باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>شىنجاڭنىڭ ئومومىي ئەھۋالى
سۇ ۋە ئېنېرگىيە بايلىقى
2007- 05- 27 13:38 تەڭرىتاغ تورى

  

       سۇ ۋە ئېنېرگىيە بايلىقى — شىنجاڭنىڭ تاغلىقلىرىدا  مۇزلۇقلار  يېتىلگەن ،دەريا –ئېقىنلار گىرەلىشىپ كەتكەن ،تاغ بۇلاقلىرى ،كۆللەر ھەممە يەرگە تارقالغان ،سۇ بايلىقى تۇراقلىق  ،تېرىقچىلىق ،چارۋىچىلىق ،ئورمانچىلىقنى تەرققىي  قىلدۇرۇشتا ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە .سۇغىرىلىدىغان يەر كۆلىمىنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ .ئاپتونوم رايون بويىچە ئومومىي سۇ بايلىقى 85مىليارد 540مىليون كۇب مېتىرغا ،يەر ئۈستى بايلىقى80مىليارد 920مىليون كۇب مېتىرغا ،يەر ئاستى سۈينىڭ مىقدارى 50مىليارد 260 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ . شىنجاڭنىڭ كۆمۇر ،نېفىت ،تەبىئىي گاز زاپىسى مول ،قۇياش ئېنېرگىيىسى ،يەر ئىسسىقلىقى  ،شامال ئېنېرگىيىسى قاتارلىق بايلىق مەنبەلىرى يېتەرلىك بولۇپ ،مەملىكەت بويىچە كۇن نۇرى ئەڭ كۆپ چۈشىدىغان ئۆلكە –ئاپتونوم رايونلارنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ .ئاپتونوم رايون بويىچە كۇن نۇرىنىڭ يىللىق چۇشۇش ۋاقتى ئوتتۇرىچە 2600–3400سائەتكە يېتىدۇ ،قۇياش ئېنىرگىيىسىنىڭ يىللىق رادىئاتسىيە مىقدارى ھەر كۋادىرات مېتىرغا 5000  مېگا جوئولدىن 6490 مېگا جوئولغىچە توغرا كېلىدۇ.ئادەتتىكى رايونلاردا يىغىندى تېمپېراتۇرا ℃3000–℃4000 قىچە بولىدۇ،بۇ ℃10 يىغىندى تېمپېراتۇرىغا تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن يوقىرى ،جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ℃4000 تىن يوقىرى ،تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ℃4500 –℃5390 قىچە ،شىمالىي شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغىچە ℃2500 –℃3600 قىچە بولىدۇ .تاغ ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى ئېنېرگىيىسى  بايلىقى ئەڭ مول ،يىللىق ئوتتۇرىچە ئۈنۈملۈك شامال ئېنېرگىيىسى 10مىڭ 800مېگا جوئول/كۋادىرات مېتىر .

 

 

 

 

( مۇھەررىر : قةيسةر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ