باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>ئەدەبىي ئەسەرلەر
تورخانىدا
2008- 09- 08 10:51 شىنجاڭ گېزىتى

 (ھېكايە)

  بىر بوۋاي ئىككى قېتىم ئىشىكنى ئېچىپ تورخانىنىڭ ئىچىگە قاراپ قويدى – يۇ، كىرمىدى. ئۈچىنچى قېتىم ئەيمىنىپراق كىرىپ كەلدى.

   ئادەتتە بۇنداق ياشانغانلار تورخانىغا  نەۋرىسىنى ئىزدەپ ياكى تورخانىغا كىرىۋېلىپ ئۆيىگە قايتمايدىغان بالىسىنى ئىزدەپ كېلەتتى. شۇڭا ئۇنىڭغا ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىدىم.

    مەن، مەن...،  بوۋاي سۆزىنى داۋاملاشتۇرالمىدى، قارىغاندا ئۇ سەل خىجىل بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى.

    ئاكا، قانداق ئىشىڭىز بولسا دەۋېرىڭ، ياردەمگە تەييارمەن،  دېدىم مەن ئۇنىڭ بىرەرسىنى ئىزدىگىلى  كەلمىگەنلىكىنى پەملەپ.

    ماڭا كومپيۇتېر ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپ قويارسىزمۇ؟ مەن قىزىمنىڭ...،  ئۇ قىزىرىپ، دۇدۇقلاپ تۇرۇپ چۈشەندۈردى،  مەن تورغا چىقىپ نەۋرە قىزىمنىڭ رەسىمىنى كۆرەي دېگەن.

   بوۋاينىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى يەنىلا ئاڭقىرالمىدىم.

    قىزىمنىڭ توي قىلىپ چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقىنىغا ئالتە يىلچە بولدى،  دەپ چۈشەندۈردى بوۋاي،  بۇلتۇر يەڭگىپتۇ، قىزىمنىڭ دېيىشىچە نەۋرەم بەكلا ئوماقكەن. قىزىم نەۋرەم بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرىنى ئېلخەت ساندۇقىغا يوللاپ قويدۇم دېگەنىدى، مېنىڭ شۇ سۈرەتلەرنى كۆرۈپ باققۇم بار، ئۇلارنى بەكمۇ سېغىندىم...،  سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە بوۋاينىڭ كۆزىگە ياش كەلدى.

   شۇندىلا بوۋاينىڭ ئېلخەت يوللاش، قوبۇل قىلىشنى ئۆگەنمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەندىم  دە، ئۇنى تورخانىدىكى ئازادىرەك ئورۇنغا باشلاپ ئولتۇرغۇزۇپ، كومپيۇتېرنى ئېچىپ،  ئېلخەت ساندۇقىنى ئېچىشنى ئۆگىتىپ قويدۇم.

   دەرۋەقە، ئېلخەت ساندۇقىدا بوۋاينىڭ قىزى ۋە نەۋرىسىنىڭ نۇرغۇن سۈرەتلىرى بار ئىكەن. مەن ئۇ سۈرەتلەرنى ئېكرانغا چىقىرىپ كۆرۈش ئۇسۇلىنىمۇ ئۆگەتتىم، بوۋاي تېزلا ئۆگىنىۋالدى.

   بوۋاي توپتوغرا بىر چۈشتىن كېيىن كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ھېلىقى سۈرەتلەرنى يېنىش – يېنىشلاپ كۆردى. نەۋرىسىنىڭ ئوماق ھالىتىنى كۆرگىنىدە ھاياجانلىنىپ كېتەتتى، بەزىدە سۈرەتلەرنى كۆرۈپ بولۇپ، غەمكىن، ئويچان قىياپەتتە دېرىزە سىرتىغا پەرىشانلىق بىلەن قاراپ تۇرۇپ كېتەتتى. 

    ئورۇقلاپ كېتىپتۇ، بەكلا ياداپ كېتىپتۇ...

   بوۋايغا ئۇسسۇلۇق ئاپارغىنىمدا، ئۇنىڭ  قىزىنىڭ سۈرىتىگە قاراپ ئۆز – ئۆزىگە شۇنداق دەۋاتقانلىغىنى ئاڭلاپ قالدىم.

   كەچلىك تاماق ۋاقتى بولاي دېگەندە بوۋاي مېڭىشقا تەمشەلدى، ئۇزاق ۋاقىت كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرغاچقا، ئۇنىڭ پۇتلىرى ئۇيۇشۇپ قالغان بولسا كېرەك، ئورنىدىن تۇرغاندا سەنتۈرۈلۈپ يىقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدى. مەن ئۇنى يۆلەپ سىرتقا ئەچىقىپ قويدۇم. بوۋاينىڭ كېچە قاراڭغۇلۇقىغا سىڭىپ كېتىۋاتقان ئاجىز گەۋدىسىگە قاراپ، كۆزۈمگە ئىسسىق ياش كەلدى.

   كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ تورخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ‹‹تىجارەت ۋاقتىنچە توختىتىلدى››دېگەن خەت يېزىلغان تاختىنى ئېسىپ قويدۇم ۋە تورخانىدىكىلەرنى بالدۇرلا يولغا سالدىم. ئايالىم ئاچچىقلانغان ھالدا سەۋەبىنى سورىدى، مەن سالماق، ئەمما قەتئىي تەلەپپۇزدا:

    ھېچ ئىش بولغىنى يوق، تىجارەت بىلەن بولۇپ كېتىپ، چوڭلارنى يوقلىمىغىلى ئۇزاق بوپتۇ، بۈگۈن دۇكاننى بالدۇرراق تاقاپ، قىزىمىزنى ئېلىپ ئۇلارنى يوقلاپ كېلەيلى،  دېدىم.

   ئايالىم كۈلۈمسىرىگىنىچە بېشىنى لىڭشىتتى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ