|
خەنزۇ مىللىتى — جۇڭگودىكى ئاساسلىق مىللەت . ئۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى شىيا ،شىياڭ ،جۇ ،چىن ،قاتارلىق ئاھالە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئۈزلۈكسىز قوشۇلۇشى ئارقىلىق خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە شەكىللەنگەن خەلىقنىڭ نامى. 2000–يىلى شىنجاڭدىكى خەنزۇلارنىڭ ئومومى نوپۇسى 7مىليون 23مىڭ 900 گە يەتكەن .ئۇلار شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان بۇلۇپ ،%75 تىن كۆپرەكى تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا ئورۇنلاشقان .خەنزۇ تىلى خەنزۇ–زاڭزۇ تىل سستېمىسىنىڭ خەنزۇ تىلى تۈركۈمىگە مەنسۈپ. خەنزۇلار خەنزۇ يېزىقىنى قوللىنىدۇ. شىنجاڭدىكى خەنزۇلارنىڭ ئېغىز تىلىدا ئۆزىگە خاس فونىتىكىلىق ،گىراماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلەر بولغاندىن باشقا ،يەنە باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلدىن قۇبۇل قىلىنغان بىر قىسىم سۆزلەرمۇ بار .شىنجاڭدىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان بىر قىسىم خەنزۇلار ئۇيغۈر ،قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىدا سۆزلىيەلەيدۇ.
خەنزۇ مىللىتى شىنجاڭ رايونىدا ئەڭ بۇرۇن ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەرنىڭ بىرى .ئەڭ قەدىمكى دەۋىردىكى خەنزۇلارنىڭ ئەجدادى غەربىي يۇرتتىكى ھەر قايسى قۇۋملەر بىلەن باردى–كەلدى قىلغان .ئالايلۇق ،خەن ۋۇدى دەۋرىدە جاڭ چىيەن غەربىي يۇرتقا ئىككى قېتىم ئەلچىلىككە كېلىپ قايتقاندىن كېيىن ،خانلىق غەربىي يۇرتتا چوڭ كۆلەملىك تېرىقچىلىقنى باشلىغان .مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 60–يىللاردا ،غەربىي يۇرت قورۇقچىلىق مەھكىمىسى قۇرۇلغاندىن ئېتىبارەن قوغداش ،تېرىقچىلىق قىلىش ،سودا قىلىش ۋە ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدىن پاناھلىنىش ئۈچۈن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىغا كېلىدىغان كۆچمەن خەزۇلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىگەن .جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىسىدىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىگىچە تۇرپان ئويمانلىقىدا كۇ جەمەتى ھۆكۈمرانلىقىدىكى قۇچۇ جانلىقى قۇرۇلغان .تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە تۇرپان ئويمانلىقى ،قۇمۇل تۈزلەڭلىكى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا ئولتۇراقلاشقان خەنزۇ ئاھالە كۆپ بۇلۇپ ،بۇ يەرنىڭ مەمۇرىي ئايرىمىسىدا ئىچكىرىدىكى جايلارغا ئوخشاش ‹‹ئايماق، ناھىيە، يېزا، كەنىت›› تۈزۈمى قوللىنىلغان. چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئەسكەرلەرنى قىسقارتىپ ،ئۇلارغا يەر بۈلۈپ بېرش، جىنايەتچىلەرنى ئەۋەتىپ بوز يەر ئاچقۇزۇش، ئاھالە كۆچۈرۈپ چىگرانى قوغداش، سودا–سېتىقنى رىغبەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرىنى يولغا قويغاچقا، خەنزۇ ئاھالىلىرى تۈركۈملەپ غەربىي قىسىمغا كۆچۈپ كېلىپ شىنجاڭدا ئولتۇراقلاشقان. مىڭگۇ يىللىرىدا نۇرغۇنلىغان خەنزۇلار شىنجاڭغا كېلىپ سودا بىلەن شوغۇللانغان، گەنسۇ، شەنشى، خېبېي قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى ئاھالىلەرمۇ شىنجاڭغا كېلىپ تېرىقچىلىق قىلىپ، شىنجاڭدىكى خەنزۇلارنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان. جۇڭخوا خەلىق جۇمھۇريىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى خەنزۇلارنىڭ سانى تېز ئاشتى. مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تۈركۈمدىكى كەسىپ ئالماشتۇرغان ھەربىيلەر، زىيالىي ياشلار، دېھقانلار، كادىرلار، پەن–تېخنىكا خادىملىرى ۋە سودا–سېتىق بىلەن شوغۇللىندىغان خادىملار ئارقا–ئارقىدىن شىنجاڭغا كېلىپ چىگرا رايوننىڭ قۇرلىشىغا ياردەم بىرىپ، ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى، مەدەنىيىتىنىڭ تەرەقىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشتى.
شىنجاڭدىكى خەنزۇلارنىڭ كەسپىي جەھەتتىن تارقىلىشى كەڭ، ئىقتىسادىي پائالىيىتى كۆپ خىل. ئۆرىپ–ئادەت جەھەتتە ئۇلار ئومومەن ئەسلى يۇرتنىڭ ئالاھىدىلىگنى ساقلىغان، شۇنداقلار يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرىپ–ئادەتلىرىنىڭمۇ تەسىرىگىمۇ چوڭقۇر ئۇچرىغان. ئاياللار شىم–چاپان كىيىشنى ياقتۇرىدۇ. تاماقتا ئۇن تامىقى ئاساس، گۈرۈچ تامىقى قوشۇمچە بۇلۇپ، نان، پولۇ، سۈت، قوي گۈشى، قاتارلىقلارنىمۇ ياقتۇرۇپ يەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بايرىمى باھار بايرىمىدۇر.
|