باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>شېئېرلىرىمىز
دوستلۇق
2008- 08- 26 18:34 شىنجاڭ گېزىتى

  ۋاھىتجان غوپۇر

بۇ ئۆمۈرنىڭ زىننىتى دوستلۇق بىلەن،
قۇدرىتى ھەم لەززىتى دوستلۇق بىلەن.

بىر بۇلاق دوستلۇق دېگەن، قالماس تىنىپ،
گۈل – چېچەكلەر سۆلىتى دوستلۇق بىلەن.

نۇر ئۆزى ھەر دىلدا چاقناپ پارلىغان،
ئادىمىيلىك قىممىتى دوستلۇق بىلەن.

تاپىدۇ ياخشى ھاۋا، قۇتلۇق شىپا،
روھىيەتنىڭ ئىللىتى دوستلۇق بىلەن.

بولىدۇ مۈشكۈلمۇ ھەل، توققۇزمۇ تەل،
شان قۇچۇشنىڭ پۇرسىتى دوستلۇق بىلەن.

‹‹پۈف!›› دېسە توزۇپ كېتەر توزۇندىدەك،
ھەر كۆڭۈلنىڭ زەخمىتى دوستلۇق بىلەن.

تىلسىماتلار ئۆزىنى زاھىر قىلۇر،
كۈچ ۋە بىرلىك ھېكمىتى دوستلۇق بىلەن.

سەن ئۇنى بىلسەڭ ئەزىز، يولۇڭ ئوچۇق،
ئىككى دۇنيا زىننىتى دوستلۇق بىلەن.

دىل بېتىڭگە پۈت ئۇنىڭ لەۋھەسىنى،
چاقنىسۇن ھەربىر خېتى دوستلۇق بىلەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ