|

شىنجاڭنىڭ تەبئىي ئوتلاق بايلىقى — كۆلىمى چوڭ، تىپى كۆپ، ئوت–چۆپ تۈرلىرى مول، ئەلا سورتلۇق ئوت–چۆپ بىر قەدەر كۆپ. تۆت پەسىل ئوتلاقلىرى تۇلۇق . ئوتلاق ئومومىي مەيدانى 57 مىليون 800 گېكتارغا يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭ ئومومىي يەر مەيدانىنىڭ %34.44 نى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە پايدىلانغىلى بولىدىغان ئوتلاق كۆلىمى 48 مىليون گېكتار بۇلۇپ ، ئوتلاق ئومومىي مەيدانىنىڭ %83.3 نى ئىگىلەيدۇ. مەملىكەت بويىچە شىزاڭ ۋە ئىچكى مۇڭغۇلدىنلا كىيىن تۇرىدۇ. مەملىكىتىمىز بويىچە بىرلىككە كەلگەن تۈرگە ئايرىش سىستېمىسى بويىچە شىنجاڭ ئوتلاقلىرىنى 11 ئوتلاق تىپى، 25 كەنجى گۇرۇپپا، 131 ئوتلاق گۇرۇپپىسى ۋە 687 ئوتلاق تۈرىگە ئايرىشقا بولىدۇ. شىنجاڭ بويىچە يەم–خەشەك يىمەكلىك ئۆسۈملۈكلەر 2930 خىل (سۇ ئۆسۈملۈكلىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) غا يىتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ ئۇچرايدىغان ئەلا سورتلۇق ئوت– چۆپ ئۆسۈملۈكلىرى 382 خىل . دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان ئەلا سورتلۇق ئوت–چۆپلەردىن تىپچاق، قومۇشسىمان تىپچاق، زەۋىرەك، قىلتىرىقسىز ئارپىغان، تارغاقئوت، ئوتلاق قۇڭۇر باشى، كىرپىباش بېدە، سېرىق گۈللۈك بېدە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدا بار.

شىنجاڭنىڭ ئوتلاق تىپلىرىدىن مۆتىدىل چىملىق ئوتلاق، مۆتىل ئوتلاق، مۆتىدىل چۆللەشكەن ئوتلاق، ئېگىز تاغ ئوتلىقى، مۆتىدىل ئوتلاقلاشقان چۆللۈك ، مۆتىدىل چۆللۈك، ئېگىز تاغ چۆللۈكى، پەس تۈزلەڭ چىملىقى، تاغ چىملىقى، ئېگىز تاغ چىملىقى ۋە سازلىق چىملىقى قاتارلىقلار بار .يايلاق تۈرلىرىدىن يازلىق يايلاق، قىشلىق يايلاق ، ئەتىياز ۋە كۈزلۈك يايلاق ، قىشلىق، ئەتىياز كۈزلۈك يايلاق ۋە پۈتۈن يىللىق يايلاق قاتارلىقلار بار. لېكىن ئوتلاقلارنىڭ ماكان جەھەتتىكى جايلىشىشى ۋە پەسىللىك يايلاقلارنىڭ جايلىشىشى تەكشى بولماسلىقى، ئوتلاقلار تاغلاردا كۆپ ، سۈپىتى ياخشى بۇلۇش؛ تۈزلەڭلىكلەردە ئاز، سۈپىتى ناچار بۇلۇش؛ شىمالىي شىنجاڭدا كۆپ، سۈپىتى ياخشى بۇلۇش؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئاز، سۈپىتى ناچار بۇلۇش؛ يازلىق يايلاق نىسپەتەن يىتەرلىك، قىشلىق يايلاق كەمچىل بۇلۇش، ئوت–چۆپ ئىشلەپچىقىرىش يىللىق پەرقى ناھايىتى چوڭ بۇلۇش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سۈيى كەم ئوتلاق كۆلىمى ئومومىي ئوتلاق كۆلىمىنىڭ %38 نى ئىگىلەيدۇ.
شىنجاڭنىڭ ئورمان بايلىقى نىسپەتەن ئازراق، قاپلاش نىسپىتى ئاران %1.57 بۇلۇپ، ناھايىتى تۆۋەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جايلىشىشى تەكشى بولمىغانلىقتىن ، شىنجاڭ مەملىكىتىمىزدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە ئورمان بايلىقى بىر قەدەر كەمچىل جايلارنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭدا 1 مىليون 523 مىڭ 988 گېكتار چاتقاللىق بار.ئۇلار ئاساسەن شىمالىي شىنجاڭ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكى ۋە ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان.

شىنجاڭنىڭ ياۋايى ھايۋانات بايلىقىنىڭ تۈرى كۆپ ،رايون سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدىلىگى روشەن ، پۈتۈن شىنجاڭدا 137 تۈرلۈك ياۋايى ھايۋان بار بۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھايۋانات تۈرىنىڭ %30.4 نى ئىگىلەيدۇ؛ قۇشلار 398 خىل بۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى قۇشلارنىڭ %33.6 نى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە 43 خىل ئۆمۈلىگۈچى ھايۋان ، ئالتە خىل قوش ماكانلىق ھايۋان ۋە 50 خىلچە يەرلىك بېلىق بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە دۆلەتلىك بىرىنچى تۈردىكى نۇقتىلىق قوغدىلدىغان قىممەتلىك ھايۋانلاردىن شىنجاڭ يوغانباش بېلىقى، تۆت پەنجىلىك قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى، ئاق لەيلەك، قارا لەيلەك، سېرىق بۈركۈت قاتارلىق 28 خىلى بار. دۆلەتلىك ئككىنچى تۈردىكى نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋانلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىرىدىن ساقىيقۇش، ئاق قۇ، ئۇلاي ، قۇڭۇر ئېيىق، تايغان بۇغا،قاتارلىق 74 تۈرى بار. ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ئاساسەن، يېمەكلىك تۈرىدىكىلەرنى 96 خىلغا، يۇڭ، تېرە ۋە پەي–موم تۈرىدىكىلەرنى 114 خىلغا، دورىگەرلىكتە ئىشلىتىدىغانلىرىنى، 58 خىلغا، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق،چارۋىچىلىققا پايدىلىقلىرىنى 108 خىلغا، تاماشا قىلىش تىپىدىكى ۋە باشقا تىپتىكىلەرنى 172 خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ. نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ ياۋايى ئۆسۈملۈك بايلىقىنىڭ جايلىشىش كۆلىمى كەڭ، سۈپىتى ياخشى. يۈقىرىدا بايان قىلىنغان ئوتلاق بايلىقلىرىدىن سىرت، شىنجاڭنىڭ ياۋايى ھايۋاناتلار بايلىقىنىڭ سانى ئازىيىشقا قاراپ يۈزلەندى.

شىنجاڭنىڭ ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىنىڭ جايلىشىىش كۆلىمى كەڭ، سۈپىتى ياخشى. يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان ئوتلاق بايلىقىدىن سىرت، شىنجاڭنىڭ ھازىر مەلۇم بولغان دورا ئۆسۈملۈكلىرى 2014 خىل بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ياۋايىلىرىدىن 1451 خىلى ، مەسلەن ، چاكاندا، سوغىگۈل، چۈچۈك بۇيا، كەتىرا، ئەنجۈدان، توشقان زەدىكى، قار لەيلىسى، يەر مەدىكى، تاغدېنى ، پەربۇن، گېنتىئانا قاتارلىقلاردىن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە پايدىلاندى. 120 خىلدىن كۆپرەك دېھقانچىلىق دورا ئۆسۈملۈكلىرى بار. يىمەكلىك ئۆسۈملۈكلەردىن 130 خىل ياۋا مىۋە دەرىخى بار. مەسلەن ، ياۋا ئالما، ياۋا ئۆرۈك، ياۋا گىلاس، ياۋا ياڭاق ،كۆپ خىل ئازغان ۋە بۆلجۈگەن قاتارلىقلار . يەنە تېخى چوڭ تىپتىكى يىمەكلىك زومبۇرۇغلىرىدىن 200 خىل ، ۋىتامىنلىق ئۆسۈملۈكلەردىن 50 نەچچە خىل، مايلىق دان ئۆسۈملۈكلىرىدىن 100 خىلغا يېقىن ، ھەسەل مەنبەسى ئۆسۈملۈكلىرىدىن تەخمىنەن 500 خىلچە بار، ئۇنىڭدىن باشقا، مەنزىرە ئۆسۈملۈكلىرىدىن 100 خىلچە ، ئورمان دەرەخ تۈرلۈرىدىن 80 نەچچە خىلى بار. گېرمپلازما ئۆسۈملۈك بايلىقى ئىچىدە، ياۋا دانلىق زىرائەتلەرگە يېقىن تۈرلەردىن 87 خىل ياۋا مېۋىلىك دەرەخلەرگە يېقىن تۈرلەردىن 70 خىلى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، شورغا، قۇرغاقچىلىققا، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرغا چىداملىق گېرمپازما بايلىقى 100 خىل ئەتراپىغىچە بارىدۇ .مەملىكەت بويىچە پەقەت شىنجاڭدىلا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى ناھايىتى كۆپ .مەسلەن ئاق سۆكسۆك، بوز تېرەك ،قارلىق تاغ شەمشادى ،قۇلماق ۋە ياۋا ئالما قاتارلىقلار . شىنجاڭدا ئۆسۈملۈك بايلىقىنىڭ جايلىشىشى تەكشىسىز بۇلۇپ ، تۈزلەڭلىكلەرگە قارىغاندا تاغلىق رايونلاردا كۆپ، شىمالىي شىنجاڭدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكىدىن كۆپ.
‹‹ شىنجاڭ ئېنسىكلوپېدىيىسى ›› دىن ئېلىندى
|