|
مۇھەممەدجان سادىق
يىپەك كۆڭلەك، سارجا چاپان، شېرىن مەي – شاراب، ئوخشىغان كاۋاپ... تىرىكلىكنىڭ ئېھتىياجى، نېمىتى. تويۇپ كېكەردىڭ قانغىچە ئىچىپ، چىقتىڭ بۇلۇتلارغا... بىلمىدىم، شۇمىدۇ بىر كېلىدىغان ئۆمۈرنىڭ قەدىر – قىممىتى؟!... گۆشلۈك قورۇما يەپ، ئۈزۈم شارابى ئىچىپ، قاقاقلاپ كۈلگىنىڭنى بەزمىلەردە، قانداق ئەيىبلەي؟ قولۇڭ يەتسە ئەڭ ئېگىز شاخلاردىن ئەڭ تاتلىقدىن ئۈزۈپ يېگىن! ۋە لېكىن، جان – جىگىرىم، قېرىندىشىم، ئۇنۇتما سۆيۈملۈك ئەل – يۇرتىڭنى، ئۇ ھەمىشە يۈرىكىمنىڭ ئالتۇن تەختىدە شاھ، دېگىن!... شۇ چاغدىلا باشلىنىپ گۈلگۈن تاڭ سەھەر ئۆرلەيدۇ كۈن چىقىش ئۇپىقىغا نۇرلۇق پەرىشتە تەڭرىتاغقا نۇر چېچىپ!... پاتماي يۈرىكىڭگە مۇھەببەت تاشىدۇ بىر كۈچلۈك تاشقىندەك سەن تۇغۇلغان دالالارنىڭ گىياھىدە گۈل ئېچىپ... كۆزۈڭدە: ئەلنىڭ بەختى. دەيسەن: مېنىڭ ئەزىزانە يۇرتۇممۇ ئۆتسۇن توي تارتىپ بۇ دۇنيانىڭ كۆرەك مەيدانىدىن يۈرىكىنى سايرىتىپ... مانا بۇ غايە! مانا بۇ ناخشا! تۇتىسەن مۇھەببەتنىڭ پىيالىسىدا جانغا ھۇزۇر چېيىڭنى، ماڭلىيىدىن تەر چىپىلداپ ئېقىۋاتقان تەڭرىتاغنىڭ ئىچ – باغرىنى يايرىتىپ!... سەن بىلەن ماڭا قاراپ تۇرغان بوۋىمىز يۈسۈپمۇ كۆيگەن مانا شۇنداق ئىشقىدا جانىجان ئەل – يۇرتنىڭ لاۋۇلداپ زەر چاچقان گۈلخانىدەك... كۆيمىسە يۈرىكى، كۆيمىسە ھەربىر ھۈجەيرىسى تۆرىلەمتى غايىسىدىكى گۈزەل دۇنيا داستانىدا؟! كېلەر ئاپتاپلىق كۈندۈزدىن خەۋەر بېرىپ چولپاندەك!... ئېھ، كۆڭلۈمدىكىنى دېيەلىدىممۇ، بىلمەيمەن شېئىر دېگەن سۆز ئويۇنى ئەمەسقۇ، ئۇ، كۆيۈۋاتقان بىر يۈرەك!... بولسا دەيمەن ھەر ئىنساندىكى مۇشتۇمدەك يۈرەك ئەل – يۇرت غېمىدە ئېچىلىدىغان پۇرىقى خۇشبۇي گۈل پورەك!...
|