|
(تەڭرىتاغ تورى )
شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا ‹‹غەربىي يۇرت››دەپ ئاتالغان،بۇنىڭ مەنىسى غەربىي قىسىمدىكى چېگرا رايۇن دېگەنلىك بولىدۇ.خەن سۇلالىسىدىن ئىلگىرىلا غەربىي يۇرت بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى رايونلار ئوتتۇرىسىداسودا - ساياھەت ئالاقىسى بولغان. خەن سۇلالىسىنىڭ خانى ۋۇدى زامانىسىنىڭ جىيەنيۇەن 3-يىلى (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 138-يىلى) جاڭ چىيەن غەربى يۇرتقا ئەلچىلىككە ئەۋەتىلگەن.جاڭ چىيەن 13يىلدىن كىيىن غەربىي يۇرتتىن قايتىپ كەتكەن، شۇنىڭدىن كىيىن غەربىي خەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى غەربىي يۇرتتىكى بەگلىكلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان. تەيچۇ 4-يىلى (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 101-يىلى) خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرتتا يالۋاچ چىرىكچى تۇرغۇزۇپ، كورلا ۋە بۈگۈر رايۇنلىرىدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرگەن. شېنجۆ2-يىلى(مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 60-يىلى)غەربىي خەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۇرلى(ھازىرقى بۈگۈر ناھىيىسى تەۋەسى)دا غەربىي يۇرت قورۇقچى بەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بالقاش كۆلىنىڭ شەرقى ۋە جەنۇبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ رايونلارنى باشقۇرغان. شۇنىڭ بىلەن تەڭ غەربىي يۇرتتىكى ھەر قايسى جايلارغا ئەمەلدار تەيىنلەپ ئەۋەتكەن. شۇنىڭدىن كىيىن غەربىي يۇرت خەن سۇلالىسى تېرىتورىيىسىگە كىرگەن. شەرقى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى باشقۇرغان بەگلىكلەر 50كە يەتكەن.
ۋېي،جىن سۇلالىلىرىدىن سۈي سۇلالىسىغىچە بولغان سۇلالىلەرنىڭ ھەممىسى غەربىي يۇرتتا مەمۇرىي باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن..16پادىشاھلىق دەۋرىدىكى ئالدىنقى لىياڭ پادىشاھلىقى بۈگۈنكى تۇرپان رايۇنىدا قۇجۇ ئايمىقىنى تەسىس قىلغان،بۇ شىنجاڭدا ۋىلايەت،ناھىيە تەسىس قىلىشنىڭ باشلىنىشى بولغان.سۈي سۇلالىسى پىشامشان،چالمادان ۋە ئىۋىرغۇل ئايماقلىرىنى تەسىس قىلغان.تاڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى باشقۇرۇش دائىرىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكىدىن ئېشىپ ئوتتۇرا ئاسىياغىچە يەتكەن ھەمدە جايلاردا ھەر خىل باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى يولغا قويغان.غەربىي يۇرتنىڭ شەرقىدە ئىۋىرغۇل،قۇجۇ ۋە بېشبالىق ئايماقلىرىنى تەسىس قىلغان،بۇ 3 ئايماق قارىمىقىدا12ناھىيە بولغان،باشقا جايلاردا قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى ۋە تۇتۇقبەگ مەھكىمىسى تۈزۈمى يولغا قويۇلغان.
تاڭ سۇلالىسىدىن كىيىن غەربىي يۇرتتا 3قېتىم چوڭراق يەرلىك كۈچ يەنى قاراخانىلار خانلىقى،ئۇلۇغ ئاغىلىق ئۇدۇن خانلىقى ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى پەيدا بولغان.بۇ يەرلىك كۈچلەر ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى 5سۇلالە ۋە سۇڭ،لىياۋ سۇلالىلىرىنىڭ مەركىزىي ھاكىمىيتىگە قارىغان.
يۇەن سۇلالىسى غەربىي يۇرتتا ۋاقىتلىق ۋازارەت تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن كىيىن،سەمەرقەندتە ئامۇ دەريا ۋاقىتلىق دىۋان ۋازارىتى تەسىس قىلىنغان، ئۇماۋرائۇننەھىردىكى رايۇنلارنى باشقۇرغان،بۈگۈنكى قورغاس رايۇنىدا ئالمالىق ۋاقىتلىق قارا دۋان ۋازارىتى تەسىس قىلىنغان، ئۇ ئىلىدىن بالقاش كۆلىنىڭ شەرقى ۋە جەنۇبىغىچە بولغان رايۇنلارنى باشقۇرغان ؛ بۈگۈنكى جىمساردا بېشبالىق ۋاقىتلىق قارا دۋان ۋازارىتى تەسىس قىلىنغان،ئۇ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى رايۇنلارنى باشقۇرغان. كېيىن يەنە بېشبالىق ۋاقىتلىق ۋازارىتى قارىمىقىدا بېشبالىق، قۇجۇ، ئۇدۇندىن ئىبارەت 3 ئايغاقچى مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ، شىمالىي ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ ھەمدە خوتەن رايۇنىنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي ئىشلىرى ئىدارە قىلىنغان.
شىنجاڭ رايونى مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ‹‹بېشبالىق›› د دەپ ئاتالغان ، كىيىن ‹‹ئىلبالىق››قا ئۆزگەرتىلگەن، چاغاتاي ئەۋلادلىرى غەربىي يۇرتتا دائىم ئىچكى پاراكەندىلىك تۇغدۇرۇپ تۇرغان بولسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ مىڭ سۇلالىسىگە ئىتائەت قىلغان.غەربىي يۇرتنىڭ شەرقىي قىسمىنى مىڭ سۇلالىسى بىر تۇتاش باشقۇرۇپ ، يۇڭلى 4-يىلى(1406-يىلى)قۇمۇل لەشكەرگاھىنى قۇرغان.
چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كىيىن ،چىيەنلۇڭنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە غەربىي يۇرت ‹‹شىنجاڭ›› دەپ ئۆزگەرتىلگەن.بۇ ‹‹قايتۇرىۋېلىنغان قەدىمقىي زېمىن›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئېرتىش دەرياسىنىڭ شەرقىي ۋە شىمالىي قۇبدۇ مەسلىھەتچى ئامبىلىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىلگەن؛ ئېرتىش دەرياسىنىڭ جەنۇبىي ۋە غەربىي ھەمدە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى رايونلارنىڭ ھەممىسى ئىلى جاڭجۈنىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. قۇمۇلدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان جايلار گەنسۇ پەرماندارىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن . گۇاڭشۈ 10-يىلى(1884-يىلى) شىنجاڭ ئۆلكىسى رەسمىي قۇرۇلدى،ئۈرۈمچى ئۆلكە مەركىزى بولدى..گۇاڭشۈ 32-يىلى (1906-يىلى) ئالتاي ۋىلايىتى قۇبدۇ مەسلىھەتچى ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدىن مەركەزگە بىۋاستە قارايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. مىنگونىڭ8-يىلى (1919-يىلى)بۇ رايۇن شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىلىپ،ئالتاي ۋىلايىتى تەسىس قىلىندى.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغاندىن كىيىن ، مىللىي تېرىتورىيلىك ئاپتونومىيە پائال يولغا قويۇلدى. 1955-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى.2004-يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئاپتونوم رايوندىكى ئاپتونوم ئوبلاست 5 ، ۋىلايەت 7 ، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر 2 ، ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر 20(بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق شەھەر4)،ناھىيە 68،(بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم ناھىيە 6)،شەھەرگە قاراشلىق رايۇن 11.
|