|
تەبئىي بايلىقلار— شىنجاڭنىڭ تەبئىي بايلىقى مول، مەيلى كىلىمات، قېزىلما بايلىق ، سۇ رايى ، تۇپراق ، يايلاق ، ياۋايى ھايۋانات ، ئۆسۈملۈك ساياھەت بايلىقى جەھەتتىن بولسۇن ،ھەممىسى ئىچىكى قۇرۇقلۇقتىكى قۇرغاق رايون ئالاھىدىلىگە ئىگە ۋە غەربىي رايونغا خاس تەبئىي شارائىت ۋە ئۆرپ–ئادەت ئالاھىدىلىگە ئىگە .بۇلار جۇڭگونىڭ غەربىي رايوننى ئېچىشتا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ .بۇ قىممەتلىك بايلىقلارنى مۇۋاپىق ئېچىش ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ پايدىلىنىش شىنجاڭنىڭ ئىمكانىيەتلىك تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
1.قېزىلما بايلىقلىرى مول

شىنجاڭدا مول كان بايلىقلىرى كۈمۈلۈپ ياتماقتا .1995–يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بايقالغان كان تۈرى 138 خىل بۇلۇپ ،پۈيۈن مەملىكەتتىكى 168 خىل كان تۈرىنىڭ %82 نى ئىگىلىىدى، كان چىقىدىغان جايلار 4000 ئورۇندىن كۆپرەك بۇلۇپ ،مەملىكىتىمىزدىكى ئۆلكە ، ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە كان تۈرى ئەڭ كۆپ جاي بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ. 138 خىل كان تۈرى ئىچىدە 117 تۈرىنىڭ زاپىسى ئېنىقلاندى ، بۇنىڭ ئىچىدە 42 كان تۈرىنىڭ زاپىسى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى 10–ئورۇندا ، 24 كان تۈرىنىڭ زاپىسى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى 5–ئورۇندا تۇرىدۇ ، ئاق چىرىمتال ، بېرىلىي ، ناترىيلىق سېلتىرا، سېغىز توپا ، سېرپېنتىن ،ۋېرمىكۇتىت، دالا شىپاتى قاتارلىق يەتتە خىل قېزىلما بايلىق مەملىكەت بويىچە 1–ئورۇندا تۇرىدۇ . كالىيلىق سېلتىرا، ناترىيلىق سېلتىرا سوپۇن تاشلار مەملىكەت بويىچە پەقەت شىنجاڭدىلا چىقىدۇ .يەنە 13 خىل كېننىڭ ئېنىقلانغان زاپىسى غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. نۆۋەتتە تېپىلغان ئېنىرگىيە ، قارا مېتال ، رەڭلىك مېتال ، سىرەك مېتال قاتارلىق چوڭ تۈردىكى قېزىلما بايلىقىلار ئىچىدە 68 خىلى ، بۇلۇپمۇ نېفىت، تەبئىي گاز ، كۆمۈر ، تۆمۈر ، مىس نېكىل ، ئالتۇن قاتارلىق كانلار ئېچىپ پايدىلىنىپ ، شىنجاڭ ئىقتىسادىي تەرەقىياتىنىڭ تۆۋرۈك كەسپىگە ياكى مۇھىم تارمىقىغا ئايلاندى.

ئېنىرگىيە قېزىلما بايلىقلىرىدىن نېفىت ، تەبئىي گاز ئەڭ مول ، نېفىت ، تەبئىي گاز مەركەزلىك ھالدا تارىم ، جۇڭغار ، تۇرپان– قۇمۇلدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئويمانلىق ۋە ئىلى ، قارا شەھەر ، باي ، سەنتاڭخۇ قاتارلىق ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى ئويمانلىقلاردىن چىقىدۇ . بۇ ئويمانلىقلار نېفىت ساقلانغان ياخشى تۈزۈلمىگە ئىگە بۇلۇپلا قالماستىن ، بەلكى زاپاس مىقدارى مول ، نېفىت تەبىئىي گازنىڭ تۈرلىرى تۇلۇق ، ماي سۈپىتى ياخشى بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىگە ئىگە. 1996–يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭدا ، جەمئىي 50 نەچچە نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىق تېپىلدى ، يەر يۈزىدىكى 250 تىن كۆپرەك ئورۇندا نېفىت –گاز ئالامىتى كۆرۈلدى ، ئۇ جايلاردىكى نېفىت گاز–بايلىقلىرىنىڭ مىقدارى 108 ×300 توننا بۇلۇپ ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نېفىت–گاز بايلىقىنىڭ 4/1 قىسمىنى ئىگەللەيدۇ، 1997–يىلى ئۇنىڭغا يەنە 127 مىليون توننا نېفىت ، 36 مىليارد 15 مىليون كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسى يېڭىدىن قوشۇلدى . 1999–يىلى ئۈچ چوڭ ئويمانلىقتىكى نېفىت– گاز چارلاش خىزمىتىدە ئارقا– ئارقىدىن غايەت زور يېڭى بايقاشلار قولغا كەلتۈرۈلدى . جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك گېئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ، شىنجاڭدا 10 تىرليون 470 مىليارد كۇپ مېتىر تەبئىي گاز ساقلانغانلىقى ، بۇنىڭ پۈتۈن مەملىكىتىمىز قۇرۇقلىقىدىكى تەبىئىي گاز ئومومى مىقدارىنىڭ %34 نى ئىگەللەيدىغانلىقىنى ھېساپلاپ چىقتى . يەنە تېخى زاپىسى مول ، كۆمۈلمە قەۋىتى نېپىز ، بىرلىك مەھسۇلاتى يۇقىرى بولغان قۇيۇق نېفىت بايلىقى بايقالدى . شىنجاڭ جۇڭگونىڭ 21– ئەسىردە نېفىت– گازنى ئېچىشتىكى زاپاس ئىستىراتىگىيىلىك بازىسىغا ئايلاندى .
كۆمۈر بايلىقى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالىغا ئومۇميۈزلىك تارقالغان . پۈتۈن شىنجاڭدا ھازىر 66 ناھىيە (شەھەر) دىن كۆمۈر چىقىدۇ. 1995–يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ، جەمئىي 190 نەچچە ئورۇندىن كۆمۈر چىقىدىغانلىقى ئېنىقلاندى. بۇلاردىن157 ئورۇندىكىسى چارلاپ كۆرۈلۈپ ، 33 ئورۇندا زاپىسى 100 مىليون توننىدىن ئاشىدىغان كۆمۇر كان بارلىقى سېزىلدى. مۆلچەرلەنگەن ئومومىي بايلىق مىقدارى 2 تىرلىيون 190 مىليارد توننا بۇلدى . ئىشەنچىلىك مۆلچەردىكى بايلىق مىقدارى 630 مىليارد 260 مىليون توننا بۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئومومى كۆمۈر بايلىقى مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 3/1 قىسمىنى ئىگەللەپ، مەملىكەت بويىچە 1–ئورۇندا تۇرىدۇ.

شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىنلار « ئالتۇن ، قاشتاش ماكانى » دېگەن گۈزەل نامى بار. گۆھەر ۋە قاشتاش كانلىرى شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىككە ئىگە كان تۈرلىرىنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. بۇلۇپمۇ خوتەن قاشتېشى ،ئالتاي كۆك گۆھىرى ئىنتايىن مەشھۇر . 1985–يىلىغىچە پۈتۈن شىنجاڭدا جەمئىي 13 تۈردىكى 36 خىل گۆھەر كېنى، 20 نەچچە خىل قاشتاش كېنى بايقالدى، ئۇلار ئاساسەن ئالتاي تېغى، تەڭرىتاغ ۋە كوئېنلۇن–ئالتۇنتاغ قاتارلىق رايونلارغا جايلاشقان،. خوتەن قاشتېشى سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى، تەركىبنىڭ ساپلىقى ، رەڭ تۈرىنىڭ كۆپلۈكى، قاتتىقلىقى، گۈزەللىكى بىلەن دۇنياغا داڭلىق.
‹‹ شىنجاڭ ئېنسىكلوپېدىيىسى ›› دىن ئېلىندى
|