|
(ھېكايە)
ماخمۇت مۇھەممەد
ھەر قېتىم ئەتە ھېيت دېگەن كۈنى ئىشخانىدا يالغۇز قالىمەن. بويتاقمەن – دە، ياتاققا بالدۇر بېرىۋالسام نېمە قىلىمەن؟ تۆت تام يەپ كېتىدۇ...
بۈگۈنمۇ كونا گېزىتلەرنى ئۆرۈپ – چۆرۈپ ئولتۇراتتىم، تېلېفون جىرىڭلاپ قالدى.
ۋەي، يالغۇزەكمۇسەن؟ ئىشخاناڭدا تۆت تام بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇڭما؟ ھەي...ئۆيلىنىۋال دېسە يا ئۇنىمايسەن، ئىشىڭ بارمۇ دەمسەن؟ ھە...بىرىنچى قەۋەتكە چۈشە، تېز بول، ماڭا ياردەملىشىۋەت...
مىرزان خوجىلىق پىلىموتتەك تاتاتلاپ توختىدى، كۈلۈپ كەتتىم. ھېيتلىق بىر نېمىلەرنى تارقىتىپ تۈگەتكەندەك قىلىۋاتاتتى، يەنە نېمىگە ياردەملىشىدىغاندىمەن؟ نېمە بولسا بولسۇن، بىكارچىلىقتا قىلىدىغان ئىش تېپىلغاچقىمۇ، كۆڭلۈم سەل يېنىكلىشىپ، دىككىدە ئورنۇمدىن تۇردۇم.
پەلەمپەيلەرنى ئىككى، ئۈچتىن ئاتلاپ، بىرىنچى قەۋەتكە چۈشتۈم. قارىسام مىرزانكام مايلىشىپ كەتكەن قەدىناس كۆك خالىتىنى كىيىۋېلىپ، بىر مۇنچە سۇلياۋ تاغارلارنىڭ ئارىسىدا تەرلەپ، پىشىپ تۇرۇپتۇ.
ۋاھ، مىرزانكا، كۆك خالىتىڭىزنى يەنە كىيىپسىز – دە؟ بىزگە يەنە ئامەت بار ئوخشىمامدۇ؟ كۆرۈشە، كۆرۈشمەيلا چاقچاق قىلدىم، دېمىسىمۇ ئىدارىمىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسى مىرزان خوجىلىقنىڭ مۇشۇ كۆك خالىتىغا بەك ئامراق ئىدى، سەۋەبى، ئۇ بۇ خالاتنى كەيدىمۇ، بولدى، ئىدارىدىن بىر نېمە تارقىتاتتى...
بىراق، بۇ قېتىم مىرزانكام چاقچىقىمغا رەنجىپ كەتتى.
ساڭا ئوخشاش بويتاققا ئويۇن – ھە؟ بالدۇرراق قايتىپ ھېيت تەييارلىقى قىلارمەن دېۋىدىم، ئۇمۇ قالدى. قۇربانلىق قوي تېخىچە مالچىنىڭكىدە. نەچچە كۈندىن بېرى ئەكەلمەي بۇ بېلىقنى، ئادەم تازا ئالدىراش چاغدا ئەكەلگىنىنى كۆرمەمدىغان. پىلاندىمۇ يوقتى، تۆۋەندىكى قايسى بىر تارماقنىڭ قىلغان سوۋغىسىمىش...ھەي بۇ ئىشلارنى – زە...
مىرزانكا، سىزگە نېمىش قىلىپ بېرىمەن؟دېدىم يەڭلىرىمنى تۈرۈپ. تېرىكىپ تۇرغان مىرزان خوجىلىقنىڭ ساقاللىق چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى.
ھە مانا، مەشەلىرىڭنى دەيمىز – دە، قىتمىرجان ئىنىم، نېمە قىلاتتۇق، بېلىقلارنى تەقسىملەيمىز، كىلولايمىز، تىزىملايمىز، غوجاملارغا تېلېفون بېرىمىز...جاپا چېكىدىغان بولدۇڭ – دە قىتمىرەلى، لېكىن، ھېيتتا تەڭشىۋېتىمەن...
ھەش – پەش دېگىچە ئىككىمىز ئىشقا كىرىشىپ كەتتۇق. بېلىقلار جەمئىي سەكسەن تۆت ئۆلۈشكە بۆلۈنسە توغرا بولاتتى ھەم شۇنداق بولدى. مىرزان خوجىلىق بۇنداق ئىشلارغا باشى ئىدى.
باشلىقتىن تارتىپ قاشلىققىچە ئوخشاش بۆلىمىز، جۇمۇ ئۇكا، ئۆزۈڭ بىلىسەنغۇ، ئاۋۇ ئىشخانا مۇدىرىدەك ‹‹باشلىققا يوغان، سېمىزلىرىدىن كۆپرەك ئايرىپ قويدىڭىزمۇ؟›› دېسەڭ، مۇنۇ ياپىلاق بېلىق بىلەن بىرنى سېلىپ، چىشىڭنى تۆكۈۋېتىمەن...
ئىككىمىز ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ تىزىملىك بويىچە بېلىقلارنى سەكسەن تۆت خالتىغا ئايرىپ قاچىلاپ بولدۇق. بىردە مىرزانكام، بىردە مەن تېلېفونغا قول ئۇزىتاتتۇق. ئىدارىدىكىلەرنىڭ بەزەن ئۆزلىرى، بەزەن بالا – چاقىلىرى كېلىپ نېسىۋىلىرىنى ئېلىپ كەتكىلى تۇردى. ئادەم دېگەن شۇنداق نېمىدە، ئارىدا بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۆلۈشىگە بىر، باشقىلارنىڭ ئۆلۈشىگە بىر قارىشىپ قويىشاتتى. مۇنداق چاغدا مىرزانكام:
ھە، قانداق، سىز ئالغان بېلىقنىڭ چىشى يوقمىكەن؟ ئۆزىڭىز كېلىپ بىر قوللۇق تەقسىملەمسىز – يا؟ دېگەندەك گەپلىرى بىلەن ھەممەيلەننىڭ ئاغزىنى ئېتەتتى، غۇدۇرىغانلارنىمۇ كۈلدۈرۈپ يولغا سالاتتى. شۇنداق قىزىقچىلىقلار بىلەن بىزنىڭ خىزمىتىمىز ئاخىرلىشىشقىمۇ ئازلا قالدى.
مىرزانكام بىر چاغدا يەردە ياتقان بەش ئۆلۈش بېلىققا قاراپ گەدىنىنى قاشلاپ سۆزلىدى:
خېلى تېز تۈگەتتۇق، ھە، قىتمىرەلى، سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن بولدىغۇ ھەممىسى...خوش، كىملەر قالدى؟ ھە، بىرى سېنىڭ، يەنە بىرى...
سىزنىڭ ! دېدىم ئىتتىكلا.
رەھمەت كۆڭلۈڭگە ، مىرزان خوجىلىق ساقاللىق يۈزىگە تەبەسسۇمنى لىق تولدۇرۇپ كۈلۈمسىرىدى ، ھە بىرسى مېنىڭ ، بىرسى سېنىڭ ، ئىككىسى كەتتى ، قالدى ئۈچى...ئاپلارەي ئۇكا!...، مىرزانكام تىزىملىككە قارىغاچ بىردىنلا چۆچىگەندەك ئاۋازىنى كۆتۈردى ، ساپلا پېرىۋويلارنىڭ قېپقاپتىغۇ!
نېمە پېرىۋوي؟ دېدىم ئاڭقىرالماي.
باشلىقلارنىڭ دەيمەن ، ئۇكا ، بايا تېلېفون بەرسەم ئېلىنمىغانتى ، مۇنۇسى ئىدارە باشلىقىنىڭ ، مۇنۇسى سېكرېتارنىڭ ، مۇنۇسى مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىكەن ئەمەسمۇ ، يەنە بىر تېلېفون بېرەمدۇق – يا؟
تۇرۇپلا بىر ياخشى ئىش قىلغۇم كېلىپ قالدى.
بولدىلا مىرزانكا، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى ، سىز بېرىپ ئىشلىرىڭىزنى پۈتتۈرۈۋېلىڭ ، مەن بىكار بولغاندىكىن ، بۇلارنى ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ بېرەي ...
ۋاھ، مۇشۇنداق يەرلىرىڭ بولىدۇ جۇمۇ ئۇكا ، مىرزانكام دولامغا شاپىلاقلاپ سۆزلەشكە باشلىدى ، ئەمىسە مەن بېرىپ قۇربانلىق قوينى ئەكىلىۋالاي ، ماۋۇ بېلىقلارنى كاتتىباشلارغا گاچچىدە ئاپىرىپ بېرىۋەت ئەمىسە . ھوي ، ئۆزۈڭنىڭكىنىمۇ بېرىۋېتىپ يۈرمە جۇمۇ...
ھەي، مىرزانكا ، بىردىنلا خۇدۈكسىرىدىم ، باشلىقلارنىڭ بولغاچقىلا ئاپىرىپ بېرەي دېمىدىم.
ھا، ھا، ھا،...، مىرزان خوجىلىق چىن دىلىدىن زوقلىنىپ كۈلدى ، مەشەلىرىڭنى دەيمىزدە ، قىتمىرەلى بالا، ئاجايىپ تۈز بالا جۇمۇ ، سەن!
مىرزانكام كۆك خالىتىنى يېشىپ ، ئۆزىنىڭ ئۆلۈشىنى ئالدى – دە ، ئالدىراپ قايتىپ كەتتى. مەن تۆت خالتىدىكى بېلىقنى كۆتۈرۈپ ئىدارىنىڭ يېنىدىكى ئائىلىلىكلەر بىناسىغا قاراپ ماڭدىم . ئۈچ كورپۇسلۇق بىنانىڭ ئەڭ چەتتىكى بىر كورپۇسىدا ئىدارىدىكى چوڭ – كىچىك باشلىقلار ئولتۇراتتى. مەن ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ ، سول تەرەپتىكى ئىشىكنى چەكتىم . بۇ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنىڭ ئۆيى ئىدى. ئىشىكنى بىر ھازا ئۇرۇۋېدىم ، يۇمشاق ساپما كەشنىڭ شىپىلدىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ ، بىرسى ئىشىكنى ئاچمايلا سورىدى:
كىم؟
مەن، بېلىق ئەكەلگەنىدىم.
نېمە بېلىق ، ئۇ؟
مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنىڭ...ئۇ بارمۇ؟
ئىشىك قىيا ئېچىلىپ ياشانغان بىر ئادەمنىڭ تاقىر بېشى كۆرۈندى.
سىز ئوغلۇمنى تونۇمسىز؟
ھە ، ئىككىمىز بىر ئىدارىدە ، بۇ بېلىقنى...
بۇنداق قىلماڭ جۇمۇ ، بۇنداق قىلماڭ ! ياشانغان كىشى تاقىر بېشىنى تەئەددى بىلەن چايقىدى ، ياش تۇرۇپ مۇشۇنداق قىلىقنى ئۆگىنىۋالدىڭىزمۇ؟ ئوغلۇم ھەرقانداق ئادەم بىر نېمە كۆتۈرۈپ كەلسە ئالماڭلار دېگەن ، ئىش بولسا ھېيتتىن كېيىن ئىشخانىسىغا بېرىڭ!
نېمە دەيدىغاندۇ، تۇرۇپلا جەھلىم قاتتى.
ماڭا قاراڭ ، چوڭ دادا ، بۇ دېگەن ئىدارىدىن ھېيتلىق تارقاتقان بېلىق ، سىز نېمە دەپ ئويلاپ قالدىڭىز؟
ئىشىك بىردىنلا داغدام ئېچىلدى.
ۋاي مۇنداقمىدى؟ رەنجىمەڭ ھە ، قېنى ئۆيگە كىرىپ چاي – پاي...
بىر ئۆلۈش بېلىقنى بوسۇغىدىن ئىچكىرىگىرەك قويۇپلا ، ئىككى سەكرەپ ئۈچىنچى قەۋەتكە چىقىپ كەتتىم . ئۈچىنچى قەۋەتنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكىسى سېكرېتارنىڭ ئۆيى بولۇپ ، ئۇنىڭ ھازىرقى ئايالى مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم ئىدى.
ھوي قىتمىرەلى ، ھېيتنى بالدۇر باشلىۋالدىڭىزمۇ نېمە؟ ھەنىپە مېنى چاقچاق بىلەن ئۆيگە باشلىدى. قولۇمدىكى خالتىلارنى بوسۇغىغا قويۇپ ، يۇقىرى ئۆتتۈم ، يېقىن ئادەملەرنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بوسۇغىدىنلا يانسام قاملاشمايدىغۇ ؟ ھەنىپە ھېيتلىق داستىخىنىنى راسلاپ ئۈلگۈرگەن ئىكەن . تاكاسلاپ مېڭىپ بىردەمدىلا چاي دەملىدى، چۈرۈك پىشقان ساڭزىلىرىنى تىزىپ ، ئالدىمنى بىردەمدىلا نازۇ نېمەتلەرگە توشقۇزۇۋەتتى.
قۇرۇقلا كىرىۋەرسىڭىز بولاتتىغۇ قىتمىرەلى، يېقىن ئادەملەرگە بىر نەرسە كۆتۈرۈپ نېمە كەپتۇ ! ھەنىپەنىڭ تۈزۈتلۈك پارىڭى خىيالىمنى ئۈزدى. چۆچۈپ قارىسام، ھەنىپە مەن ئەكىرگەن بېلىققا قاراپ سۆزلەۋېتىپتۇ. شۇئان يادىمغا ۋەزىپەم كەلدى.
يا...ياقەي، ئىدارىدىن تارقاتقان...توختى سېكرېتارغا...
توختاخۇن كەلسە دەپ قويارمەن ، مەنمۇ پات – پات دەپ تۇرىمەن ، قولىڭىزدىن كەلسە ساۋاقدىشىمنى يۆلەڭ دەپ...، ھەنىپە مەنالىق ئاھاڭدا كۈلۈمسىرەپ سۆزلىۋېدى ، نېمە دېيىشىمنى بىلمەي، گاڭگىراپلا قالدىم . شۇ ئارىدا تېلېفونۇم مۇزىكا چېلىپ قالدى ، ئالسام مىرزان خوجىلىقكەن.
ھە، ھە قىتمىرەلى بالا، بېلىق پەتىسى تۈگىدىمۇ؟
بىر...بىرسى قالدى ، دېدىم ئەندىكىپ . ئاڭغىچە بېرىپ ، تاپسىدىكى ئايرىم قويۇلغان ئىككى خالتىنى ئالدىم. بىرسى ئىدارە باشلىقىنىڭ ، بىرسى ئۆزۈمنىڭ.
ئىدارە باشلىقى ھېلىراقتا بالا – ۋاقىسىنى ئېلىپ بىر يەردىن قايتىپ كەلدى ، ھازىر نەق ئۆيىدە ، قىتمىرەلى ، ئىشىڭنى تۈگىتىپ بىزنىڭكىگە كىرە ، ھەدەڭ پېتىر مانتا ئېتىپتۇ ، ئامراققۇ سەن!
سەل نېرىدا پەشتامىغا قوللىرىنى يۆگەپ ، كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ھەنىپەگە بىر نېمىلەرنى دېگەن بولدۇم – دە ، تۆتىنچى قەۋەتكە ياماشتىم. ساۋاقدىشىم ئارقامدىن سۆزلەپ قالدى:
ھېيتتا كىرىڭ قىتمىرەلى، توختاخۇن ئۆيدە بار چاغدا، قۇرۇقلا ماڭدىڭىز...
نېمە ئىشلار بولۇپ كېتىپ بارىدۇ، ئىدارىدىن تارقاتقان بېلىقنى ئەكىرسەم بىر ئۆيدە ئالمايمىز، قايتۇرۇپ كېتىڭ دەيدۇ، بىر ئۆيدە جۇۋاپسىز دەيدۇ، بۇ قېتىم ئەمدى نېمە دەر – ھە؟
ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىشىكىنى تارتىنىپقىنا چەكتىم . تۆتىنچى قېتىم چەككىنىمدە ، ئۆي ئىچىدىن بوغۇق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
كىم ، كىمۇ؟
مەن...بېلىق...، ھودۇققىنىمدىن دۇدۇقلاپ كەتتىم . ئىشىك ئالدىرىماي ئېچىلىپ ، ئۆيىدىمۇ پېتىدىن چۈشمەي ، قېتىپ كىيىنىۋالغان ئىدارە باشلىقىمىز كۆرۈندى.
ۋاي، قىتمىرەلىغۇ، ئۆيگە كىرە!
ياق، بولدى...ماۋۇ بېلىقنى، قولۇمدىكى قوش خالتىنى ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا سەل ئالدىغا سۈرۈپ ، ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم.
ئۆيگە كىرە ! باشلىق رەت قىلغۇسىز قەتئىي ئاھاڭدا سۆزلىدى. شىبلىتىمنىڭ بىرىنى ئوڭ ، بىرىنى دۈم سېلىپ ، قولۇمدىكى بېلىق بىلەنلا تۆرگە ئۆتتۈم.
غۇلجا بالىلىرى چاقچاققا ئۇستا ھە ، كىم دېسەم بېلىق دەيسەنغۇ...ھا...ھا...ھا...، باشلىق يۇمشاق سافاغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ كۈلۈمسىرىدى ، ئەتە ھېيت بولغاچقىمۇ ، كەيپى چاغ كۆرۈنەتتى.
ياقەي ، ماۋۇ بېلىقنى، ئىدارىدىن تۇيۇقسىزلا...ئەكىرىپ بېرەي دەپ...، نېمىلەرنى دەپ كەتتىمكىنتاڭ ، باشلىق تېخىمۇ قاتتىق كۈلۈپ كەتتى. ئۇ گېپىمگە كۈلدىمۇ ياكى تۇرقۇمغىمۇ زادىلا بىلەلمىدىم.
ھاي ئايىمخان ، ماۋۇ بالىنىڭ قولىدىكى نېمىنى ئېلىڭ ، ئايىمخان!
ھۇجرا ئۆيدىن سىپايە ، خۇش چىراي ئايال بىزنىڭ باشلىقنىڭ خانىمى شىپىرلاپ چىقىپ كەلدى – دە، بېشىنى ئېگىپ تىنچلىق سورىغاچ، ئۇدۇل كېلىپ قولۇمدىكى قوش خالتىنى ئالدى. نېمىشقىدۇر بىرىنى ئېلىڭ دېيەلمىدىم...
چاي ، ھە! باشلىقىم شىپىرلاپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتكەن ئايالىغا مۇراجىئەت قىلدى ، كېيىن ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى! ئېچىلىپراق ئولتۇرغىنە ، ئېچىلىپراق! ھە، نېمە قىيىنچىلىقلىرىڭ بار؟
ھېچ...ھېچ قىيىنچىلىقىم يوق...، دېدىم بوينۇمنى بىر ياققا قىسىپ .
تارتىنماي دەۋەر ، كىرگەندىكىن دېمەمسەن ، يا ھازىر ھەل قىلارمىز، يا كېيىن، ئىشقىلىپ...
شۇ...راست...ھېچ ئىش يوق...ئىشخانىدا ئولتۇرسام...شۇ مىرزانكام...
ھە، ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ئىچىڭ پۇشۇپ قالدىمۇ؟ تۆۋەنلەرنى ئايلىنىپ كېلەمسەن يا ؟ بولمىسا ۋەزىپە بىلەن بىرەر يىل چېنىقىپ...
نېمە گەپلەر بولۇپ كېتىپ بارىدۇ ، تەرلەپ كەتتىم . ئاڭغىچە سىپايە خانىم ئالتۇنرەڭ پەتنۇستا چاي ئەكىلىپ تۇتتى. ئالدىراپ كېتىپ چوڭلا بىر ئوتلاپتىكەنمەن، تاڭلىيىم كۆيۈپ قالدى. قېقىلىپ كەتتىم.
ياق...باشقا ئىش يوق، مىرزان خوجىلىق...
ھە...بىلدىم ! باشلىقىم گەۋدىسىنى سەل كەينىگە تاشلاپ كۈلۈپ كەتتى، كۆزۈم خوجىلىق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرلىقىغا چۈشتى دېگىن ، ھەي...يامان نېمىكەنسەن جۇمۇ! قېنى ئويلىشايلى، ئويلىشايلى ، مىرزانمۇ ياشىنىپ قالدى.
ئاللا كارامەت ، نېمە ئىشلار بوپ كەتتى ، ھودۇققىنىمدىن ئورنۇمدىن سەكرەپ تۇرۇپ كېتىپتىمەن.
ياق، مېنىڭ دېگىنىم...
بولدى، رەھمەتنى ۋاقتى كەلگەندە ئېيتارسەن! باشلىقىم ئىككى قولىنىڭ ئالقىنىنى تۆۋەنگە قارىتىپ ، ئاۋازىنى كەسكىن تۆۋەنلەتتى. بۇ ئۇنىڭ ئىدارىدىكى مەشھۇر ھەرىكىتى بولۇپ ، ‹‹ئارتۇق سۆزلىمە›› دېگىنى ئىدى. بىر نەرسە دېگىم كەلدىيۇ ، ئەمما نېمە دېيىشنى بىلەلمىدىم . ئېسىمگە كەلسەم ، ئاللىقاچان بىنادىن چۈشۈپ بوپتىمەن. باشلىققا قانداق خوش دېدىم ، ئۆيدىن قانداق يېنىپ چىقتىم ، ئۆزۈممۇ بىلەلمىدىم.
ئەتە ھېيت ، يان – يېنىمدا ساپلا ھېيت خۇشاللىقىغا چۆمگەن ، قوي يىتىلىگەن ، ساڭزا ، پىشۇرۇق كۆتۈرگەن ئادەملەر ، قايسىدۇر دۇكاندىن ناغرا – سۇناي ساداسى ياڭرىماقتا . پەقەت مەنلا كۆڭلۈم پاراكەندە ھالدا كوچىدا بىر سائەتچە مەقسەتسىز پىرقىراپ يۈردۈم . نېمە ئىشلار بولۇپ كەتتى بۈگۈن ؟ نەدىن كەلدى شۇ بالاخور بېلىق! نېمە دەپ خەققە ياردەم قىلىمەن دەيمەن...
تېلېفونۇم يەنە مۇزىكا چالدى. ئېھتىيات بىلەن قۇلۇقىمغا تۇتتۇم . مېنى بىر ئەندىكتۈرۈپ ، مىرزانكامنىڭ خۇش چاقچاق ئاۋازى ئاڭلاندى:
نەلەردە يۈرىسەن ئىنى ، پېتىر مانتىغا ساقلاپ كەتتۇققۇ سېنى، تېزرەك كىرە ، تالادا بىر نەرسە يەۋەلما جۇمۇ ، ھەدەڭ ئالاھىدە سېنى دەپ ئەتتى بۇ تاماقنى... بولە...
مىرزانكام بىلەن ئايالى ئاجايىپ ئېسىل ئادەملەر – دە! نەچچە يىل بولدى ، مېنى ھېيت – ئايەم كەلسىلا بارىدىغان يېرى يوق دەپ ، ئاتايىن ئۆيىگە چاقىرىۋالىدۇ.
كۆزلىرىمگە لۆممىدە ياش كەلدى...
|