باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>ئەدەبىي ئەسەرلەر
تەۋرەنمەس ئىرادە
2008- 08- 21 18:15 تەڭرىتاغ تورى

(نەسىر)     

گۈزەلنۇر غېنى

    

      دەھشەتلىك قارا بوران قاتتىق گۈركىرەپ ، دەل–دەرەخلەرنىڭ يۇمران شاخلىرىنى سۇندۇرۇپ ، ئېتىزدىكى ئەمدىلا بېشىنى كۆتۈرۈپ چىققان مايسىلارنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە نابۇت قىلدى ، لېكىن قۇترىغان بوران ئاخىرى توختىدى .    

      بوران توختىشى بىلەن ھاۋا ئېچىلىپ ، قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى ، قوي–كالىلارنىڭ مەرەشلىرى ، بوراندا سۇنۇپ كەتكەن تال چىۋىقلارنى ئات ئېتىپ ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ شوخ كۈلكىلىرى تەرەپ–تەرەپتىن ئاڭلىنىشقا باشلىدى . دېھقانلارمۇ  ئېتىز باشلىرىغا بىر–بىرلەپ كېلىپ ، نابۇت بولغان زىرائەتلەرنى پەرۋىش قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى . بوران ھەر تەرەپتىن خېلى كۆپ زىيانلارنى سېلىپ ، زېمىندىكى مەۋجۇداتلارنى بىردەملىك بوزەك قىلغان بولسىمۇ ، ئەلمىساقتىن تارتىپ جاپا–مۇشەققەتتە تاۋلانغان جاپاكەش دېھقانلارنىڭ مول–ھوسۇل ئېلىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى زادىلا بوشىتالمىدى.....

 

(ئاپتور: قەشقەر شەھەرلىك 24–ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 2–يىللىق 1–سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ