باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
مۇڭغۇل مىللىتى
2007- 06- 02 14:57 تەڭرىتاغ تورى

       شىنجاڭدىكى مۇڭغۇللار ئاساسلىقى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئېتەكلىرىدىكى چارۋىچىلىق رايونلىرىغا تارقالغان .ئومومىي نوپۇسى 175 مىڭ  (2006–يىلدىكى مەلۇمات )،مۇڭغۇل تىلى ئالتاي تىلى سىستېمىسىدىكى مۇڭغۇل تىلى ئائىلىسىگە مەنسۈپ .شىنجاڭدىكى مۇڭغۇلار مۇڭغۇل تىلىنىڭ ئويرات شىۋىسىدە سۆزلىشىدۇ .بۇرۇن ‹‹تودو››مۇڭغۇل يېزىقىنى ئىشلىتەتتى .ھازىر ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى مۇڭغۇللارغا ئوخشاش خۇدۇم مۇڭغۇل يېزىقىنى قوللىنىدۇ .مۇڭغۇللار لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ .ئاساسەن چارۋىچىلىق بىلەن ،قىسمەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كىگىز ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ .ھازىر ئاستا–ئاستا كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنمەكتە.

      مۇڭغۇللار يېمەك –ئىچمەك جەھەتتە چارۋىچىلىق تۇرمۇشىغا خاس بولغان گۆش –ماي ،سۈت –قايماق قاتارلىق تائاملارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىدۇ .بىلىنى يېشىل پوتا بىلەن باغلىۋالىدۇ .مۇڭغۇللار مېھماننى  ناھايىتى  قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ .مۇڭغۇللارنىڭ  ئەڭ چوڭ  بايرىمى –چاغاننى ھەمىشە بىر قانچە كۈن خۇشال –خورام تەبرىكلەيدۇ .ئۇندىن باشقا ،ئۇلار يەنە چوڭراق بايراملاردىن ‹‹نادام ››يىغىلىشىنى ئۆتكۈزىدۇ .مۇڭغۇللارنىڭ قەھرىمانلىق ئېپوسى ‹‹جاڭغىر ››ئېلىمىزدىكى ئۈچ چوڭ  ئېپوسىنىڭ بىرىدۇر .

 

( مۇھەررىر : مامۇتجان )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ