باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>گۈزەل شىنجاڭ>>شىنجاڭدىكى ئەڭ
جۇڭگودا ياز پەسلى ئەڭ ئىسسىق جاي
2007- 05- 04 12:24 تەڭرىتاغ تورى

 (تەڭرىتاغ تورى  )

 

         شىنجاڭدىكى تۇرپان ئويمانلىقىغا جايلاشقان تۇرپاننىڭ  بۇرۇندىنلا ‹‹ئوت يۇرتى ››دىگەن نامى بار .1962–يىلى 7–ئاينىڭ 25–كۇنى يەر يۈزىنىڭ ئەڭ يوقىرى تېمپېراتورىسى℃ 76.6 قا يەتكەن .تۇرپان  قەدىمدىن تارتىپلا يىپەك يولىدىكى مۇھىم شەھەر بولۇپ ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ، تۇرپاننىڭ تارىخى ئۇزۇن ، ئاجايىپ گۈزەل جاي بولۇپ، شەرقىي ۋە غەربىي  خەن سۇلالىسىدىن بۇيان ، مەملىكىتىمىز غەربىدىكى رايونلارنىڭ سىياسىي ،ئىقتىساد ،مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن ، ئۇ يىپەك يولىدىكى مۇھىم سىتراتېگىيىلىك جاي . تۇرپان 1984 –يىلى 12–ئايدا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن  شەھەر بولۇپ قۇرۇلدى . پۇتۇن شەھەرنىڭ ئومومىي يەر كۆلىمى 15738 كۇۋادىرات كىلومېتىر  بولۇپ ئۇيغۇر ،خەنزۇ ،خۇيزۇ ،قازاق ،روس ،مانجۇ ،جۇاڭزۇ ،مىياۋزۇ قاتارلىق 24 مىللەت بار ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى  ئومومىي نوپۇسنىڭ % 71نى ئىگىلەيدۇ .بۇ يەرنىڭ ھاۋا كېلىماتى  ئالاھىدە بولغانلىقتىن ،ئۈزۈم ،تاۋۇز قاتارلىق مەھسۇلاتلار چىقىدۇ ، بۇ شەھەر دۇنياغا داڭلىق بولۇپ ‹‹ئۈزۈم شەھىرى  ›› دىگەن نامى بار . بۇنىڭ ئىچىدە تۇرپاننىڭ كىشمىش ئۈزۈمى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق ،ئۇنىڭدىن قۇرۇتۇلغان قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ قەنت ، ۋىتامىن مىقتارى يوقىرى  ،يېشىل يېمەكلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ ، دۇنيا قۇرۇق ئۈزۈم تۇرلىرى ئىچىدە كەم ئۇچىرايدىغان مەھسۇلات ھېساپلىنىدۇ .

ئۈزۈم شاتلىقى

 

 

 

 

 

( مۇھەررىر : mamuti )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ