باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>ئەدەبىي ئەسەرلەر
ئۇستاز روھى
2008- 08- 19 15:38 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

(ھېكايە)

نىياز ئۇلمايت

    —بۈگۈن شەنبە تۇرسا يەنە ئىشلەمسىز؟–سورىدى ئەسەيدۇللا رىزۋاندىن .

   —ئائىلە سۆھبىتىگە بارىمەن،– دېدى رىزۋان مۇئەللىم .

  —ئاخشام بۈگۈن چۈشلۈك تاماقنى چوڭ ئۆيدە يەيدىغانغا كېلىشكەنتۇققۇ؟

  —مەن بىر سائەتكە قالماي يېنىپ كېلىمەن ، سىز بالىلار بىلەن بىردەم ئارام ئېلىپ تۇرۇڭ .

  —دۆلەتنىڭ قانۇنلۇق دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ ئىشلەمسىز؟

  —يېقىندىن بېرى ئىككى ئوقۇغۇچۇم دەرستە بەك چېكىنىپ كەتتى ، ئۇلارنىڭ ئاتا–ئانىسى شەنبە كۈنىدىلا دەم ئالىدۇ ....

 —سىزگە مەكتەپ بىلەن ئوقۇغۇچىلىرىڭىز بولسىلا بولامدۇ؟ ھېلىمۇ ياخشى ئىدارەم يېقىن بولغاچقا ، بالىلارنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزەم چىقىۋاتىمەن ، مېنىڭمۇ ئەل–ئاغىنىلىرىم بار ، ئۇلار ھە دېسىلا مېنى مازاق قىلىدۇ . بۈگۈن شەنبىدە بالىلارنى ئېلىپ ئاتا–ئانامنىڭ ئۆيىگە بارايلى دېسەم ، يەنە ئائىلە سۆھبىتى دەپ كېتىۋاتىسىز.

 —كايىماڭ ئەسەيدۇللا ، بۇرۇن سىز ماڭا نېمە دەپ ۋەدە بەرگەن؟ ئۇنتۇپ قالمىغانسىز–ھە؟ ھېچبولمىغاندا مۇشۇ بالىلار مەكتەپ پۈتتۈرگىچە چىداپ تۇرۇڭ ، مەن ئىككى سائەتكە قالماي قايتىپ كېلىمەن .

      ئەسەيدۇللا ئايالىنى ساقلاپ بىر ھازا ئولتۇرغاندىن كېيىن ، ئىككى بالىسىنى ئېلىپ چوڭ ئۆيگە كەتتى . بۇ يىلنىڭ بېشىدا مەكتەپ رەھبەرلىكى رىزۋان مۇئەللىمنىڭ سىنىپىنى مەكتەپ بويىچە قوش تىللىق ئوقۇتۇشتا ئۈلگىلىك سىنىپ قىلىپ بېكىتكەن ئىدى . رىزۋان مۇئەللىم بۇ ئېغىر ۋەزىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ ، جان–دىلى بىلەن ئىشلەپ نەتىجە يارىتىشقا بەل باغلىغان ، ئېرىمۇ ئۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانغا ۋەدە بەرگەن ئىدى . ئەسەيدۇللا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بىر زاۋۇتقا ئىشقا چۈشكەن ئىدى . ئۇ زاۋۇتتا بولسۇن ، ئەل–جامائەت ئىچىدە بولسۇن ، خېلى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئادەم بولۇپ ، ئاق كۆڭۈل ، ئائىلە ئىشلىرىغا پىششىق ، كەمتەر ، كەيپ–ساپادا يوق ئادەم ئىدى . بىراق بۈگۈن ئۇنىڭ مىجەزى باشقىچىلا بولۇپ قالغان ئىدى .

      ئەسەيدۇللانىڭ بۇنداق بولۇپ قېلىشىغا ئۆتكەن بىر كۈنى كەلگەن تېلېفون سەۋەبچى بولغان ئىدى . ئۇ كۈنى رىزۋان ياتاق ئۆيىدە دەرس تەييارلاۋاتقان بولۇپ ، بالىلىرى تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولۇپ ، ئۆز ئۆيلىرىگە كىرىپ ئۇخلاش تەييارلىقىنى قىلىۋاتاتتى . ئەسەيدۇللا بولسا سافادا يانچە يېتىپ تېلېۋىزور كۆرىۋاتاتتى . توساتتىن تېلېفون جىرىڭلىدى :

   —ۋەي ، مەن كىم ؟ تونۇپ باقە ؟–تۇرۇپكىدىن بىر مۇنچە ئەر–ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى . —سايىماخۇن ، مېنى تونىيالمىدىڭما؟ مەن ، مەن باتۇر ، ئاكاڭ باتۇر!!ئۇنىڭ ئاغزىدىن گەپلەر چۈشۈپ قېلىۋاتاتتى ، كۆپرەك ئىچىۋالغانلىقى ئېنىق ئىدى . باتۇر ئەسەيدۇللانىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى بولسىمۇ ، ئۇلارنىڭ بېرىپ–كېلىشى ئانچە قويۇق ئەمەس ئىدى .

   — ھە ، تونۇدۇم ، باتۇرمۇ سەن ؟ بۇ كەچتە تېلېفون بەرگىدەك نېمە ئىش بولدى؟–دەپ شۇنداقلا سوراپ قويدى ئەسەيدۇللا .

   — سەن بىز بىلەن ساۋاقداش ، سەن بىر ئەركەكقۇ ؟ شۇ ئەپەندى خوتۇنۇڭنىڭ كۆزىگە قاراپ ئولتۇرىۋېرەمسەن ، قاچانغىچە سايىماخۇن بولۇپ يۈرۈسەن ، قارىغاندا قولۇڭ خېمىردا ئوخشىمامدۇ ؟–باتۇر مەسخرىلىك كۈلدى .      

       ئەسلىمۇ ئارانلا تۇرغان ئەسەيدۇللا بۇ گەپنى ئاڭلاپ ، تېلېفوننى زەردە بىلەن قويۇۋەتتى . قاتتىق قويۇلغان تېلېفوننىڭ ئاۋازىدىن چۆچىگەن رىزۋان يۈگۈرۈپ چىقتى–دە:

     — نېمە بولدى ؟ بىر نەرسە ئۆرۈلۈپ كەتتىمۇ؟–دېدى ئالاقزادىلىك بىلەن . ئەسەيدۇللا:

     — ھېچ ئىش يوق ، ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ،–دېدى–دە ، تېلېۋىزورنى ئۆچۈرۈپ ئۇخلاشقا تۇتۇندى . ئەمما ئۇيان ئۆرۈلۈپ–بۇيان ئۆرۈلۈپ ، زادى ئۇيقۇسى كەلمىدى . باتۇرنىڭ دېگەن گەپلىرى بارغانچە كۈچىنى كۆرسەتكىلى تۇردى . قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىنى ئۆزىمۇ سەزمىدى . شۇ كۈندىن باشلاپ ئەسەيدۇللا رىزۋان بىلەن پات–پات تەگىشىدىغان ، رىزۋانغا تاپا–تەنە قىلىدىغان بولۇپ قالدى .

      بىر كۈنى رىزۋان مۇئەللىم مەكتەپتىن خېلى كەچ كەلدى–دە ، ئۆيگە كىرىپلا ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى شىرەگە يايدى . بۇ ھالەتنى كۆرگەن ئەسەيدۇللا تەنە قىلىپ:

 — ھەممە ئىشىڭىزنى تۈگىتىپ كەلسىڭىز بولمامدۇ ؟ ياكى بولمىسا مەكتەپنىڭ بىرەر ئېغىز ئۆينى ئېلىپ ، شۇ يەردە يېتىپ–قوپۇپ خىزمىتىڭىزنى قىلىۋەرسىڭىز بولمامدۇ ؟–دېگىنىچە رىزۋانغا چەكچەيدى .

      رىزۋان ئېرىنىڭ ئەلپازىنى كۆرۈپ ، ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا سۈكۈت قىلىپ ئۆتكۈزىۋەتتى . رىزۋاندىن ھېچ زۇۋان چىقمىغاندىن كېيىن ، ئەسەيدۇللا ئەسەبىيلەشكەن ھالدا:

 — بۇ مەكتەپ ئەمەس ، بۇ دېگەن ئۆي ، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قانداق ئىشىڭىزنى شۇ يەردە تۈگىتىپ كېلىڭ ، ئەگەر تۈگىتەلمىسىڭىز مەنمۇ بېرىپ ياردەملىشەي––دەپ زەردە قىلدى .

     رىزۋان قولىدىكى قەلەمنى شىرەگە ئاستا قويۇپ قويدى–دە:

 —ئەسەيدۇللا ، مەنمۇ مۇشۇ ئۆينى دەپ مۇشۇنداق قىلىۋاتىمەن ، بىردەم تىنچ ئولتۇرۇپ تۇرسىڭىز بولمامدۇ؟ ھازىرلا تۈگەيدۇ ، ئەتە گېزىتكە بېرىدىغان ماقالە ئىكەن ، كەم يەرلىرىنى تولۇقلىۋالاي،–دېدى مۇلايىملىق بىلەن .

 — كۆتەر ئۇنداق پىشانىسىدىن كەتمەيدىغان تۆت تەڭگەڭنى،–دەپ سەنلەپ چۈشتى ئەسەيدۇللا .

 — نېمانچە قىلىسىز؟–دېدى رىزۋانمۇ ئاچچىقىدا .

      شۇنىڭ بىلەن ئىككسى تەگىشىپ قالدى ، بالىلىرى ئارىغا چۈشۈپ جېدەلنى ئاران بېسىقتۇردى . ئەسەيدۇللا زەردە بىلەن ئىشىكنى جاڭڭىدە ياپتى–دە ، سرتقا چىقىپ كەتتى . ئەسەيدۇللا ئۆڭى ئۆچكەن ھالدا كېتىپ باراتتى ، ئاغىنىسى ئەمەت ئۇچرىشىپ قېلىپ ، ئۇنى زورمۇ زور ئۆيىگە باشلاپ كىردى . زاكۇسكا تەييار بولغاندىن كېيىن ئەمەت بىر بوتۇلكا ھاراقنى ئالدى–دە ، ئىككى رۇمكىغا قۇيدى ، ئەسەيدۇللا گەپمۇ قىلماي گۈپپىدە ئىچىۋەتتى .  شۇ ئەسنادا ئەمەت تېلېۋىزورنى ئاچتى ، تېلېۋېزوردا كەچلىك خەۋەر بېرىلىۋاتاتتى . ھايال ئۆتمەي رىزۋان مۇئەللىمنىڭ سىماسى كۆرۈندى . مۇخبىر ئۇنى زىيارەت قىلىۋاتاتتى .

  —رىزۋان مۇئەللىم ، شەھەر بويىچە يۇقىرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانىدا سىزنىڭ سىنىپىڭىزنىڭ نەتىجىسى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇشىدا نېمە سەۋەب بار؟

  — مەن بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى ، مەندە ھېچقانداق سېھرىي كۈچ ياكى ئالاھىدە ماھارەت يوق ، ئەگەر بۇ قېتىمقى نەتىجىنى سۆزلىسەم ، مەن ئالدى بىلەن ئېرىم ئەسەيدۇللاغا رەھمەت ئېيتىمەن . چۈنكى ئۇ مېنىڭ خىزمىتىمنى قوللىمىغان بولسا ، بۇ نەتىجىلەرگە ئېرىشەلمەيتتىم .

     رىزۋان مۇئەللىمنىڭ قوش تىللىق ئوقۇتۇشتا نەتىجىسى ئالاھىدە يۇقىرى بولغاچقا ، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالاھىدە مۇكاپاتلانغان ئىدى . بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ ئولتۇرغان ئەمەت ئەسەيدۇللاغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويدى . ئەسەيدۇللا بولسا كۆزلىرىگە ئىشەنمىگەندەك كۆزىنى ئۇۋۇلىۋېتىپ يەنە تېلېۋىزورغا قارىدى ، تېلېۋىزوردا شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى 5 مىڭ يۈەن پۇل چېكىنىڭ چوڭايتىلغان نۇسخىسىنى رىزۋان مۇئەللىمگە بەردى . ئەسەيدۇللا:

   —ئاداش ، مەن خاتا قىپتىمەن ، مەن رىزۋاننى خاتا ئەيىبلەپ يۈرۈپتىمەن . بولدى ، مەن ئۆيگە قايتىپ رىزۋاندىن ئەپۇ سوراي،–دېگىنىچە چىقىپ كەتتى .

      ئەمەت بىلەن ئۇنىڭ خوتۇنى ئىشنىڭ تېگى–تەكتىنى بىلەلمەي بىر–بىرىگە قاراپ تۇرۇپ قالدى .     

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ