|

ھايۋانات ۋە ئۆسۇملۇك بايلىقى —شىنجاڭدا نەسىللىك كالا ،قوي ،ئات ،تۆگە قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىدىن باشقا 699خىل ياۋايى ھايۋان بار ،بۇنىڭ ئىچىدە بېلىق 85خىل ،قوش ماكانلىق ھايۋانلار 7خىل،ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار 45خىل ، قۇشلار 425 خىل ،يىرتقۇچ ھايۋانلار 137 خىل .يەنە قاڭشارلىق بۆكەن ،ياۋا تۆگە ،قۇلان ،تۆت پەنجىلىك قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى ،قۇندۇز ،يىلپىز ،ئاق لەيلەك ،ئاق يەلكىلىك بۇركۇت ،ئاققۇ قاتارلىقلار بار .قۇش خىللىرى دۆلىتىمىزدىكى قۇش خىللىرىنىڭ%35.8 ىنى ،سۇت ئەمگۈچى ھايۋانلار خىللىرىنىڭ %33 ىنى ،ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار خىللىرى دۆلىتىمىزدىكى ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار خىللىرىنىڭ %14.2 ىنى ئىگىلەيدۇ . تەكشۇرۇپ ئېنىقلانغان ياۋا ئۆسۇملۇكلەر ئازكەم 4000 خىلغا يېتىدۇ ،بۇنىڭ ئىچىدە لوپنۇر كەندىرى ،كاۋچۇك ئوت ،ھىڭ ،سوغىگۇل ،ئالغات ،چۈچۈكبۇيا،قار لەيلىسى قاتارلىق ئىقتىسادىي ۋە دورىلىق قىممىتى بارلىرى 1000 خىلدىن ئاشىدۇ.

|