|
(ھېكايە)
ئابدۇكېرىم ئىسمائىل
— ياش بولغاندىكىن چوڭلارغا ئورۇن بوشاتسا بولاتتى...
— ھازىرقى ياشلار ئاتا – ئانىسىنىمۇ پوش دېمەيدۇغۇ...
— نومۇسمۇ قىلمايدىكەن...
— گاسمىدۇيا؟
ئاپتوبۇسنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغان ياش يىگىتنىڭ ھېلىلا ئاپتوبۇسقا چىققان ياشانغان كىشىگە ئورۇن بوشاتماي ئولتۇرۇشى يولۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى.
— بۇيەردە ئولتۇرۇۋالسىلا...
يىگىتنىڭ ئارقىسىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان ئوتتۇرا ياشلىق ئايال ئورنىنى ھېلىقى ياشانغان كىشىگە ئۆتۈندى. ئۇنىڭ گېپىدىن يىگىتكە زەردە قىلىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
يىگىت 25 ياشلار چامىسىدا بولۇپ، بولۇنۇۋاتقان گەپ – سۆزلەرنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك، ئوڭايسىزلىقتىن قىزىرىپ كەتكەنىدى. ئاپتوبۇس يەنە بىر بېكەتكە كەلگەندە ياش يىگىت ئورنىدىن تۇردى. ھەممەيلەن ئۇنىڭغا نەزەر ئاغدۇرۇشتى – دە، ئۈندىيەلمەي قېلىشتى. چۈنكى يىگىت قولىدىكى كىرىشتۈرمە ھاسىنى شىرتتىدە ئۇزارتىپ يەرگە چىڭ تىرەپ، يەنە بىر پۇتىنى تەستە يۆتكىگىنىچە ئاپتوبۇسنىڭ ئارقا ئىشىكىگە قاراپ سۈرۈلۈۋاتاتتى...
|