باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>شېئېرلىرىمىز
ۋەتەن
2008- 08- 26 18:38 شىنجاڭ گېزىتى

 مۇختەر مۇھەممەدئىمىن

يۈرىكىم سەندە، تىنىقىم سەندە،
قوينىڭدا يانار ھايات مەشئىلىم.
سەنسىز بۇ جانىم ئەمەستۇر تەندە،
ئانامسەن ئۆزۈڭ، ئەزىز ۋەتىنىم.

مەدىتىڭ بولغاچ، تېمەن يېتىلدىم،
بىر ئۆمۈر سېنىڭ مېھرىڭنى ئەمدىم.
سەن بولۇپ باھار، مەنكى قارلىغاچ،
ئىللىق باغرىڭدا سامانى كەزدىم.

چۆللىرىڭ بوستان، توپاڭ تۇتىيا،
تىكەنلىرىڭمۇ تارقىتار ئىپار.
ساڭا ھۆرمىتىم دولقۇنلۇق دەريا،
سېزىمەن ئۇندىن چەكسىز ئىپتىخار.

ۋەتىنىم سېنى دەيمەن جان ئانام،
ئىشقىڭداكۆيگەن ئوغلۇڭمەن سېنىڭ.
سنېى گۈللىمەك ئەھدىم بىر ئۆمۈر،
سېنىڭدىن ئۆزگە نېمەم بار مېنىڭ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ