باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>ئەدەبىي ئەسەرلەر
چىۋىن تۇتۇش
2008- 08- 29 17:46 شىنجاڭ گېزىتى

مۇھەممەد شاۋۇدۇن

    يېقىنقى زاماندا گۇچۇڭ ناھىيىسىدە توختى چامباش دېگەن داڭلىق جانباز  ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ كارامىتىگە قايىل ھەم ھەۋەس قىلىدىغان كىشىلەر  بالىلىرىنى ماھىر جانباز قىلىپ يېتىشتۈرۈش نىيىتىدە توختى چامباشقا شاگىرتلىققا بېرىدىكەن. شۇ قاتاردا بىرەيلەن ئوغلىنى توختى چامباشقا شاگىرتلىققا بېرىپتۇ. توختى چامباش ئۇنى چىۋىن تۇتۇشقا بۇيرۇپتۇ. بالا چىۋىن تۇتۇپ بىر نەچچە ئاينى ئۆتكۈزۈپتۇ. تېزرەك ماھارەت ئىگىلەپ، ئۇستا جانباز بولۇش كويىدا يۈرگەن بالا  چىۋىن تۇتۇۋېرىپ زېرىكىپتۇ. ئۇ ‹‹ئۇستام ماڭا ھۈنەر ئۆگەتمەي، ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدىغان ئىشقا سېلىپ گالۋاڭ قىلدى››، دەپ ئويلاپ، بۇ يەردىن كەتمەكچى بوپتۇ. توختى چامباش ئۇنىڭغا  رۇخسەت قىلىپتۇ. بالا توققۇز – ئون چامدام مېڭىشىغا توختى چامباش ئەتراپتىكى بالىلارنى ئۇنىڭغا تاش ئېتىشقا بۇيرۇپتۇ، ئۇ بالا ئېتىلغان تاشنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۆزىگە بىرمۇ تاش تەگكۈزمەپتۇ ۋە ئۇستازىنىڭ ئۆزىنى بىكاردىن بىكار چىۋىن تۇتۇشقا سالمىغانلىقىنى، بۇنىڭمۇ بىر ماھارەت، ئىشنىڭ بېشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، قايتىپ كېلىپ ئۇستازىدىن ئەپۇ سوراپتۇ ۋە ئۇستازى نېمىنى قىل دېسە شۇنى قىلىپ، مەشىقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىر ماھىر جانباز بولۇپ يېتىشىپتۇ.

   بۇ ھېكايە ماڭا قات – قېتىغا چوڭقۇر ھېكمەت يوشۇرۇنغاندەك تولىمۇ مەنىلىك، قىممەتلىك تۇيۇلىدۇ.

   ھەر قانداق ئادەمدە قىزىقىش، ئىنتىلىش بولىدۇ. بۇ،ئارزۇ – غايىنىڭ ئۈندۈرمىسى. لېكىن پسىخىك جەھەتتىن ئېيتقاندا، قىزىقىش، ئىنتىلىشنىڭ كەينىدىن بىر ئاجىزلىق سايىدەك ئەگىشىپ ماڭىدۇ. ئۇ قىزىققانلىق، ئىنتىلگەن نەرسىگە تېز ئېرىشىش كويىدا  بولۇش، تېز نەتىجە قازىنىشقا ئالدىراشتىن ئىبارەت. بۇنى كونىلار ‹‹ئۆچكىگە يەم بېرىپلا قۇيرۇقىنى سىلاپتۇ›› دېگەن تەمسىل بىلەن ئىپادىلىگەن.

   تۇرمۇشتا ھەممە ئىشنىڭ، جۈملىدىن ھەرقانداق ئۆگىنىشنىڭ ئۆز يولى، قانۇنىيىتى، تەرتىپى، قەدەم – باسقۇچى، سىناق – ئۆتكەللىرى بولىدۇ. ئىلىم ئېلىش ئېلىپبەدىن، سەپەر تۇنجى قەدەمدىن، شوتىغا چىقىش بىرىنچى ۋاخىنىدىن باشلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى كەم بولسا بولمايدىغان ئاساس. بۇ ئاساس قانچە پۇختا بولسا، كېيىنكى قەدەم شۇنچە پۇختا، ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. مېنىڭچە، بىر ئىشقا قىزىقىدىغان، ئىنتىلىدىغان كىشىدە شۇ ئىشقا نىسبەتەن زېرىكمەي – تېرىكمەي ‹‹چىۋىن تۇتۇش›› روھى بولۇشى كېرەك. مەسىلەن: ئىسمى جىسمىغا لايىق ياخشى مۇھەررىر بولىمەن، دېگەن كىشى، مەيلى ئۇ قانچىلىك يۇقىرى سەۋىيىلىك بولسۇن، تەھرىر بۆلۈمىگە كىرگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن تىل – يېزىق ئىلمىنىڭ ئۆتكىلىدىن ياخشى ئۆتۈپ، ئىملانى ئۆلچەملىك، تولۇق ئىگىلىشى، زۆرۈر ئاتالغۇلارنى ئىمكانقەدەر پىششىق يادلىۋېلىشى كېرەك. بۇمۇ ‹‹چىۋىن تۇتۇش››. تەھرىرلىك بىر – بىرىگە باغلىنىشلىق زەنجىرسىمان ھالقىلاردىن تەركىب تاپقان كەسىپ. ئۇنىڭدا بىر ھالقىدا خاملىق بولسا، بىر ئاجىزلىق پەيدا بولىدۇ. ‹‹كۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چوماق›› دېگەندەك، ئاشۇ ئاجىزلىق ۋاقتى كەلگەندە چوڭ ئەيىب – نۇقسانغا ئايلىنىپ، مۇھەررىرنى يەرگە قارىتىپ قويىدۇ. بىر چاغدا ئىملا، تىنىش بەلگىلىرى بىلەن زادىلا ھېسابلاشمايدىغان بىر مۇھەررىر بىلەن بىر چوڭ يازغۇچىنىڭ ‹‹ئىملا، تىنىش بەلگىلىرىنى توغرىلاش كوررېكتورنىڭ ئىشى›› دېگىنىنى ئويلىسام، ھازىرغىچە ئەجەبلىنىمەن. مېنىڭچە، ئۇلار ‹‹چىۋىن تۇتۇش›› مەشىقى قىلمىغان. ‹‹ئۆگەنگەن خۇي ئۆلگىچە››، ‹‹ئادەتنىڭ دورىسى يوق›› دېگەندەك، دەسلەپتە ئادەتلىنىپ قالغان ئاجىزلىقنى ئۆزگەرتمەك تەس.

   سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاندىرى سۇبۇر دېگەن پېشقەدەم يازغۇچىسى ‹‹دېڭىزچىلار›› گېزىتى تەھرىر بۆلۈمىگە بىر ھېكايە ئەۋەتىپتۇ. بىر ياش مۇھەررىرگە بۇ ھېكايە تولىمۇ چۇۋالچاق، سۆز – جۈملىلىرى مۈجمەل بىلىنىپتۇ. مۇھەررىر بۇ ھېكايىنى قانداق بىرتەرەپ قىلىشىنى بىلمەي بېشى قېتىپتۇ. بىلاكوف دېگەن پېشقەدەم مۇھەررىر ئۇ ھېكايىنى تەھرىرلەپتۇ. مۇھەررىرلەر بۇ ھېكايىنى كۆرۈپ، ھېكايە سۇژىتىنىڭ شۇ قەدەر قىزىقارلىق، تىلىنىڭ شۇنچە پىششىق، قۇرۇلمىسىنىڭ تولىمۇ ئەپچىل ۋە پۇختىلىقىغا ھەيران قاپتۇ. بىلاكوف تەھرىرلىگەن بۇ ھېكايىگە بىرەر سۆزمۇ قوشۇلمىغان ياكى ئېلىۋېتىلمىگەن. بۇنىڭغا ھەيران بولغان ياش مۇھەررىرلەر بىلاكوفتىن سوراپتۇ:
 بۇ قانداق ئىش، بۇنىڭدا نېمە سىر بار؟

   بۇ پۈتۈنلەي تىنىش بەلگىلىرىنىڭ خاسىيىتى،  دەپتۇ بىلاكوف.

   يازغۇچى ئاندىرى سۇبۇر بۇ ئىشنى ئۇققاندىن كېيىن بىلاكوفقا:

    سىز ماڭا ئۇنتۇلماس دەرس بەردىڭىز. ئىلگىرىكى ئەسەرلىرىم ئالدىدا گۇناھكار ئىكەنلىكىمنى بىلدىم،  دەپتۇ.

   ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرۇشنى، ھەممىدىن قابىل بولۇشنى ئارزۇ قىلمايدىغان كىشى يوق، بەلكىم. بۇ ئارزۇغا يېتىشنىڭ يولى يەنىلا ‹‹چىۋىن تۇتۇش››قا سەل قارىماسلىق. كىشى ‹‹چىۋىن تۇتۇش›› ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشكە قانچە كۆڭۈل بۆلسە، ئۇنىڭ ئاجىزلىقلىرى ئازىيىپ، ئىقتىدار – ماھارىتى ئېشىپ، بىلىم، تەجرىبىلىرى تولۇقلىنىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، بارا – بارا مۇكەممەللىشىدۇ.  بەش قولنى بىراقلا ئېغىزغا تىققىلى بولمىغاندەك، ھەرقانچە زېرەك، چىچەن بولغان تەقدىردىمۇ بىلىمنى بىر يولىلا ياكى بىر مەزگىلدىلا ئىگىلىۋالغىلى بولمايدۇ.  سۇ تامچىلاپ تېمىۋەرسە كۆل تولغاندەك، بۇنىڭغىمۇ نۇرغۇن مىنۇت – سېكونت، كېچە – كۈندۈز، ھەپتە – ئاي، ھەتتا نۇرغۇن يىللىق جەريان كېرەك. بۇ جەريان تىرىشىش، ئىزدىنىش، قانائەتلەنمەي بالداقمۇ بالداق ئۆرلەش، قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلەشنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىش جەريانى.

   مۇنداق بىر رىۋايەت بار. شائىر فۇزۇلى ئۇستازىدىن 18 يىل بىلىم ئېلىپ شېئىرىيەت ئىلمىنى ئۆگىنىپتۇ. ئۇ مەن ھەممىنى ئۆگىنىپ بولدۇم، شېئىرىيەت ئىلمىدە كامالەتكە يەتتىم، دەپ ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ، كۆرەڭلىك بىلەن ئۇستازىغا دەپتۇ:

    ئۇستازىم،  مەن ھەممىنى ئۆگىنىپ بولدۇم، ماڭا قانداق باھا بېرىسىز؟

   ئۇستازى:

    سىز تېخى شېئىرىيەت ئىلمىنىڭ ئېلىپبەسىنى ئۆگەندىڭىز،  دېگەن ئىكەن، فۇزۇلى خاپا بولۇپ كېتىپ قاپتۇ. ئۇ ئەل ئارىسىدا بىر مەزگىل يۈرۈپ، ئۆگەنگەنلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئىنتايىن ئازلىقىنى، بىلىمىنىڭ تولىمۇ چولتىلىقىنى تونۇپ، پۇشايمان ۋە خىجالەتچىلىك ئىلكىدە ئۇستازىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تەزىم قىلىپ:

    ئۇستازىم، كەچۈرگەيلا، مەن ھەقىقەتەن گۆدەكلىك قىپتىمەن، دېگەنلىرى بەرھەق ئىكەن،  دەپ ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ...

   بىلىم ئېلىش يولى ئەگرى – توقاي، جاپا – مۇشەققەتلىك بولۇپلا قالماي، مەنزىلى يوق ئۇزاق مۇساپە. تاغقا ئۆرلىگەنسېرى تاغنىڭ كەينىدە تاغ، ئېگىز چوققىلار تۈگىمەيدىغاندەك، تۈزلەڭلىكلەردە يېقىن كۆرۈنگەن ئۇپۇق بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىۋاتقاندەك، ئۇنىڭغا يەتكىلى بولمايدىغاندەك سېزىلىدۇ. بىلىم ئەنە شۇنداق بىر – بىرىدىن ئېگىز تاغقا، بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىۋاتقان ئۇپۇققا ئوخشايدۇ. بىلىم يولى بىلى چىڭنى تاللايدۇ، بىلى بوشنى شاللايدۇ. شۇڭا دانىشمەنلەر ‹‹ئۆز – ئۆزىنى كۈچەيتىش›› دېگەن تەلىماتنىڭ ئالدىغا ‹‹تىنماي›› دېگەن سۆزنى قوشۇپ، ئۆز – ئۆزىنى كۈچەيتىشنىڭ تىنماي، توختاۋسىز ئىلگىرىلەشتىن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ھايات تەجرىبىسىنى يەكۈنلىگەن بولسا كېرەك.

   شۇنداق، ئۆز – ئۆزىنى كۈچەيتىش تارىختىن بۇيان سان – ساناقسىز ئالىم – ئۆلىمالار، بىلىم، ماھارەت ئىگىلىرىنىڭ ئۆز – ئۆزىنى تەربىيىلەش، ئاجىزلىقتىن قۇتۇلۇپ قۇدرەت تېپىش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش يولى بولغان. ئادەم فۇزۇلىدەك 18 يىل ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغان بولسۇن، ئۇ بىلىم ئېلىش يولىدىكى ئۇزاق مۇساپىنىڭ پەقەتلا مۇقەددىمىسى، ئۆگىنىش، ئىزدىنىشنىڭ كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچى، خالاس.

   ئادەم دۇنيادىكى شەيئىلەر ئىچىدە ھەممىدىن گۈزەل ۋە قىممەتلىك. شۇ  گۈزەللىك ۋە قەدىر – قىممەتنىڭ قەدرىگە يېتىپ، ئۇنى ئەتىۋارلايدىغانمۇ شۇ ئادەمنىڭ ئۆزى، خارلايدىغانمۇ شۇ ئادەمنىڭ ئۆزى. بىز ئاتا – بوۋىمىزدىن تارتىپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقان ‹‹ئۆزۈڭنى خار قىلغۇچە، كۈچۈڭنى خار قىل›› دېگەن سۆز ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز ھېكمەتتۇر. ئۇ تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنىڭ يەكۈنى، دائىم ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ياشاش پەلسەپىسى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئادەمنىڭ دۈشمىنى باشقا يەردە ئەمەس، شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىدە. شۇڭا ئادەم ئۆزىدىكى دۈشمەننى يېڭىشنى بىلمىسە، ھېچقاچان غالىب ئورۇندا تۇرالمايدۇ.

   ئادەمنىڭ ئۆزىدىكى دۈشمەن نېمە؟ روھىي زەئىپلىك، يەنى تىرىشىپ – تىرمىشىپ ئۆزىنى كۈچەيتىش، كامال تاپقۇزۇش كويىدا بولماي، ‹‹بارىغا پەتە، يوقىغا ئەتە›› دەپ، ئۆزىنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ، تەقدىرنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قېلىش.

   ‹‹ئېشەك ئېشەكتىن قالسا، قۇلىقىنى كەس›› دېگەن گەپ بار. بۇ، ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان چاقىرىقنامىسى. مۇشۇ بىر سۆزدىنلا ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ نەقەدەر تەلەپچانلىقى، رىقابەت ئېڭىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈكلۈكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئادەمدە ھازىرىغا تەن بەرمەيدىغان، ھامان ئالغا ئىنتىلىپ، ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشكە، ھېچكىمدىن كېيىن قالماسلىققا تىرىشىدىغان كۈچلۈك رىقابەت ئېڭى بولۇشى كېرەك. بولۇپمۇ پەن – تېخنىكا تېز تەرەققىي قىلىپ، رىقابەت كەسكىنلىشىۋاتقان ھازىرقى دەۋردە رىقابەت ئېڭى، كرىزىس ئېڭى، خەۋپسىرەش ئېڭى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشى كېرەك.

   بىز 1992 – يىلى قىشتا دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي تاپقان جايلارنى ئېكسكۇرسىيە – زىيارەت قىلىشقا بارغاندا شاڭخەيدىكى ‹‹باۋگاڭ›› پولات زاۋۇتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق. بۇ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىلغار زاۋۇت ئىكەن. زاۋۇت باشلىقى بىزگە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، زاۋۇتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ياخشى، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. لېكىن زاۋۇتنىڭ ئون يىلدىن كېيىنكى ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟ بىز مۇشۇنىڭدىن ئەنسىرەيمىز. قانداق قىلغاندا ئون يىلدىن كېيىنمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرغىلى، بەلكى تېخىمۇ ئالدىغا ئۆتكىلى بولىدۇ؟ ھازىر باش قاتۇرۇۋاتقىنىمىز مۇشۇ مەسىلە، دېدى. بۇ كۈچلۈك رىقابەت ئېڭى، خەۋپسىرەش ئېڭى، كرىزىس ئېڭىنىڭ ئىپادىلىنىشى. مەيلى كارخانا ، مەيلى شەخس بولسۇن، ھازىرقى كەسكىن رىقابەت قاينىمىدا سەپتىن چۈشۈپ قالماي، مەھكەم پۇت دەسسەپ تۇرۇش، بەلكى تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇنغا ئۆتۈش ئۈچۈن، پەۋقۇلئاددە تىرىشچانلىق بولمىسا، ئادەتتىكى تىرىشچانلىق كۇپايە قىلمايدۇ. رىقابەت مەيدانى ‹‹ۋاي تۆرگە ئۆتسىلە››، دەپ ئورۇن بوشىتىپ ئىلتىپات كۆرسىتىدىغان مېھماندارچىلىق سورۇنى ئەمەس. كۈچلۈكلەر، قابىللار ئوزىدۇ، ئاجىز، يارامسىزلار ھامان شاللىنىپ قالىدۇ. ئۇلار تاللاش بوسۇغىسىغا يېتەلمەي، شاللىنىش تەقدىرىگە مەھكۇم بولىدۇ. بۇنداقلار باشقىلاردىن ئاغرىنماي، ئۆزىدىن ئاغرىنىشى، ئۆزىنى كەچۈرمەسلىكى كېرەك. ‹‹كېيىنكى پۇشايمان ئۆزىگە دۈشمەن››. ئارقىدا قېلىشقا، خار بولۇشقا سەۋەب بولغان دۈشمەن دەل ئۆزىدىكى روھىي مەھكۇملۇق.

   سۆزىمىزگە كەلسەك، يەنىلا ‹‹قىلىدىغاننىڭ چارىسى تولا››. بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم چارە  زېرىكمەي – تېرىكمەي ‹‹چىۋىن تۇتۇپ››، ئىقتىدار ۋە ماھارەتنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش. باشقىچە ئېيتقاندا، تىنماي ئۆز – ئۆزىنى كۈچەيتىش.    

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ