باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ
خۇيزۇ مىللىتى
2007- 06- 02 14:07 تەڭرىتاغ تورى

       شىنجاڭدا 910 مىڭ (2006–يىلىدىكى مەلۇمات ) خۇيزۇ بار بولۇپ ،ئۇلار ئاساسەن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ،ئۈرۇمچى ،غۇلجا ،يەنجى قاتارلىق جايلارغا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان .

       خۇيزۇ  دېگەن سۆز مۇسۇلمان مىللەتلىرىنىڭ خەنزۇچە قىسقارتىلىپ ئاتىلىشىدىن كېلىپ چىققان .خۇيزۇلارنىڭ مەنبەسىنى مىلادىيە 7–ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ .شىنجاڭدىكى خۇيزۇلار يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى شىنجاڭدا تېرىقچىلىق ،باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىرىدىن باشقا ،چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىچكى ئۆلكىلەردىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ كېلىنگەنلەردۇر .

       خۇيزۇلار خەنزۇ تىل –يېزىقىنى  قوللىنىدۇ .ئۇلارنىڭ يېزىدىكىلىرى دېھقانچىلىق  بىلەن،شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقانلىرى يېمەك –ئىچمەك ۋە ئۇششاق تىجارەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .كىيىم –كېچەك جەھەتتە خەنزۇلار بىلەن  ئوخشاپ كېتىدۇ ،ئەمما ياشانغانلىرى بېشىغا ئاق بۆك كىيىدۇ .يېمەك –ئىمەك ،نىكاھ،،ئۆلۈم ئۇزىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە –قانۇنلىرى بويىچە ئىش كۆرىدۇ .خۇيزۇلار قۇربان ھېيىتنى كىچىك ھېيىت ،روزا ھېيىتنى چوڭ ھېيىت دەپ قارايدۇ .

      خۇيزۇلار بالا تۇغۇلغاندا بالىنىڭ خاس ئىسىمىدىن باشقا ،يەنە ئەرەبچە دىنىي ئىسىم قويىدۇ .ئوغۇل بالا 7 ياشقا كىرگەندە خەتنە قىلىدۇ .قىز بالا قۇلىقى  تېشىلىپ ،قۇلىقىغا ھالقا ئېسىپ قويۇلىدۇ .

( مۇھەررىر : مامۇتجان )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ