|

باي ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىم (60كىلومېتىر يىراقلىقتا) كېسەللەرگە شىپا بولىدىغان بىر تەبىئىي داۋالاش ئورنى بار. بۇ مەشھۇر سەيلىگاھ — تېرەك ئىسسىق سۇ ئارىشىڭىدۇر. ئەقىل – پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىز خېلى زامانلار ئىلگىرىلا تېرەك ئىسسىق سۇ ئارىشىڭىنىڭ كېسەل داۋالاشتىكى ئالاھىدە رولىنى بايقىغان ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلانغان.

20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى باي ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ، تېرەك ئىسسىق سۇ ئارىشىڭىنى ئىلمىي تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ باي ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىكى تېرەك كۆمۈرلۈكىدە تەبىئىي شەكىللەنگەن ئىسسىقلىق مەنبەسى ئىكەنلىكىنى، بۇلاقتىن چىققان ئىسسىق سۇنىڭ تەركىبىدە گۈڭگۈرت، زەمچە، فوسفور قاتارلىق مىنېرال ماددىلارنىڭ بارلىقىنى، بۇلارنىڭ تېرە كېسەللىرى، رېماتىزم، يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىرىگە شىپا بولىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈپ، بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
تېرەك ئىسسىق سۇ ئارىشىڭىدا ئون نەچچە كۆز بۇلاق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىگەن ئورنى ئىككى كۋادرات كېلومىتىر كېلىدۇ. كۈندىلىك چىقىدىغان سۇ مىقدارى 691توننا، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى قىش – ياز 65سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ. 2000-يىلى باي ناھىيىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ يەردە تېرەك ئىسسىق سۇ ئارىشىڭى ئارامگاھىنى قۇرۇپ، بۇلاق سۈيىنى تۇرۇبا ئارقىلىق يۇيۇنۇش كۆلچەكلىرى، ئايرىمخانا ۋە ياتاقلارغا يەتكۈزگەن. شۇڭا بۇ يەرگە ھەر قانداق چاغدا كېلىپ داۋالانغىلى بولىدۇ. مۇز تاغ باغرىدىكى گۈزەل مەنزىرە، ساپ ھاۋا، سۈپسۈزۈك ئاسمان، شاۋقۇن سېلىپ ئېقىۋاتقان تاغ سۈيى... سىزگە ھۇزۇر ۋە راھەت بېغىشلايدۇ. تېرەك ئىسسىق سۇ ئارىشىڭىغا بارىدىغان يوللار ئاسفالتلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، بۇ يەرگە كۈندە ئاپتوبۇس قاتنايدۇ.

|