|
(ھېكايە)
چېن يوڭلىن
ۋاڭ خەيلۇڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۆزگىرىپ ، يېڭى بىر ئادەم بولۇشنى ئويلىدى . ئەمما ئۈچ ئاي ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ، ئۇ يەنىلا خىزمەت تاپالمىدى . چۈنكى ئۇ نەگىلا خىزمەت ئىزدەپ بارسۇن ، باشقىلار ئۇنىڭ تۈرمىدىن چىققانلىقىنى ئاڭلاپلا ئۆزلىرىنى قاچۇراتتى . بىر كۈنى ئۇنىڭ تۈرمىدە بىللە ياتقان يېقىن بىر دوستى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدى . ئىككەيلەن تېلېفوندا ئۇزاق پاراڭلاشتى . دوستى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭمۇ ھازىرغىچە خىزمەت تاپالماي يۈرۈۋاتقانلىقىنى ، ئەمما شەھەردە خېلى كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان بىر ئىش بارلىقىنى ، خالىسا ئۇ ئىشنى بىرگە قىلىش تەكلىپىنى بەردى . قېيىن ئەھۋالدا تۇرغان ۋاڭ خەيلۇڭمۇ دوستىنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلدى .
ئۇ شەھەرگە يۈك بېسىپ ماڭغان بىر شوپۇرنىڭ ماشىنىسىغا چىقىۋالدى . ماشىنا ئون نەچچە كىلومېتىر يول يۈرۈپ ، بىر كەنت ئېغىزىغا كەلگەندە توختاپ قالدى . شوپۇر نەچچە سائەت ھەپىلىشىپمۇ ماشىنىنى ئوت ئالدۇرالمىدى . قاراڭغۇ چۈشتى . شوپۇر ئۇستام ئۇنىڭغا بۈگۈن بىرەر جاينى تېپىپ قونۇپ تۇرۇشنى ، ماشىنىنى ياساپ ئەتە يولغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، ئۆزى ماشىنىغا چىقىۋالدى . ۋاڭ خەيلۇڭ ئامالسىز ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ، بۇ كەنتتىن بىرەر قونغىدەك جاي ئىزدەپ ماڭدى .
ئۇ ئۈچ قەۋەتلىك بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئاستا ئىشىكنى چەكتى .
— كىمنى ئىزدەيسىز؟–ئىشىكنى بالا كۆتۈرۈۋالغان بىر ئايال ئېچىپ ئۇنىڭدىن سورىدى .
— يەڭگە ئۆيىڭىزدە بىر كەچ قونۇۋالسام بولامدۇ؟ ماشىنا يولدا بۇزۇلۇپ قالغان ئىدى....
ئايال ئىككىلەنگەندەك تۇرۇپ قالدى .
— ھە ! قارىغاندا ئاكىمىز ئۆيدە يوق ئوخشىمامدۇ؟ بولدى ، مەن باشقا يەرگە بېرىپ ئىزدەپ باقاي، –ۋاڭ خەيلۇڭ كەينىگە بۇرۇلدى .
— ھەي بولدى كىرىڭ.–ئايال ئۆي ئىچىنى ئىشارە قىلدى .
بۇ ئۆي شۇنچىلىك پاكىز ۋە رەتلىك ئىدى . ئايال ئاۋال ئۇنىڭغا بىر چىنە چاي قۇيدى ، ئاندىن بىر تەخسە لەڭمەن ئېلىپ چىقتى . لەڭمەننىڭ قورۇمىسى گۆشلۈك بولۇپ ، يەنە تېخى ئىككى تال تۇخۇممۇ چېقىلغان ئىدى .
— يەڭگە ، سىزنى تازا ئاۋارە قىلدىم ، رەھمەت سىزگە،–دېدى ۋاڭ خەيلۇڭ تاماقنى يەپ بولۇپ ئايالغا ئەدەپ بىلەن.
— ھېچقىسى يوق!
— ئاكىمىز بىر يەرگە كەتكەن ئوخشىمامدۇ؟
— شۇنداق ، ئۇ شوپۇر ، ماشىنىسىغا يۈك بېسىپ شەھەرگە كەتكەن ئىدى ، ئۆيگە بىر ئايدا ئاران بىر قېتىملا كېلەلەيدۇ ، سىز ئەمدى يۇيۇنۇۋېلىڭ،–دېدى ئايال ئۈستەلدىكى قاچىلارنى يىغىشتۇرۇۋېتىپ .
ۋاڭ خەيلۇڭ مۇنچىغا كىرىپ ئىسسىق سۇدا تازا راھەتلىنىپ يۇيۇندى . ئاندىن ئايال ئورۇن سېلىپ قويغان ئۆيگە كىرىپ ، شېرىن ئۇيقۇغا كەتتى .
ئەتىسى ئۇ ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ، يېنىدىن 100 يۇەن پۇلنى چىقىرىپ ئايالغا تەڭلىدى .
— بۇ مېنى كۆزگە ئىلمىغىنىڭىز ئەمەسمۇ؟–دېدى ئايال بويۇنلىرىغىچە قىزارغان ھالدا .
ۋاڭ خەيلۇڭ پۇلىنى دەرھال يانچۇقىغا سالدى . ئۇ ئىشكتىن ئەمدىلا چىقىشىغا ئايال ۋارقىرىدى:
— ھەي ! توختاڭە!
—نېمە ئىش ؟يەڭگە!–ۋاڭ خەيلۇڭ كەينىگە ئۆرۈلۇپ ئۇنىڭدىن سورىدى .
— مۇنداق ئىش...بۈگۈن ئوغلۇمنىڭ ئېيىغا توشقان كۈنى ئىدى ، شۇڭا سىزنى ئۇنى يۇيۇپ قويسىكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم ، بىزنىڭ بۇ يەردە مۇشۇنداق قائىدە بار،–دېدى ئايال قورۇنۇپ تۇرۇپ .
بۇ كەنتتە راستتىنلا شۇنداق قائىدە بار بولۇپ ، ئوغۇل بالا ئېيىغا توشقان كۈنى بالىنىڭ دادىسى ئەقىللىق ،سەمىمى ، باي بىر كىشىنى بالىنى يۇيۇپ قويۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، شۇنداق قىلسا ، بالا چوڭ بولغاندا شۇ كىشىگە ئوخشاش ئەقىللىق ، سەمىمى ۋە پۇلدار بولالايدىكەن .
— مېنىڭ...بۇ... بۇ... ئىشقا سالاھىيتىم توشمايدۇ ، سىز ئەڭ ياخشىسى ، باشقا بىر ئادەمنى تېپىڭ ،–دېدى ئۇ دۇدۇقلىغان ھالدا.
— سىزنىڭ نېمىشقا سالاھىيىتىڭىز توشمايدىكەن؟ بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ قائىدىسىدە ، بىز بالىنى يۇيۇشقا تاللىغان كىشىنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى يوق...
— ئەمما...ئەمما مەن ئازراقمۇ ئەقىللىق ئەمەس ، سەمىمىمۇ ئەمەس ، پۇلۇممۇ يوق ، مەن بالىڭىزغا ئامەت ئېلىپ كېلەلمەسلىكىمدىن ئەنسىرەيمەن...راست گەپنى قىلسام سىز چۆچۈپ كېتىشىڭىز مۇمكىن ، مەن بۇرۇن بۇلاڭچىلىق قىلغانلىقىم ئۈچۈن ، تۈرمىدە يېتىپ چىققان...
— مەن سىزنىڭ تۈرمىدە يېتىپ چىققانلىقىڭىزنى بىلىمەن ، سىز كېچىچە‹‹مېنىڭ ئەمدى تۈرمىدە ياتقۇم يوق ، مېنى قويۇپ بېرىڭلار››دەپ توختىماستىن توۋلاپ چىقتىڭىز . كىممۇ بۇ ئۆمرىدە خاتالىق ئۆتكۈزمەيمەن دېيەلەيدۇ ؟ مەن سىزنىڭ قايتا خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن ، تەلىپىمنى رەت قىلماڭ ، بالامنى يۇيۇپ قويۇڭ،–دېدى ئايال كۈلۈمسىرىگەن ھالدا .
— يەڭگەم بۇنداق دەۋاتقان يەردە ، مەن ئەمدى رەت قىلسام قانداق بولىدۇ؟!–ۋاڭ خەيلۇڭنىڭ كۆزلىرى نەملىشىشكە باشلىدى .
ئايال سۇ تەڭشەپ ئەكىردى ، ۋاڭ خەيلۇڭ بالىنى داسقا سېلىپ ، ياغاچتەك قېتىپ كەتكەن قوپال قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ بەدىنىگە سوپۇن سۈرتۈشكە باشلىدى...
— يەڭگە ، سىز بەك ياخشى ئىكەنسىز ! مېنى يات كۆرمەي ، ماڭا ئىشىنىپ بۇ خەيرلىك ئىشنى قىلغۇزدىڭىز ، مەن چوقۇم ھەقىقىي ياخشى ئادەم بولۇپ ، ئىشەنچىڭىزنى يەردە قويمايمەن،–دېدى ۋاڭ خەيلۇڭ بالىنى يۇيۇپ بولۇپ . ئايال باشقا گەپ قىلماستىن بېشىنى لىڭشىتقىنىچە بىر قىزىل بولاقنى ئۇنىڭغا سۇندى . ۋاڭ خەيلۇڭ ئالغىلى ئۇنىمىدى .
— بۇ سىزنىڭ بالىنى يۇيۇش ھەققىڭىز ، ئالمىسىڭىز قائىدىمىزنى بۇزغان بولىسىز،–ئايال شۇنداق دېگىنىچە بولاقنى ئۇنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويدى .
— يەڭگە ، كېيىن مېنىڭ بالام ئېيىغا توشقاندا ، مەن سىزنى ئۇنى يۇيۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمەن،–دېدى ۋاڭ خەيلۇڭ ئۇ ئايال ئۆزىنى سىرتقا ئۇزۇتۇپ چىققاندا .
دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ يېنىدا ھېلىقى شوپۇر پەيدا بولدى.
— يولداش ، ماشىنا ئوڭشالدى ، ماڭايلى!–دېدى ئۇ ۋاڭ خەيلۇڭغا .
— ئۇستام ! سىز مېڭىۋېرىڭ ، مەن شەھەرگە بارمايمەن ، ئۆيگە كېتىمەن!–ۋاڭ خەيلۇڭنىڭ ئاۋازى ماشىنا ئاۋازىنى بېسىپ چۈشتى .
مۇتەللىپ ياقۇپ تەرجىمىسى
|