|
(نەسىر)
ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار
ۋەتەنسىز ئىنساننىڭ بەختى قارادۇر،
يۇرت سۆيمەس مۇناپىق ئەلگە بالادۇر.
شۇنداق، ۋەتەن ھەربىر ئىنساننىڭ مۇقەددەس قىبلىگاھىدۇر. تەن ۋە روھنىڭ مۇھەببەتلىك ئارامگاھىدۇر. ئۇ زېمىننىڭ ئوتلۇق تىلىكى، ئانىنىڭ راھەتبەخىش ئىللىق قۇچىقى. ئۇنىڭسىز مەرتىۋە – ئۇنۋان، مال – دۇنيا، ئويۇن – تاماشىلار راھەت ئەمەس، بەلكى ئازاب، شادلىق ئەمەس غەم – قايغۇ. چۈنكى، ئۇ سۆيگۈ دېڭىزى، چۈنكى ئۇ مەيىن شامال.
راست، ۋەتەن بىزنىڭ پاناگاھىمىز ۋە قارارگاھىمىزدۇر. ئۇ بولغاچقىلا روھىمىز پۈتۈن، تىلىمىز پۈتۈن، نېنىمىز پۈتۈن، ئۇچىمىز پۈتۈن. چۈنكى، ۋەتەنسىز ئىنساننىڭ بەختى قارا، دىلى يارا. ئۇنداق كىشى شاھ بولغان تەقدىردىمۇ بېشى مۈرىسىدىن ئۈستۈن بولالمايدۇ. ئىچ – ئىچىدىن زوقلىنىپ كۈلەلمەيدۇ. گۆرىدىمۇ تىنچ ياتالمايدۇ.
شۇڭا دەيمەن، ئادەمنىڭ بىرلا ئانىسى بولغىنىدەك بىرلا ۋەتىنى بولىدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ زەردارنىڭ قولىدىكى بىر تاۋاق ئاش ئەمەس. بەلكى، تەۋرەنمەس ئېتىقاد، مەڭگۈلۈك كۈيدۇر. ئۇنىڭ زىل تارى يۈرەك بېغىشلىرىمىز بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن. شۇڭا ئۇ كۈلسە يۈرەك كۈلىدۇ، ئۇ يىغلىسا يۈرەك يىغلايدۇ. چۈنكى ئۇ مېھرىبان ئانا. چۈنكى ئۇ سۈبھىدە پارلىغان قۇياش.
بىلىمەن، ۋەتەن بىزنى پەپىلەپ باققان، باغرىنى باغرىمىزغا ياققان، ئوتىمىزدا كۆيۈپ، سۈيىمىزدە ئاققان ۋە مېھىر – مۇھەببىتى بىلەن قەلب ئېتىزىمىزدا ھىدايەت گۈللىرىنى ئۈندۈرگەن مۇقەددەس تۇپراق. ئۇ ئوقۇپ قانمايدىغان ئەڭ تاتلىق شېئىر؛ ئۇ ئاڭلاپ قانمايدىغان لىرىك كۈي؛ ئۇ سەرسان بولۇپ يۈرگىنىڭىزدە سىز ھەممىدىن بەك سېغىنىدىغان ئىللىق ماكان؛ ئۇ سىزنى ياغنىڭ ئىچىدىكى بۆرەكتەك ساقلايدىغان ئەڭ بىخەتەر جاي. راست دەيمەن، ۋەتەن ساماۋى چۆچەكلەر دۇنياسى ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ پەرۋىشىمىزدىن كۆكلىگەن دەرەخ. بىز تۇغۇلغان يەرمۇ ۋەتەن، بىز سۇغا چۈمۈلگەن ئېرىق – ئۆستەڭلەرمۇ ۋەتەن، بىز مېۋىسىنى يېگەن دوڭغاق ئۈجمىمۇ ۋەتەن...ھەتتا بوۋىمىزنىڭ كۈمۈشتەك ئاپئاق ساقىلىمۇ، ئېتىزلىقتىكى پاكار ساتمىمۇ...ئىشقىلىپ مۇشۇ زېمىندىكى بىزنى كۆيدۈرگەن، سۆيدۈرگەن، بىزگە ئوزۇق، ھارارەت، شادلىق بېغىشلىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسى ۋەتەن. شۇنداق ئىكەن، بىز ۋەتەن مېھرىدىن كېچەلەمدۇق...؟
ئاھ، سېنى، مېنى...ھەممىمىزنى بەرنا قىلغان، بىزگە ئادىمىيلىك پەزىلەت ئاتا قىلغان ئانا ۋەتەن! ۋەتەن، سېنىڭ قوينۇڭ نەقەدەر ئىللىق، نەقەدەر ئازادە – ھە؟ ۋەتنىم، سەن بىزگە جان بەرگەن، سەن بىزگە قان بەرگەن، سەن بىزگە نان بەرگەن ھاياتلىق شەپقەتچىسى ئەمەسمۇ؟ شۇنداق ئىكەن، بىز ساڭا تىۋىنماي كىمگە تىۋىنىمىز؟ بىز سېنى كۈيلىمەي كىمنى كۈيلەيمىز؟
ئويلايمەن، ۋەتەن بولمىسا بىز نەدە، ۋەتەن بولمىسا بەخت نەدە، ۋەتەن بولمىسا خاتىرجەملىك نەدە؟ شۇڭا دەيمەن، ۋەتەن بىزگە ئەقىل – ھېكمەت ئۆگەتكەن دۇركانىمىزدۇر؛ مۇھەببەت رىشتىمىزنى چاتقان يۈرەك تارىمىزدۇر. ئۇ يوقالماس روھىمىزنىڭ تۇغى – ئابىدىسىدۇر. ئۇ بار يەردە ساداقەت بار، ئۇ بار يەردە مۇھەببەت بار. راست، ئۇ بار يەردە ئادالەت بار، ھەقىقەت بار. ئۇ باركى يەردە ئىلىم – مەرىپەت، ئاسايىشلىق بار. چۈنكى ئۇ يىقىلغاننى يۆلەپ ھارمايدىغان، پەرزەنتنى سۆيۈپ قانمايدىغان، ۋۇجۇدى ئوت – ھارارەتكە تولغان گۈزەللىك ئالىمىدۇر. ئۇ ئەجرى ئالتۇن بىباھا، ئۇلۇغ پەدەر – رەھنەما. شۇنداق ئىكەن، ۋەتىنىم سېنى سۆيمەي كىمنى سۆيىمىز، ساڭا كۆيمەي كىمگە كۆيىمىز؟ چۈنكى سەن بىزنىڭ باھارىمىز، سەن بىزنىڭ ئىپتىخار – غۇرۇرىمىز...!
|