باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>تەرمىلەر
ئەدەبىياتىمىزدا ئەڭ...
2008- 08- 25 18:21 شىنجاڭ گېزىتى

   ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمىزدىكى تۇنجى رومان ‹‹قانلىق يەر››، ئاپتورى مۇھەممەدئىمىن توختايوف، 1951 – يىلى.

   تۇنجى پوۋېست – ‹‹سىناق››، ئاپتورى ئەرشىدىن تاتلىق، 1956 – يىلى.

   بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزدىكى تۇنجى رومان ‹‹قىزىلتاغ باتۇرلىرى››،ئاپتورى قەييۇم تۇردى، 1974 – يىلى.

   تۇنجى ترىلوگىيە ‹‹كۈرەشچان يىللار››، ئاپتورى قەييۇم تۇردى، 1979 – يىلى.

   تۇنجى تارىخىي قىسسە ‹‹موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە››، ئاپتورى خېۋىر تۆمۈر، 1980 – يىلى.

   تۇنجى رۇبائىيلار توپلىمى ‹‹رۇبائىيات››، ئاپتورى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، 1981 – يىلى.

   تۇنجى بېئوگرافىك رومان ‹‹قاينام ئۆركىشى››، ئاپتورى ئابدۇللا تالىپ، 1982 – يىلى.

   تۇنجى شېئىرىي رومان ‹‹گۈلمىروي››، ئاپتورى مامۇت زايىت، 1983 – يىلى.

   ئايال ئەدىبنىڭ تۇنجى رومانى ‹‹ئۆچمەس ئىزلار››، ئاپتورى ئايشەم ئەخمەت، 1983 – يىلى.

   تۇنجى پوۋېستلار توپلىمى‹‹ئارچا ياپرىقى››، ئاپتورى زوردۇن سابىر، 1984  – يىلى.

   بالىلار تېمىسىدىكى تۇنجى پوۋېست‹‹بويناق››، ئاپتورى ئابدۇرېھىم ئابدۇللا، 1985 – يىلى.

   تۇنجى تارىخىي ھېكايىلەر توپلىمى ‹‹چورۇق ھېكىم››، ئاپتورى تېيىپجان ھادى، 1996 – يىلى.

   ئىقتىساد تېمىسىدىكى تۇنجى رومان ‹‹سەپەر››، ئاپتورى تۇرسۇنجان لېتىپ، 1998 – يىلى.  ئېكولوگىيە تېمىسىدىكى تۇنجى رومان ‹‹بۆرە ئانا››، ئاپتورى توختى ئايۇپ، 1999 – يىلى.

  تۇنجى يۇمۇرىستىك رومان ‹‹دوقمۇش پاراڭلىرى››، ئاپتورى توختى سابىر، 2000 – يىلى.   تۇنجى يىرىك ئېپوس خاراكتېرلىك ئەسەر ‹‹ئانا يۇرت››، ئاپتورى زوردۇن سابىر، 2000 – يىلى.

  تۇنجى فانتازىيىلىك رومان‹‹ھالاكەت گىردابىدا››، ئاپتورى پەخرىدىن مۇسا، 2000 – يىلى.

   تۇنجى كۆپ قىسىملىق بالىلار رومانى ‹‹كرورانلىق بالىلار››، ئاپتورى پەرھات ئىلياس، 2007 – يىلى. 

   تۇنجى ‹‹خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەن ئۆسمۈر گۈلبوستان ئۆمەرجان (بۇ مۇكاپاتقا 2000 – يىلى 14 يېشىدا ئېرىشكەن)

   شېئىرلار توپلىمى چىقارغان يېشى  ئەڭ كىچىك شائىر ئابدۇۋەلى ئابدۇشۈكۈر، 14 ياش، توپلام نامى ‹‹گۈلچىراي ئانا››، 2007 – يىلى.

   ھېكايە توپلىمى چىقارغان يېشى ئەڭ كىچىك يازغۇچى گۈلبوستان ئۆمەرجان، توپلام نامى ‹‹ئاپا، مېنى سۆيۈپ قوي››، 2005 – يىلى.

   ئەڭ نادىر مۇھەببەت لىرىكىسى ‹‹تۈگىمەس ناخشا››، ئاپتورى تېيىپجان ئېليوپ.

  بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن داستان ‹‹ئاق روماللىق پەرىزات››، ئاپتورى قۇربان بارات.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ