باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى>>ئەدەبىي ئەسەرلەر
ھارپا كېچىسى
2008- 08- 18 16:23 تەڭرىتاغ تورى

 ياقۇپ ئىسمائىل  

(ھېكايە)

       بۇ ھارپا كېچىسى يۈز بەرگەن ئىش . ئەتىسى ھېيت بولغانلىقتىن ، ھەممىلا ئادەم ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئىدى . مەن خىزمەت ۋەزىپىسىنى تېخى تۈگىتىپ بولالمىغاچقا ، ھېيتنى يۇرتۇمدا ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدىم . ياتاققا قايتىۋېتىپ ، بۇ ياقا يۇرتتا گەرچە ھېيتلىق كىيىم كەيمىگەن بولساممۇ ، ئايىغىمنى بولسىمۇ مايلىتىۋالاي دەپ ئويلىدىم . 

    مايلامچىلارنىڭ يېنىغا كەلگەندە بىر توپ بالىلار مېنى ئورىۋالدى . ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممىدىن چاققان چىقىپ مېنى ئورۇندۇقىغا ئولتۇرغۇزغان بۈدرە چاچ ، يۇمىلاققىنا بىر بالا ، چاققان ھەم ئەپلىك ھەرىكەتلىرى مېنى قىزىقتۇرۇۋالدى .

    — ئاكا ، بىر تال چوكا مۇزنىڭ پۇلىغا ئايىغىڭىزنى مايلاپ بېرىمەن ، ئايىغىڭىزنى رازى بولغۇدەك مايلىيالمىسام ، پۇل بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .  ئەتە ھېيت بولمىغان بولسا ، مۇشۇنداق سوغۇقتا بىزمۇ ئاللىقاچان ئۆيگە كېتەتتۇق . سىزگە ئوخشاش سىرتتىن كېلىپ ، بۇ شەھەردە ھېيت ئۆتكۈزىدىغانلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلگەچكە ، ئۆيگە قايتماي ، سىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى دەپ مۇشۇ يەردە ئولتۇردۇق،—ئۇ بىر ياقتىن گەپ قىلىپ ، بىر ياقتىن ئايىغىمنى مايلاپ پارقىرىتىۋەتتى . ئۇنىڭ چاققان ھەرىكەتلىرى ، تاتلىق سۆزلىرى ئۈچۈن يېنىمدىن 10 سوم پۇلنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزدۇم ۋە :
    —ئاشقىنىنى قايتۇرمىساڭمۇ بولىدۇ ، بالام ، ساڭا بەرگەن ھېيتلىقىم بولۇپ قالسۇن ، ئىشلىرىڭغا بەرىكەت تىلەيمەن ، ئەتىكى ھېيتىڭغا مۇبارەك بولسۇن!
     ئۇ مەن بەرگەن پۇلنى ئېلىپ ، گەپمۇ قىلماي يەرگە قارىۋالدى . ئۇنىڭ تۇرقىدىن خىجىل بولۇۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى . مەن ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ قويۇپ يولۇمغا راۋان بولدۇم . قاتتىق سوغۇق بولۇۋاتاتتى . كۆپ ئۆتمەيلا قار ئۇچقۇنداشقا باشلىدى . 

     كۆز ئالدىمغا بايىقى مايلامچى بالىلار كەلدى . ئۇلار قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقلىرىدا ، ئەتىگەندىن كەچكىچە ، كوچىدا ئولتۇرۇپ ئاياغ مايلايدۇ—ھە؟ شۇ خىياللار بىلەن ئىچىم ئاچچىق ياتاققا كېلىپ قالغانلىقىمنىمۇ سەزمەپتىمەن . بىردەم تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ، كەچلىك تاماق يېيىش ئۈچۈن ياتاقتىن چىقتىم . تالادا شىۋىرغان چىقىۋاتاتتى . ئەمدىلا ئاشخانىنىڭ ئالدىغا كېلىشىمگە ، بىر ئىش يادىمغا كېلىپ مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى . ئىختىيارسىز‹‹سومكام!››دەپ توۋلىۋەتتىم . نۇرغۇن پۇل قاچىلانغان سومكام يوق تۇراتتى . خېلى ئۇزاق ئويلاپ ، ئاخىرى سومكىنى ئاياغ مايلاتقان چاغدا ئولتۇرغان ئورۇندۇقنىڭ ئاستىدا ئۇنتۇپ قالغانلىقىم ئېسىمگە كەلدى . شەھەر كوچىسىدا قۇتراپ يۈرگەن جۇدۇن ماڭا قىلچىمۇ تەسىر قىلمايۋاتقاندەك قىلاتتى . ئۆزەمگە–ئۆزەم مۇنداق دەيتتىم:‹‹مايلامچى بالىلار چوقۇم ئۆيلىرىگە كېتىشتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتە ھېيت ! بىر نەچچە كۈنگىچە ئۇلارنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ . يەنە كېلىپ سومكىدىكى پۇلمۇ ئاز ئەمەس . مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ، بىر جۈپ ئاياغنى بىر يۈەنگە مايلايدىغان بالىلار ئۇنچە كۆپ پۇلنى كۆرگەندە ئىنسابقا كېلەرمۇ؟›› شۇ گۇمانلاردا بولساممۇ ، يەنىلا ‹‹ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار›› دەپ كەينىمگە بۇرۇلدۇم . ھېلىقى بۈدرە چاچلىق مايلامچى بالىنىڭ چىرايى كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى . ئۇ ماڭا ‹‹مېنى ھېچنىمە قىلالمايسەن ، سېنىڭ سومكاڭنى كىم كۆرۈپتۇ ؟سومكاڭدا قانچىلىك پۇل بارلىقىغا كىم گۇۋاھ ؟›› دەۋاتقاندەك قىلاتتى . قانداقمۇ قىلارمەن ؟

       مەن كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم . مەن ئاياغ مايلاتقان يەردە بىر گەۋدە مىدىر–سىدىر قىلماي ئولتۇراتتى . توختىماي چۈشۈۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرىدا ، ئۇنىڭ كىچىككىنە گەۋدىسى كۆزۈمگە بارغانسىرى زورىيىپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى .
     —ئاخىرى كەلدىڭىز–ھە ، ئاكا ! بۇ سومكىڭىزنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنسىز ، كەينىڭىزدىن قوغلاپ بېرىپ تاپالمىدىم ، قارىسام ئىچىدە جىقلا بىر نەرسىلەر باردەك قىلىدۇ ، سىزنى چوقۇم مۇشۇ يەرگە كېلىدۇ دەپ ئويلاپ ، شۇڭا سىزنى ساقلاپ ئولتۇردۇم ، مانا سومكىڭىز ئاكا! ئىچىگە قارىۋېلىڭ!...›› ئۇ بۇ گەپلەرنى تولىمۇ تەستە دېدى . سوغۇقتىن پۈتۈن بەدىنى جالاقلاپ تىترەيتتى . ئۇنى باغرىمغا بېسىپ ، يىغلاپ كەتتىم ، ئۆزەمنىڭ بايىقى خىياللىرىمدىن تولىمۇ نومۇس قىلدىم . كىچىككىنە مايلامچى بالا ماڭا سەمىمىيلىكنىڭ دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل قىلىدىغانلىقىنى ، سەمىمى قەلبلەرنىڭ قەھرىتان قىشتىمۇ ئادەمگە ھارارەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويغاندەك ئىدى .  

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ