|
قازاق مىللىتى — ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەت .شىنجاڭدىكى قازاقلار ئاساسەن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ،بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى ،مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسىدە ئولتۇراقلاشقان .ئۇندىن باشقا سانجى ،بورتالا ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق رايونلارغىمۇ تارقالغان .2006–يىلىدىكى نوپۇس ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا ،قازاقلار 1مىليون435 مىڭ 900 ، قازاق تىلى ئالتاي تىلى سىستېمىسىدىكى تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە كىرىدۇ .ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى قازاقلار ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى قازاق يېزىقىنى قوللىنىدۇ .
قازاقلارنىڭ تارىخىي يىلتىزى تارىختىكى ئۇسۇن ،كانجۇت قاتارلىق قوۋملارغا بېرىپ تاقىلىدۇ .ئۇلار تارىختىن بۇيان كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن .18–ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قازاقلار جۇڭغارلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ،ئۆز جايلىرىدىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان .چىڭ خاندانلىقى جۇڭغارلارنى تىنجىتقاندىن كېيىن ،قازاقلار ئۆز جايلىرىغا كۆچۇپ كېلىپ ،ئىلى ،ئالتاي ،تارباغاتايلاردا ئولتۇراقلاشقان . 1949–يىلى شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن كېيىن ،شىنجاڭدىكى قازاقلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلدى .1954–يىلى 7–ئاينىڭ 17–كۇنى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى ،9 –ئاينىڭ 30 – كۈنى بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى ،11–ئاينىڭ 27–كۇنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلدى.
قازاقلارنىڭ دەپنە مۇراسىمى ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ .يەتتىسى ،قىرقى ۋە يىلى مال سويۇلۇپ ،نەزىر قىلىنىپ ،مەرھۇمنىڭ روھىغا دۇئا قىلىنىدۇ .قازاقلار قىزغىن ،مېھماندوست كېلىدۇ .مېھماننى قوي سويۇپ كۈتۈۋالىدۇ .قوينىڭ بېشىنى مېھماننىڭ ئالدىغا قويۇپ ،ئالدى بىلەن ئېغىز تېگىشكە تەكلىپ قىلىدۇ .
قازاقلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ .قۇربان ھېيىت ،روزا ھېيىت ۋە نەۋرۇز ئۆتكۈزىدۇ .بايرام كۇنلىرى ئوغلاق تارتىشىش،ئات بەيگىسى ۋە ‹‹قىز قوۋار ››قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ .قازاقلاردا مول مەزمۇنلۇق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بارلىققا كەلگەن بولۇپ ،جىر –قوشاق ئېيتىشىش ئەنئەنىگە ئايلانغان .ئاقىنلار يىغىلىشى ناھايىتى قىزىپ كېتىدۇ ،قازاقلارنىڭ مۇزىكا –ئۇسسۇللىرى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپلا قالماستىن ،بەلكى ئىنتايىن كەڭ ئاممىۋىلىققا ئىگە .دۇمبۇرا قازاق خەلقى ياخشى كۆرىدىغان چالغۇ ئەسۋاپتۇر .
|