|
(تەڭرىتاغ تورى )

بايىغولىن مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى شىنجاڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان،يەر كۆلىمى 480مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر .ئاساسلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن باغراش كۆلى ساياھەت مەنزىرە رايونى ،بايىنبۇلاق يايلىقى ،تارىم توغراقلىق مەنزىرە رايونى ،ئاققۇ كۆلى ،ئالتۇن ساھىل ،قۇملۇق تاشيولى،كىرورەن قەدىمىي شەھىرى ،جەنۇبىي لوپنۇر قەدىمىي شەھىرى خارابىسى ،مىرەن خارابىسى ،لوپنۇرلۇقلار كەنتى قاتارلىقلار بار .كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغ ۋە ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلىماتىغا كىرىدۇ .نوپۇسى 1مىليون 170مىڭ 800(ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 492مىڭ 300)،يېزا نوپۇسى 587مىڭ 900؛ئوبلاست بويىچە 246مىڭ 900گېكتار تېرىلغۇ يەر بولۇپ ،66مىڭ 600 گېكتار يەرگە ئاشلىق زىرائىتى ،180مىڭ 200 گېكتار يەرگە ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىلدى.داڭلىق يەرلىك مەھسۇلاتلاردىن كورلا نەشپۇتى ،بۈگۈر ئۆرۈكى ،كىرورەن چىلىنى ،سەنخەي قوغۇنى بار .
|