|
شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە كۆلىمى— شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ياۋرۇپا - ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا،جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان.كۆلىمى 1مىليۇن600مىڭ كۋادىرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ،بۇنىڭ ئىچىدەتاغلىق رايۇن كۆلىمى(ئېدىرلىق ۋە ئىگىزلىكلەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)تەخمىنەن 800مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن،تۈزلەڭلىك كۆلىمى(تارىم ئويمانلىقى،جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە تار ئارىسىدىكى ئويمانلىقلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)تەخمىنەن 800مىڭ كۋادىرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.ئۇ جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ ئۆلكە-ئاپتونوم رايون.

گۈزەل شىنجاڭ
شىنجاڭنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي ئېلىمىزنىڭ گەنسۇ ، چىڭخەي ئۆلكىلىرى ۋە شىزاڭ زاڭزۇ ئاپتونوم رايونى بىلەن خوشنا، شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبىغىچە موڭغۇلىيە ، روسىيەفېدىراتسىيسى، قازاقىستان جۇمھۇرىيتى، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيتى، تاجىكىستان جۇمھۇرىيتى، ئافغانىستان جۇمھۇرىيتى، پاكىستان جۇمھۇرىيتى،ھىندىستان جۇمھۇرىيتى قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چىگرىلىنىدۇ.دۆلەت چىگرىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى5600كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.دىمەك ئۇ جۇڭگۇدىكى چىگرىسى ئەڭ ئۇزۇن ئۆلكە-ئاپتونوم رايون.

|