باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>ئەدەبىي ئەسەرلەر
ئانامنىڭ ساندۇقى
2008- 08- 26 18:30 شىنجاڭ گېزىتى

  (ھېكايە)

 ياقۇپ ئىسمائىل

   ئانام تولىمۇ قەيسەر ئايال ئىدى. ئۇنىڭ ئاشۇ ئاپەتلىك يىللاردا بىزنى قىيىن كۈنلەردىن ئەپچىللىك بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكى ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئۇنىڭ بىر جۈپ ئىشچان قولى، پولاتتەك مۇستەھكەم ئىرادسى، ھەمىشە ئۈمىدلىك چاقناپ تۇرىدىغان نۇرلۇق كۆزلىرى ئەنە شۇ چاغلاردا دادام باشلىق ھەممەيلەنگە ھەر دائىم ئۈمىدۋارلىق ئاتا قىلاتتى. ھەر قېتىم مۇشۇلارنى ئويلىغىنىمدا ئانامغا بولغان ھۆرمىتىم، سېغىنىشىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ... يىللار كەينى – كەينىدىن ئۆتۈپ، بىزمۇ چوڭ بولدۇق. بۇ جەرياندا بىزنى قىزىقتۇرىدىغان ھەم بىزگە نىسبەتەن سىر بولۇپ كېلىۋاتقان نەرسە ئانامنىڭ سىرلانمىغان ئاق ساندۇقى ئىدى. ئەپچىلگىنە بۇ ساندۇقنى ئانام بەك ئەتىۋارلاپ، ئۆيىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ بېساتى بولغان يوغان ئورۇس ساندۇقىنىڭ ئىچىدە ساقلايتتى. مەن ئانامنىڭ شۇ ساندۇقنى پات – پات  ئېچىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە ئويچان  قاراۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم. ئۇ ساندۇقتا زادى نېمە باردۇ؟ ئانام بۇ سوئالىمغا كۈلۈپ قۇياتتى – دە:

    ھېچنېمە، چوڭ بولغاندا بىلىسەن،  دەپ جاۋاب بېرەتتى. بۇنداق چاغلاردا دادام گەپكە ئارىلاشماي، دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ تۇرۇۋالاتتى. بۇنىڭ بىلەن  ئانامنىڭ ئاشۇ ساندۇقىغا بولغان قىزىقىشىمىز تېخىمۇ كۈچىيەتتى. ئەمما قىزىقىش ھەرقانچە كۈچلۈك بولغىنى بىلەن، بىز ئۇ ساندۇقتىكى نەرسىنى كۆرۈشكە ئامالسىز ئىدۇق. چۈنكى بۇ ساندۇق تۇنىكە بىلەن قاپلانغان ئورۇس ساندۇقىنىڭ ئىچىدە ساقلىناتتى. ئانامنىڭ دادىسىدىن قالغان بۇ تەۋەررۈك ساندۇقمۇ ئىچىدىكى ئاشۇ ساندۇققا ئوخشاش سىرلىق بولۇپ، ئاچقۇچ سېلىپ بۇرىغاندا، قوڭغۇراق چالغاندەك جاراڭشىپ كېتەتتى.

    يىللار خۇددى كالا ھارۋىسىدەك ئاستا ئۆتۈۋاتاتتى. ئانامنىڭ تىرىشچانلىقى، دادامنىڭ ئېگىلمەس – سۇنماس ئىرادىسى ئارقىسىدا ئائىلە ئىگىلىكىمىز ئاستا – ئاستا ئىزغا چۈشۈپ، ھاللىنىپ قالدۇق. ھەممە ئادەم بىزگە بىر خىل ھەۋەسلىنىپ قارىشاتتى. مۇشۇ كۈنلەردە ئانام قەۋەتلا ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، خېلىغىچە ھېلىقى ساندۇقنى قولىغا ئالمىدى. ئۇ تولىمۇ ئاق كۆڭۈل بولغاچقا، ئائىلە ئىگىلىكىنى تىكلەش توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپ كىرگەنلەردىن بىلگىنىنى ئايىمايتتى. داداممۇ ئاق كۆڭۈل، كۆكسى – قارنى كەڭ ئادەم بولغاچقا، ئانامغا يول قويۇپ، ئۇنى قوللايتتى. مەن ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلىرىنى ھەرقانچە ئويلاپمۇ ئىدىيەمدىن ئۆتكۈزەلمەيتتىم. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ھەممە ئادەم باي بولۇشنىڭ كويىدا ھېچنېمىگە قارىماي تەرەپ – تەرەپكە قاتىراپ يۈرۈپ پۇل تېپىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، ئۆز ئىشىنى تاشلاپ قويۇپ باشقىلارغا جان – دىلى بىلەن ياردەم بېرىدىغانلاردىن زادى قانچىسى باردۇ؟

    زىيادە چارچاش ئاخىر ئانامنى يىقىتتى. ئانامنى دوختۇرخانىغا ئاپارغان ئاشۇ كۈنى ھېلىمۇ ئېسىمدە. چىرايى تامدەك تاتارغان، بىر جۈپ ئوتلۇق كۆزى ئولتۇرۇشۇپ، لەۋلىرى كۆكەرگەن ئانام ئاپئاق كىرلىك يېپىلغان كارىۋاتتا ھارغىن ياتاتتى. مەن ئۇنى قۇچاقلاپ يۇم – يۇم يىغلاپ كەتتىم، ئانام بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ:

     نېمە يىغلايسەن بالام؟ ئوغۇل بالا دېگەن غەيرەتلىك بولۇشى كېرەك. داداڭ ياش تۆككىنىڭنى كۆرسە خاپا بولىدۇ، بولدى قىل...،  دېدى. ئاڭغىچە داداممۇ ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى. ئانام ئازراق دەم ئېلىۋېلىپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،  بۇمۇ بىر ھېسابتا ياخشى بولدى، مۇشۇ بانىدا دەم ئېلىپ، سىلەرگە كۆپرەك ھەمراھ بولىدىغان بولدۇم.

    كېيىن بىلسەم، ئانام مۇشۇنداق دېيىش ئارقىلىق بىزگە ھەم ئۆزىگە تەسەللىي بەرگەن ئىكەن. شۇنىڭدىن كۆپ ئۆتمەي، بىز ئانامدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدۇق. بىز سەزگەن چاغدا ئۇنىڭ ئاشقازان راكى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپتىكەن. مۇسىبەت دىلىمىزنى ئېزىپ، خېلى ئۇزاققىچە كۆزىمىزدىن ياش قۇرۇمىدى. يەتتە نەزىردىن كېيىن دادام ھەدەمنى ئانامنىڭ ساندۇقىنى ئېچىشقا بۇيرۇدى. بىز ساندۇققا قاراپ ھەيران قالدۇق. ساندۇقتا بوۋاقلارنىڭ دەزمال سېلىنىپ، چىرايلىق قاتلانغان كىيىملىرى تۇراتتى. مەن كىيىمدىن بىرنى ئېلىپ يۈزۈمگە ياقتىم، كىيىمدىن بوۋاقلارنىڭ تېنىدىن كېلىدىغان يېقىملىق بىر خىل پۇراق كېلەتتى. ئۇزاقتىن بۇيان بۇنداق ھىدنى ھىدلىمىغاچقا، تېنىم يايراپ كەتتى. كۆز ئالدىمغا ئوغلۇمنىڭ بوۋاق ۋاقتى كېلىۋېلىپ، تولىمۇ ئۇزاقتا قالغان ئۆتمۈش خاتىرىلىرى يۈرىكىمنى لەرزىگە سالدى. قولدا تىكىلگەن، قوپال بولسىمۇ تولىمۇ سۆيۈملۈك بىلىنىدىغان بۇ كىيىملەر ئانام ئۇزاقتىن بۇيان ساقلاپ كېلىۋاتقان  نەرسىلەر ئىدى.

    بۇ كىيىملەرنى سىلەر بوۋاق چېغىڭلاردا كىيگەن. ئاناڭلار ئۇنى قىممەتلىك خاتىرە سۈپىتىدە ساقلاپ كەلدى. بىز ھەر قېتىم ھاياتىمىزدىكى بۇرۇلۇش دوقمۇشلىرىغا دۇچ كەلگەندە ئۇنى كۆرۈپ تەسەللىي تاپاتتۇق. تويدىن بۇرۇنقى ۋەدىلەشكەن ھاياجانلىق مىنۇتلارنى ئېسىمىزگە ئېلىپ، غەيرەت – جاسارەتكە كېلەتتۇق. سىلەر تۇغۇلغان چاغدىكى شاد – خۇراملىق مەنزىرىلەر كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولۇپ، بىزنى داۋاملىق ئالغا چامداشقا ئۈندەيتتى. مانا ئەمدى ئاناڭلار كېتىپ مەن يالغۇز قالدىم. ھېلىمۇ ياخشى، سىلەر بار، بولمىسا قانداق قىلاتتىمكىن، تاڭ؟ ئەگەر قوشۇلساڭلار، ئاناڭلاردىن قالغان بۇ تەۋەررۈكنى ئاناڭلار ئورنىدا ھەدەڭلار ساقلىسۇن،دېدى دادام بوش ئاۋازدا. مەندىمۇ ئانامدىن قالغان ئاشۇ ياغاچ ساندۇقنى ساقلاش ئويى بولسىمۇ، دادام ئېغىز ئېچىپ قالغاچقا ئۈندىمىدىم.

   دادام سۆزىنى تۈگىتىپ ئېغىر تىندى. ئۇنىڭ تۇرقىدىن ئادەمنىڭ ئىچىنى سىيرىلدۇرغۇدەك بىر خىل قايغۇ – ھەسرەت تۆكۈلۈپ تۇراتتى. مەنمۇ يۈرىكىمنى ئازابلاۋاتقان بىر خىل ئازابلىق ھېسسىيات بىلەن ئاسمانغا قارىدىم. ئاسمان تولىمۇ سۈزۈك ئىدى. قۇياش بۇرۇنقىدەكلا ئارامبەخش نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىپ تۇراتتى. كۆڭلۈمدە نۇرغۇن ئىشلار، يۈرىكىم ھازىرلا توختاپ قالىدىغاندەك ... جاھاندىكى نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشەندۈرگىلى بولغان بىلەن، يەنە نۇرغۇنلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە ئادەمنىڭ قۇربى يەتمەيدىكەن. ئادەم ھەمىشە بەزى ئىشلار ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان چاغدا، شۇ ئىشلارنى ئورنىغا كەلتۈرۈشنى ئويلاپ قالىدىكەن. ھازىر مېنىڭ بالىلىرىممۇ چوپ – چوڭ بولدى، ئۇلارنىڭمۇ بوۋاق چاغلىرى بولغان، ئادەمنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرگۈدەك بوۋاقلىق كىيىملىرىنى كىيگەن. مېنىڭمۇ ئانامنىڭ ساندۇقىدەك ئاشۇنداق ساندۇقۇم بولغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى – ھە؟ مەن ئورنىمدىن تۇردۇم، ئانامنىڭ ساندۇقى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى... باغلىشىمەنكى، جاھاندا ئۇنداق ساندۇقى بارلار كۆپ ئەمەس...

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ