باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>تەرمىلەر
ئۆيىڭىزدە كىتاب ئىشكاپى بارمۇ؟
2008- 09- 25 11:17 شىنجاڭ گېزىتى

   بىر دوستۇم يېقىندا خېلى ھەشەمەتلىك ئۆي سالدى. ئارقىدىنلا 30 نەچچە مىڭ يۈەن خەجلەپ ئۆينى بېزىدى. ئۆي ئىچى شۇنچە چىرايلىق، ئازادە بولۇپ، كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. تام ئىشكاپلىرى، ئويۇقچىلارغا تىزىلغان خىلمۇ خىل قىممەت باھالىق خرۇستاللار، چىنە – قاچىلار، يېڭى ئېچىلغاندەك كۆرۈنىدىغان سۈنئىي گۈللەر... نەچچە يۈز يۈەنلىك ئاسما چىراغنىڭ يورۇقىدا جۇلالىنىپ تۇراتتى. مەن ئۆي ئىچىگە شۇنچە قاراپ تۆت ئېغىزلىق ئۆيدە، ھەتتا بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان ھوجرىدىمۇ بىرەر كىتاب ئىشكاپىنى كۆرمىدىم. دوستۇمدىن ‹‹كىتاب ئىشكاپى ياساتمىدىڭلارمۇ؟›› دەپ سورىسام، ئۇ ئېرەڭشىمەيلا ‹‹ئۇنتۇپ قاپتۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىتاب ئىشكاپى ئورۇنلاشتۇرغىدەك ئورۇنمۇ تاپالمىدۇق›› دەپ جاۋاب بەردى. ئۇنىڭ جاۋابىدىن بەك ئەپسۇسلاندىم. كىشىلەرنىڭ ماددىي بايلىققا، گۈزەللىككە، ياخشى مۇھىت، باياشات تۇرمۇشقا ئىنتىلىشى نورمال ئەھۋال. بىراق ماددىي مەئىشەتنىلا قوغلىشىپ، مەنىۋىيىتىمىزنى بېيىتىشقا سەل قارىساق بولمايدۇ. روھىي دۇنيانى بېيىتىش كىتابتىن ئايرىلالمايدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت، سەنئەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى، تەجرىبە – ساۋاقلىرى، قوشقان تۆھپىسى، تەبىئەتنى چۈشىنىش توغرىسىكى بايانلىرى كىتابقا مۇجەسسەملەنگەن. كىتابنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئۇنىڭ ئىنسانلارغا مەنىۋى ئوزۇق، تۈگىمەس بايلىق ئاتا قىلىدىغانلىقىدا. ئەتىراپىمىزغا زەن سالساق،  ئارىمىزدا كىتابتىن ئىبارەت كۈچلۈك قورالغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەپ باي بولغانلار، بەختسىزلىك، چۈشكۈنلۈك، ھالاكەت پاتقىقىدىن چىقىپ، پارلاق نىشانغا يەتكەنلەر ئاز ئەمەس. كىتابتا پەرزەنت تەربىيىلەشتىن بىلىم ئېلىشقىچە، ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈشتىن تەن ساغلاملىقىمىزنى ئاسراشقىچە، پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ ھاللىق سەۋىيىگە يېتىشكىچە بولغان بىلىملەرنىڭ ھەممىسى بار.

   بەزى كىشىلىرىمىز ئادەتتە نەچچە 10 مىڭ يۈەن خەجلەپ ئۆي سېلىشقا، نەچچە 100 مىڭ يۈەن چىقىرىپ ئۆي سېتىۋېلىشقا چىدايدۇ – يۇ، شۇ ئۆيلەرگە بىرەر كىتاب ئىشكاپى ياسىتىشنى ئويلاشمايدۇ. رېستورانلاردا نەچچە يۈز يۈەن پۇل خەجلەشكە، قىممەت باھالىق كىيىم، گىرىم بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشقا چىدايدۇ – يۇ، بىرەر كىتاب سېتىۋېلىشقا پۇل ئاجرىتالمايدۇ. ۋاقتىنى بىھۇدە ئىشلارغا ئىسراپ قىلىشقا رازىكى، كىتاب، گېزىت – ژۇرنال ئوقۇشنى خالىمايدۇ. ئاتا – ئانا بولغۇچى ئازراق ۋاقتىنى كىتاب ئوقۇشقا ئاجراتسا، بۇنداق ياخشى ئادەت، تەبىئىيكى، بالىلارغىمۇ يۇقىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىلار زامانغا ماسلىشالايدىغان، زېھنى ئۆتكۈر، ياراملىق، ساپالىق، ئۆزىگە تايىنىپ ياشايدىغان ئىز باسارغا ئايلىنالايدۇ. روھىيىتىمىزنى بېيىتىش، ئەۋلادلارنى ياراملىق قىلىپ تەربىيىلەش ئۈچۈن بەلگىلىك ئىقتىساد ئاجرىتىپ، ئائىلىلەردە  كىتاب ئىشكاپلىرى بولۇشقا، ئۇنى ئاسراشقا، ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلايلى. پەرزەتلىرىمىز ھەشەمەتلىك ئۆيلىرى، قىممەت باھالىق ئويۇنچۇقلىرى بىلەن ئەمەس، ئوقۇغان، يىغقان كىتابلىرى بىلەنمۇ ماختىنىدىغان بولسۇن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ