باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
قىرغىز مىللىتى
2007- 06- 02 14:26 تەڭرىتاغ تورى

      شىنجاڭدىكى قىرغىزلار ئاساسلىقى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئولتۇراقلاشقان .ئاز بىر قىسىم يەنە ئۇچتۇرپان ،ئونسۇ ،گۇما ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى تېكەس قاتارلىق جايلارغا تارقالغان .نوپۇسى 176مىڭ (2006–يىلىدىكى مەلۇمات ).قىرغىز تىلى ئالتاي تىلى سىستېمىسى تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە كىرىدۇ .قىرغىزلار ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى قىرغىز يېزىقىنى قوللىنىدۇ .قىرغىزلارنىڭ ئەجدادلىرى يىراق  قەدىمكى زاماندا جۇڭگونىڭ شىمالىدا ياشىغان يېنىسەي قىرغىزلىرىغا بېرىپ تاقىلىدۇ .

       قىرغىزلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .يازدا كىگىز ئۆيلەردە ،قىشتا كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ .گۆش –ماي ،سۈت –قايماقنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلىدۇ .قىرغىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرى ئىنتايىن نەپىس ،ئەرلىرى كىگىز قالپاق ،كانۋاي كۆينەك كىيىدۇ .ئاياللىرى كۈمۈش تۈگمىلىك پەلتونى ياخشى كۆرىدۇ .بېشىغا ئاق رومال  ئارتىدۇ .قىرغىزلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ .مېھماننى ئەتىۋارلايدۇ .12 مۆچەلنى قوللىنىدۇ .ھېيىت –بايراملاردا ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ .قىرغىزلار ناخشا –ئۇسسۇلغا ۋە قوشاق –بېيىتكە ئۇستا .ئۇلارنىڭ ‹‹ماناس ››ئېپوسى ئېلىمىزدىكى ‹‹ئۈچ گۆھەر ››نىڭ بىرى سۈپىتىدە دۇنياغا مەشھۇر .

 

( مۇھەررىر : مامۇتجان )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ