باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>ئەدەبىي ئەسەرلەر
پۇشايمان
2008- 09- 22 12:24 شىنجاڭ گېزىتى

(ھېكايە)

ياقۇپ ئىسمائىل

    جاپپارنىڭ جۇدۇنى ئۆرلەپ جايىدا ئولتۇرالمايلا قالدى. ئۇ ھازىرغىچە غالىبنى ئەڭ يېقىن دوستۇم دەپ بىلەتتى. لېكىن ھازىر غالىب ئۇ ئەڭ نەپرەتلىنىدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى. ‹‹<يىغى ياندىن، بالا قېرىنداشتىن> دېگەندەك، قارا ئەمدى بۇنىڭ مەن بىلەنلا قالغىنىنى! دوستۇممىش تېخى، يولۇمغا ئۈنگەن تىكەن بولدىغۇ ئەمدى!...›› جاپپار شۇلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى. غالىب تېخىمۇ كۈچەپ سۆزلەشكە باشلىدى:

    بىزدە ‹‹ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنتۇما، شىرە چورۇقۇڭنى قۇرۇتما›› دېگەن گەپ بار. سەن بىلەن مەن نېمە كۈنلەرنى كۆرمىگەن؟...ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن باشقىلارغا ئوخشىمايسەن، سەللا دىققەت قىلمىساڭ پاتقاققا پاتقىنىڭ پاتقان. بىلىپ قوي، سېنىڭ بۇزۇپ چېچىۋاتقانلىرىڭنىڭ ھەممىسى خەلقنىڭ قان – تەرى بەدىلىگە كەلگەن...

   غالىب ئاچچىقىدا ۋارقىراپ سۆزلەيتتى. كوچا – كويدىكى گەپ – سۆزلەرنى دېمىگەندىمۇ جاپپارنىڭ مېھماندارچىلىققا، ئويۇن – تاماشىغا خەجلەۋاتقان پۇلى ئادەمنى چۆچۈتەتتى. مالىيە ئىدارىسىگە باشلىق بولۇش ھەممە ئادەمگە نېسىپ بولۇۋېرىدىغان تەلەي ئەمەس، ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرگەن بىلەن بولمايدۇ – دە؟ دۇنيادا ھەممە ئىشنىڭ سورىقى بارغۇ ئاخىر...

    سەن دېمىسەڭمۇ بۇنچىلىك ئىشلارنى بىلگۈچىلىكىم بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنچىۋالا دەپ كەتكۈدەك كەتكۈزۈپ قويغان يېرىممۇ يوق. سەن مېنى راستىنلا قان شورىغۇچقا ئوخشاتقان بولساڭ، ناھايىتى شۇ مېنى كۆرەلمەيۋاتقانلارنىڭ دېپىنى چالغان بولىسەن. مەن ئۇنداقلارنى ئېلىۋەتكەن تىرناقچىلىق كۆرمەيمەن، چىڭقالغىنىدىن جاپپارنىڭ گۆرەن تومۇرلىرى كۆپۈپ، يۈزىدىكى بۇلجۇڭ گۆشلىرى لىپىلداپ كەتتى.

   جاپپارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ غالىب خۇددى توك سوقۇۋەتكەندەك تىترەپ كەتتى. ئاغىنىسىنىڭ ئاھانىتى ئۇنىڭ يۈرىكىگە خەنجەر بولۇپ سانجىلدى. ئۇ ئالدىدىكى مۇشۇ ئادەمنىڭ بارغانسېرى ئۆزىگە ئوخشىماي قېلىۋاتقانلىقىدىن ئەجەبلىنەتتى. ‹‹ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ سۈكۈت قىلغان ياخشىمۇ؟ ياق! ئۇنىڭ ئاڭلىغۇسى بولمىسىمۇ مەيلى، دېيىشكە تېگىشلىك گەپلەرنى دېمىسەم بولمايدۇ. مەن دېگەن ئۇنىڭ قىيامەتلىك دوستى. ›› غالىب شۇلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ، يەنە جاپپارغا ئېغىز ئاچتى:

    ساڭا گەپ خوشياقمايۋاتقانلىقىنى بىلدىم. شۇنداقتىمۇ بۇرچۇمنى ئادا قىلمىسام بولمايدۇ. سەن ھازىر خەتەرلىك ئەھۋالدا قالدىڭ. ئەتراپىڭدا پەرۋانىدەك ئايلىنىپ يۈرگەن ئادەملەر ئىككىمىز خامان بېقىپ ياتقاندا، كېسەك قۇيۇپ، تام سوققاندا نەدە قاپتىكەن؟ ھازىر سەندە ھوقۇق بار، ئېغىزغا تېتىغۇدەك شىرنە بار. ئەگەر بېشىڭغا بىرەر كۈن چۈشكىدەك بولسا، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى شۇ چاغدا كۆرىسەن. قارىسام قۇلىقىڭغا خەقنىڭ گېپى كىرمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ، ئۆزگىرىپ باشقىلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قاپسەن. ماڭا ھوقۇقۇڭنى پەش قىلما، مەن ھوقۇقىڭغا ئەمەس،ئۆزۈڭگە دوست بولغان،  غالىب ئۆزىنى بىر ئاز بېسىۋېلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،  دوستۇڭ بولغىنىم ئۈچۈن ئاغرىتىپ ئېيتتىم، دېگەنلىرىمنى ئويلىشىپ كۆر...

   غالىب كەتتى. ئۇنىڭ بۇ مىجەزى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغاندەك قىلاتتى. كۆڭۈل ئاياش دېگەننى بىلمەيتتى.

   ئارىدىن ھەش – پەش دېگۈچە ئالتە، يەتتە يىلمۇ ئۆتۈپ كەتتى. بوران – چاپقۇنلۇق كۈنلەردىن كېيىن ئىللىق قۇياش سېخى نۇرىنى زېمىنگە چاچقاندا ئىككى دوست يەنە ئۇچرىشىپ قالدى. غالىبنىڭ قاشلىرى لىپىلداپ كەتتى. جاپپارنىڭ ئىچىدىن ئۆرلەپ چىققان ئاچچىق ھەسرەت بوغۇزىغا كېلىپ توختىدى. ئۇلار ئۈن – تۈنسىز قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەندە يەر – زېمىن ۋىلىقلاپ كۈلگەندەك بولدى. جاپپارنىڭ ‹‹دەيمەنغۇ›› دەپ ئويلىغان نۇرغۇن گەپلىرى يۈرىكىدە قالدى. ئۇ ئالتە يىللىق تۈرمە ھاياتىدا كىمنىڭ ھەقىقىي دوست ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنىدى. شۇ تاپتا ھەسرەتلىك پۇشايمان ئۇنىڭ يۈرىكىنى توختىماستىن غاجاۋاتاتتى. ئۇنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياش قۇياش نۇرىدا يالتىراپ، مەڭزىدە توختاپ قالدى.

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ