلىمى 254 مىڭ 836.58 گېكتار بولۇپ، ئاھالە ئولتۇراق جايلىرى ۋە زاۋۇت–كانلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئومومىي يەر كۆلىمىنىڭ %29.12 ىنى ئىگلەيدۇ.

       قاتناشقا ئىشلىتىلگەن يەرلەر– كۆلىمى 218 مىڭ 281.95 گېكتار بولۇپ،قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلگەن ئومومىي يەر كۆلىمىنىڭ %14.41 ىنى ئىگىلەيدۇ . بىرىنچى ، تۈمۈر يول : كۆلىمى 7244.39 گېكتار بولۇپ، قاتناشقا ئىشلىتىلگەن ئومومىي يەر كۆلىمىنىڭ %3.32 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئاساسلىقى لەنجۇ– شىنجاڭ تۈمۈر يولى، شىمالىي شىنجاڭ تۈمۈر يولى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۈمۈر يولىغا ئىشلىتىلگەن يەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچى، تاشيول : كۆلىمى 39 مىڭ 853.51 گېكتار بولۇپ، قاتناشقا ئىشلىتىگەن ئومومىي يەر كۆلىمىنىڭ %18.26 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئاساسلىق تاش يوللاردىن 216، 217، 315، 314، 312 قاتارلىق دۆلەت يوللىرى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك تاشيول سىستېمىسى بار. ئۈچۈنچى، يېزا يوللىرى :كۆلىمى 168 مىڭ 727.32 گېكتار بولۇپ، قاتناشقا ئىشلىتىلگەن ئومومىي يەر كۆلىمىنىڭ %77.3 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئەڭ كەڭ تارقالغان. تۆتىنچى، خەلىق ئاۋىئاتسىيسى ئايرودروملىرى : كۆلىمى 2102.23 گېكتار بولۇپ، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلگەن ئومومىي يەر كۆلىمىنىڭ %0.96 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئاساسەن ئۈرۈمچى، كورلا، غۇلجا، ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەرگە جايلاشقان. بەشىنچى، پورت–پىرىستانلار: كۆلىمى 355.60 گېكتار بولۇپ، قاتناشقا ئىشلىتىلگەن ئومومىي يەر كۆلىمىنڭ %0.15 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئاساسەن باغراش كۆلى رايونىغا جايلاشقان.

       سۇ رايونى–  كۆلىمى 4 مىليون 226 مىڭ 900 گېكتار بولۇپ، تۈزلەڭلىكلەردىكى جانلىقلارنىڭ ۋە بوستانلىقلارنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى ئاساسلىق سۇ مەنبەسى. ھازىر ئاساسەن سۇغىرىشقا ئىشلىتىلمەكتە. باقمىچىلىققا ئىشلىتىلۋاتقان سۇ يۈزىنىڭ سالمىقى زور ئەمەس. بۇنىڭ ئىچىدە تۈزلەڭلىكتىكى سۇ يۈزىنڭ مەيدانى (ئاساسەن ھەر قايسى چوڭ دەريالار ، كۆللەر، سۇ ئامبارلىرى، كۆلچەكلەر) 1 مىليون 175 مىڭ 700 گېكتار بولۇپ، يىزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلۋاتقان ئومومىي يەر مەيدانىنىڭ %1.85 ىنى ئىگىلەيدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا، سۇچىلىق مۇئەسسەسەلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن يەر 421 مىڭ 300 گېكتار بولۇپ، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلگەن يەر كۆلىمىنىڭ %27.81 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇلار ئاساسەن ھەر قايسى ۋادا ، ھەر قايسى سۇغىرىش رايونلىرىدىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا ۋە سۇغىرىش–سۇ چىقىرىۋېتىش ئۆستىڭى سىستېمىسىغا ئىشلىتىلگەن يەرلەردىن ئىبارەت.

       پايدىلىنىلمىغان يەر– مەيدانى 101 مىليون 575 مىڭ 700 گېكتار بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ ئومومىي يەر كۆلىمىنىڭ %61.01 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇلار ئاساسەن يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش نىسپىتى %5 كە يەتمەيدىغان يالىڭاچ يەرلەر ياكى گوبى، قۇملۇق ، قۇملۇق يەرلەر، ئېغىر شورلاشقان يەرلەر ، سازلىقلار تېشى ئېچىلىپ قالغان يەرلەر ، ئۆرۈلگەن تاش دۆۋىلىرى قاتارلىق ئۆزلەشتۈرۈشكە قولايسىز يەرلەردىن ئىبارەت. پايدىلىنمىغان يەرلەردىن جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى قۇربان تۇڭغۇت قۇملۇقى بىلەن تارىم ئويمانلىقىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقى ئەڭ چوڭ. ئۇنىڭدىن باشقا تەڭرىتاغ، ئالتاي تېغى قاتارلىق تاغ تىزمىلىرىنىڭ قار سىزىقى ئۈستىدە نۇرغۇن مۇزلۇقلار ، مەڭگۈلۈك يىغىندى قارلار ، شۇنداقلا تاغلاردا ئېچىلىپ قالغان تاش شېغىللار بار. ھەممە بوستانلىقلارنىڭ گىرۋەكلىرىدە گوبى ، قۇملۇق سەھرالار، قۇملۇق يەرلەر، شورلۇق يەرلەر بار. ئېغىر دەرىجىدە شورلىشىش، قۇملىشىش، قۇرغاق ۋە سۇ كەمچىل بولۇش، شېغىل كۆپ ، توپا قاتلىمى نېپىز، سۈپىتى ناچار بولۇش ئامىللىرى يەردىن پايدىلىنىشنى چەكلىگۈچى ئاساسلىق ئامىللاردۇر.

       شىنجاڭنىڭ يەردىن پايدىلىنىش رايونلىرى – يەردىن پايدىلىنىش شارائىتىىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ، بەش يەردىن پايدىلىنىش رايونىغا بۆلىنىدۇ.

       شىمالىي شىنجاڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى يەردىن پايدىلىنىش رايونى –ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ، شىخەنزە شەھىرى ۋە قارىماي شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ رايونلاردا شەھەر بازارلار زىچ، زاۋۇت–كانلار مەركەزلەشكەن ، يىزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان ، نوپۇسى كۆپ ، ئىجتىمائىي ئىقتىساد بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان، ھازىر يېزا–ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلۋاتقان يەرلەر 7 مىليون 342 مىڭ 800 گېكتار، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلۋاتقان يەرلەر 232 مىڭ گېكتار. يەردىن پايدىلنىشتا سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكىدە تەڭ ئېتىبار بېرىلگەن بولۇپ ، يېزا ئىگىلىكى شەھەر بازالار ۋە سانائەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ.

   شىمالىي شىنجاڭنىىڭ غەربىي شىمالىدىكى يەردىن پايدىلنىش رايونى – بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ رايوندا سۇ ۋە تۇپراق بايلىقى مول ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارڭىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشتا بىر قەدەر ياخشى ئاساسقا ئىگە ھەمدە مول قېزىلما بايلىقى بار. ھازىر دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلۋاتقان يېرى 25 مىليون 128 مىڭ 300 گېكتار، قۇرۇشقا ئىشلىتىلۋاتقان يېرى 371 مىڭ گېكتار . يەردىن پايدىلنىشتا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق ئۇنۋىرىسال تەرەققىي قىلدۇرۇلماقتا؛ ئاشلىق، قىزىلچا، پاختا، ياغلىق دان ۋە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى قۇرۇلماقتا؛ قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش پايدىلىنىش سۈرئىتى تېزلىتىلمەكتە.

   شەرقىي شىنجاڭدىكى يەردىن پايدىلنىش رايونى – تۇرپان ،قۇمۇلدىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ رايوننىڭ كىلىماتى ئىنتايىن قۇرغاق، يۇرۇقلۇق، ئىسىقلىق بايلىقى ئىنتايىن مول، سۇ بايلىقى قىس ، لېكىن قېزىلما بايلىقلىرى بىر قەدەر مول . ھازىر دېھقانچىلىققا ئىشلىتىۋاتقان يېرى 5 مىليون 232 مىڭ 300 گېكتار، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىۋاتقان يېرى 242 مىڭ 900 گېكتار . يەردىن پايدىلىنىشتا دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك ۋە رۇدا قېزىشنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئۇزۇن تالالىق پاختا ۋە ئەلا سۈپەتلىك مېۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى قۇرماقتا.

   جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى يەردىن پايدىلىنىش رايونى – بايىنغولىن موڭغول ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلباغ قۇرغاق كىلىماتقا مەنسۈپ. يۇرۇقلۇق ، ئىسىقلىق بايلىقى مول ،سۇ بايلىقى ۋە زاپاس يەر بايلىقى بىر قەدەر مول .ھازىر دېھقانچىلىققا ئىشلىتىۋاتقان يېرى 15 مىليون 264 مىڭ 700 گېكتار ، قۇرۇلۇشىقا ئىشلىتىۋاتقان يېرى 321 مىڭ 100 گېكتار،يەردىن پايدىلىنىشقا دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ، باغۋەنچىلىكنى ۋە نېفىت ، نېفىت خېمىيە سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ.

  جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى يەردىن پايدىلىنىش رايونى – قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلباغ قۇرغاق كىلىماتىغا مەنسۈپ . يۇرۇقلۇق ،ئىسىقلىق بايلىقى مول ، ئادىمى كۆپ، يېرى ئاز . ھازىر يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىۋاتقان يېرى 10 مىليون 430 مىڭ 130 گېكتار ، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىۋاتقان يېرى 347 مىڭ 700 گېكتار. يەردىن پايدىلنىشتا سۇ بايلىقىنى يەنىمۇ ئېچىپ ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ، باغۋەنچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ ، ساياھەتچىلىكنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ.

  دېھقانچىلققا باب يەرلەر –پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە دېھقانچىلىققا باب 4 مىليون 897 مىڭ 500 گېكتار يەر بولۇپ، پايدىلىنىشقا باب ئومومىي يەر كۆلىمىنىڭ %7.15 ىنى ئىگىلەيدۇ.

  ئورمانغا باب يەرلەر –  پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئورمانغا باب 4 مىليون 181 مىڭ 400 گېكتار يەر بولۇپ ، پايدىلىنىشقا باب ئومومىي يەر كۆلىمنىڭ %6.11 ىنى ئىگىلەيدۇ.

 چارۋىچىلىققا باب يەرلەر– پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە چارۋىچىلىققا باب 53 مىليون 521 مىڭ 300 گېكتار يەر بولۇپ، پايدىلىنىشقا باب ئومومىي يەر كۆلىمىنىڭ %78.19 ىنى ئىگىلەيدۇ .

                                         ‹‹ شىنجاڭ ئېنسىكلوپېدىيىسى ›› دىن ئېلىندى

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ