|
(ساتىرا)
مۇھەممەد مۇسا
مەست دېسەڭمۇ پەرۋايىم پەلەك، نەس دېسەڭمۇ پەرۋايىم پەلەك. شاراب بىلەن ئۆتىدۇ كۈنۈم، ئۆلسەممۇ گەر پەرۋايىم پەلەك.
ئاڭلىمىدىم تەنقىد – تەربىيە، چوڭلارغا كۆپ بەردىم رەددىيە. ئىچسەم شاراب، ئۈلپەتداشلىرىم ئالقىشلىدى ئوقۇپ مەدھىيە.
ئۆزۈم كادىر، ئايلىق ئالىمەن، ھاراققىلا مەبلەغ سالىمەن. تاپقان پۇلۇم يەتمەس قەرزىمگە، بويۇن قىسىپ قاراپ قالىمەن.
ھاراق تەننى قىلغاچقا قامال، قۇتۇلۇشقا بولمىدى ئامال. قەدرىم مېنىڭ ئۇرۇلدى يەرگە، يا كەسپىمدە تاپمىدىم كامال.
مېنى كۆرسە قاچار ئادەملەر، نەپرەت ئوتى چاچار ئادەملەر. ئالۋاستىنى كۆرگەندەك گويا، تەلەتى مۇز باقار ئادەملەر.
ھاراق ئاچچىق، مېھرى بەك ‹‹تاتلىق››، ۋۇجۇدلارغا بېغىشلار ‹‹شادلىق››. كىمكى ئاڭا قۇل بولسا ئەگەر، قىلىۋېتەر شەيتانغا ياتلىق.
تاشلا دوستۇم، ھاراقنى بولدى، ھاراق قىلار ئادەمنى ھايۋان. كىم ئۇنىڭدىن ئۈزمىسە رىشتە، ئاخىر بىر كۈن قىلىدۇ ۋەيران.
|