باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>شىنجاڭنىڭ ئومومىي ئەھۋالى
يۇرۇقلۇق، ئىسىقلىق، تۇپراق بايلىقلىرى
2007- 07- 20 11:09 تەڭرىتاغ تورى

       شىنجاڭنىڭ يۇرۇقلۇق ، ئىسىقلىق بايلىقى مول بۇلۇپ ،ئۇ جۇڭگودىكى قۇياش رادىئاتسىيىسىنىڭ ئومومىي مىقدارى كۆپ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش پىرسەنتى يۇقىرى رايوندۇر . قۇياش رادىئاتسىيىسىنىڭ ئومومىي مىقدارى 5000~6600 مېگا جول/ كۋادرات مېتىر. يىل بۇلۇپ، چىڭخەي–شىزاڭ ئېگىزلىكىدىنلا كېيىن تۇرىدۇ. يىل بويى شىنجاڭغا يېتىپ كېلىدىغان قۇياش رادىئاتسىيىسى ئېنېرگىيىسى 108×3200 توننا ئەلا سۈپەتلىك كۆمۈردىن چىقىدىغان ئېنېرگىيىگە باراۋەر، فوتوسىنتېزلىق ئۈنۈملۈك رادىئاتسىيە جەنۇبىي شىنجاڭدا 2700×3100 مېگا جول/ كۋادرات مېتىر. يىل.  شىمالىي شىنجاڭدا 2500~2800 مېگا جول/ كۋادرات مېتىر.يىل.  يىللىق كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بۇلۇپ 2550~3500 سائەتكە يېتىدۇ.  ℃10 بولغان يىغىندى تېمپېراتۇرا شىمالدىن جەنۇبقىچە ℃2800~℃5400 قا بارىدۇ.تۇرپاندا ℃5500 قا يېتىدۇ. تېمپىراتۇرىنىڭ يىللىق ، سوتكىلىق ئۆزگىرىش پەرقى مەملىكىتىمىز ئىچىدە ئوخشاش كەڭلىكتىكى شەرقىي رايونلارنىڭكىدىن چوڭ . بىراق، ئىسىقلىق مىقدارى بىر قەدەر تۇراقسىز بۇلۇپ، يىللىق ئۆزگىرىش ۋە ئەتىياز، كۈز پەسىللىرىدىكى ئىسىسق–سوغۇقنىڭ ئۆزگىرىشى بىر قەدەر زور.

        شامال ئېنېرگىيىسى بايلىقى مول. يىللىق ئۈنۈملۈك شامال ئېنېرگىيىسى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 300~1500 كىلوۋات سائەت / كۋادرات مېتىر .يىل ئارلىقىدا بۇلۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يىللىق شامال ئېنېرگىيىسىنىڭ نەزەرىيىۋى زاپىسى 3تىرىلىيون كىلوۋات سائەت ئەتراپىدا بولىدۇ. داڭلىق ئالاتاۋ ئېغىزى ، داۋانچىڭ لاۋفىڭكۇ قاتارلىق رايونلاردىكى8بال≤ شامال چىقىدىغان كۈنلەر 100 كۈندىن ئاشىدۇ. بۇ رايونلار شامال ئېنېرگىيىسى زىچلىقىنىڭ قىممىتى يۇقىرى رايونلار ھېساپلىنىدۇ.

       شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقى مىقدارى زور ھەمدە بىر قەدەر مۇقىم .پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يېغىن ئومومىي مىقدارى 245 مىليارد 600 مىليون كۈپ مېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق رايونلاردىكى يېغىن مىقدارى 212 مىليارد كۇپ مېتىر بۇلۇپ ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى يېغىن مىقدارىنىڭ %86.3 نى ئىگىلەيدۇ.شىنجاڭ تەۋەلىكىدىكى مۇزلارنىڭ كۆلىمى 22 مىڭ 200 كۋادرات كىلومېتىر بۇلۇپ، مۇزلۇقلارنىڭ يىللىق ئېرىش مىقدارى 22 مىليارد 700 مىليون كۇپ مېتىرغا يېتىدۇ. دەريالار سىرغىمىنىڭ يىللىق ئومومىي مىقدارى 88 مىليارد 250 مىليون كۇپ مېتىر ، دۆلەت ئىچىدە ھاسىل بۇلغان ئېقىن مىقدارى 79 مىليارد 400 مىليون كۇپ مېتىر بۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە 12– ئورۇندا تۇرىدۇ . كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە توغرا كېلىدىغان سۇ بايلىقى مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرىچە قىممىتىنىڭ 2.2 ھەسسىسىگە تەڭ بۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە 4– ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ بىرلىك مەيدانىغا توغرا كېلىدىغان سۇ بايلىقى ناھايىتى ئاز بولغانلىقتىن، شىنجاڭ قۇرغاق رايون ھېساپلىنىدۇ. ھالبۇكى سۇ بايلىقىنىڭ زامان ۋە ماكاندىكى تارقىلىشى تەكشى بولمىغانلىقتىن ، پايدىلىنىش نىسپىتى تۆۋەن. كۆپ ساندىكى دەريا ئېقىنلىرىنىڭ بىر يىل ئىچىدىكى ئۆزگىرىشى ناھايىتى زور، ئەمما يىللار ئارا ئۆزگىرىشى نىسپەتەن مۇقىم بۇلۇپ، مول سۇلۇق يىل بىلەن سېلىك سۇ يىلىنىڭ نىسپىتى 5:1، تۈزلەڭ رايونلارنىڭ يەر ئاستى سۇ يۇشۇرۇن كۈچى 6 مىليارد 300 مىليون كۇپ مېتىردىن 19 مىليارد كۇپ مېتىرغىچە بارىدۇ. 1997–يىلى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ،سانائەت، شەھەر–بازار ئاھالىسى ۋە يېزىلارنىڭ تۇرمۇشى قاتارلىق ھەر قايسى جەھەتلەردە ئىشلىتىگەن سۇنىڭ ئومومىي مىقدارى 43 مىليارد 300 مىليون كۇپ مېتىر بولدى. ئېكولوگىيىلىك سۇ ئىشلىتىش ئامىلىنى چىقىرىۋېتىپ، ئىغار سۇ تېجەش تېخنىكىلىرى ۋە تەدبىرلىرىنىڭ كېڭىيىشىنى نەزەرگە ئالغاندا ، كەلگۈسىدىكى شىنجاڭ سۇ بايلىقىنىڭ يەنىلا ئاچقۇدەك يۇشۇرۇن كۈچى بار.

      شىنجاڭنىڭ ئومومىي يەر مەيدانى پۈتۈن مەملىكەت زېمىنىنىڭ 6 / 1 نى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر تىپلىرى مۇرەككەپ ، كۆپ خىل . پۈتۈن شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان يەر مەيدانى 63 مىليون 400 مىڭ گېكتار بۇلۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئومومىي يەر مەيدانىنىڭ %38.1 نى ئىگىلەيدۇ. ئاساسلىق تېرىلغۇ يەردىن 4مىليون 91مىڭ 800 گېكتار، باغ–ۋاران يەرلىرىدىن 168 مىڭ 200 گېكتار، ئورمانلىق 6 مىليون 566 مىڭ گېكتار ، يايلاق 51 مىليون 397 مىڭ 700 گېكتار، سۇ ئىگىلىگەن يەرلەردىن 1 مىليون 175 مىڭ 700 گېكتار بار. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يەرلەر (شەھەر– يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق جايى ۋە زاۋۇت–كانلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن يەرلەر، قاتناش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن يەرلەر ۋە سۇ ئىنشائاتى مۇئەسسەسەلىرى ئۈچۈن ئشلىتىلگەن يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن  1مىليون  154 مىڭ گېكتار بار. نۆۋەتتە يەنە1 مىليون 927 مىڭ گېكتار بوز يەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئېچىشقا بولىدىغان ، دېھقانچىلىققا مۇۋاپىق كېلىدىغان زاپاس يەر بايلىقىدىن 8 مىليون 837 مىڭ گېكتار بار ،دېھقانچىلىققا مۇۋاپىق كېلىدىغان زاپاس يەر بايلىقى ئىچىدە بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىلىك يەرلەر %76 نى ئىگىلەيدۇ.

  ‹‹ شىنجاڭ ئېنسىكلوپېدىيىسى ›› دىن ئېلىندى              

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ